-
2010-10-16
تاپسۇن ھاياتىم سەن بىلەن مەنا - [يازمىلىرىم]
تاپسۇن ھاياتىم سەن بىلەن مەنا
ئىزھار قىلاي كۆڭلۇمنى ساڭا،
تاپار يۇرەك يارىسى داۋا.
سۆيەلمىدىم باشقىنى سەندىن،
ئۆزگە يارنى كۆرمۇدۇم راۋا.
-
2010-10-16
ئىلى دىھقانلار قوزغىلىڭى ھەققىدە - [ئىلى دىيارىدا]
ئىلى دىھقانلار قوزغىلىڭى ھەققىدە
تەيپىڭ تيەنگو ئىنقىلابى پارتلاپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى قايلىرىدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىيەتچى سىياسىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭلار ئارقا - ئارقىدىن پارتلايدۇ . چىڭ ھۆكۈمىتى ئېغىر سىياسىي ، ئىقتىسادىي كىرزىسكە دۇچ كېلىدۇ . ئۇ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خەلقنىڭ ئۈستىدىكى ئىقتىسادىي سېلىقنى ھەسسىلەپ ئۆستۈرىدۇ ئېلىدىكى جاڭجۇن مەھكىمىسى ئىلگىرىكى ھەر بىر تۈتۈننىڭ چىڭ ھۆكۈمىتىگە يىلىغا تاپشۇرىدىغان تۆت خو ( كىلوگىرام ) بۇغداي غەللە - پاراقنى 1863 - يىلىغا كەلگەندە 32 خوغا ئۆستۈرىدۇ .
-
2010-10-06
مەرھۈم خەلق سەنئەتكارى-داۋۇتجان ناسىر - [ئاتاقلىق كىشىلەر]
مەرھۈم خەلق سەنئەتكارى-داۋۇتجان ناسىر
داۋۇتجان ناسىر 1939–يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ مويكا مەھەللىسىدە توغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى ناسىر ئاكا خۇشپېئىل، ناخشىچى ئادەم بولۇپ، ھارۋىكەشلىك قىلاتتى. داۋۇتجان كىچىكىدىنلا دادىسىغا ئەگىشپ مەشرەپ ، ئولتۇرۇشلارغا بېرىپ ناخشا–ساز تىڭشاشنى ياخشى كۆرەتتى. ناسىر ئاكا ھارۋا ھەيدەپ يىراق سەپەرلەرگە چىققاندا ، ناخشىغا خۇمار بۇ ئوغلىنىمۇ بىللە ئېلىۋېلىشنىمۇ ئۇنتۇمايتتى.
-
2010-10-06
نەسىر:كۆز ياشر - [يازمىلىرىم]
كۆز ياش
مەن بۇگۇن ئۇزۇندىن بىرى قولۇمغا ئىلىپ باقمىغان(خىزمەت، تۇرمۇش ئالدىراشچىلىقىدا) خاتىرەمنى ئاۋايلاپ ئىلىپ ئۇنى ئاچتىم خاتىرە دەل بىر تال ئەتتىرگۇل قىستۇرۇلغان ئورۇندىن ئېچىلدى،
-
2010-10-06
ئابدۇۋەلى جارۇللايوف - [ئاتاقلىق كىشىلەر]
ئابدۇۋەلى جارۇللايوف
ئابدۇۋەلى جارۇللا 1910–يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ توغرىكۆۋرۈك مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىدە موزدۇزلۇققا شاگىرت كىرىپ، موزدۇزلار ئارىسىدىكى ناخشىچى مەشرىۋاخۇن، ھاسان بۆرى، داۋۇت توكۇر، مەھەممەت تۇرخۇن، مەسۇم توقۇم، سونىمكام دۇتار، تېيىپئاخۇن تەمبۇر، قادىر لاڭقا، ئىمىنجان ئۇستا قاتارلىق خەلق ناخشىچىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
-
2010-10-06
شېئىر:كاژ تەقدىر - [يازمىلىرىم]
كاژ تەقدىر
كۆڭۇلدىن كۆڭۆل سۇ ئىچەردەپ بىلسەڭ،
سەمەرقەنت يولىمۇ ئەمەستۇر يىراق.
كۆزۇڭگە كۆرۇنمەس تاتقان جاپايىڭ،
يەتمەكچۇن ۋىسالغائۇندەيدۇ پىراق.
-
2010-10-06
خەلق كومپىزوتىرى-ئېلاخۇن كۆككۆز (1866-1970) - [ئاتاقلىق كىشىلەر]
خەلق كومپىزوتىرى-ئېلاخۇن كۆككۆز (1866-1970)
ئېلاخۇن تىلىۋالدى( لەقىمى كۆككۆز) 1866يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە كەمبەغەل ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئېلاخۇن بىر ياشقا كىرگەندە دادىسى تىلىۋالدى ۋاپات بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە قالغان.
-
2010-10-06
تارىخىغا گۇۋاھ بولۇپ قالغايمۇ؟ - [يازمىلىرىم]
تارىخىغا گۇۋاھ بولۇپ قالغايمۇ؟
زىمىستان قىش قاپلاپ بارچە زىمىننى،
ئاپپاق قارغا چۆمكىدى ساي- سايلارنى.
زەھەردەك سوغ شامال ئۆتىدۇ ھۇلاپ ،
قىيا ئارا ئۇچۇرۇپ ھەم قارلارنى....
-
2010-10-06
سادىر پالۋان - [ئاتاقلىق كىشىلەر]
سادىر پالۋان
ﺳﺎﺩﯨﺮ ﭘﺎﻟﯟﺍﻥ 1798 - ﻳﯩﻠﻰﻏﯘﻟﺠﺎ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻮﻟﻼ ﺗﻮﺧﺘﯩﻴﯜﺯﻯ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺳﺎﺩﯨﺮﻧﯩﯔ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﯜﻙ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﻝ ﭼﯩﯔ ﺧﺎﻧﯩﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺯﯗﻟﻤﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﺘﻰ .
-
2010-10-02
بلوگنىڭ تۇغ بەلگىسى ئۆزگەرتىلدى - [يازمىلىرىم]
ياخشىمۇسىلەر دوسلار؟
بلوگنىڭ تۇغ بەلگىسى ئۇستازلارنىڭ ياردىمىدە ئۆزگەرتىلدى.ۋاقىپ بولغايسىلەر.