ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)
  • 2011-06-18

    كۈنەس ناھىيىسى - [ئىلى دىيارىدا]

     

                                              كۈنەس ناھىيىسى

    كۈنەس ناھىيىسى ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ شەرقىي بۆلىكىگە جايلاشقان. شارقىي جەنۇب تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن، غەربىي جەنۇب تەرىپى نىلقا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.. شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 52 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 65 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 7.6446 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بەش بازار، بەش يېزا، 102 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيىدە يەنە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ ئىككى تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 980 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 264 مىڭ 660 بولۇپ، قازاقلار 43.23% نى، خەنزۇلار 40.81% نى ئۇيغۇرلار 9.2% نى، باشقا مىللەتلەر 6.76% نى تەشكىل قىلىدۇ. كۈنەس ناھىيىسى ئىزچىل ھالدا ئويسۇن، تۈرك، ئۇيرات موڭغۇللىرى ۋە قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كۆچۈپ يۈرۈپ مال باقىدىغان يېرى بولۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ غەربىي رايون قورۇقچى بەگ مەھكىمىسى، ئەنشى باش قورۇقچى بەگ مەھكىمىسى ۋە بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. ئەنشى باش قورۇقچى بەگ مەھكىمىسى ۋە بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭنىڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ كۈنەس ناھىيىسى شۇنىڭغا قارىغان. مىنگونىڭ 28 - يىلى (1939 - يىلى) چەكمەن باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلۇپ، مىنگونىڭ 31 - يىلى (1942 - يىلى)غا كەلگەندە كۈنەس باشقۇرۇش ئىدارىسىغا ئۆزگەرتىلگەن، مىنگونىڭ 35 - يىلى (1946 - يىلى10-ئاينىڭ1-كۈنى) ناھىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن يەنىلا ئىلى ۋىلايىتىگە قاراپ كەلدى. ناھىيىنىڭ يەر شەكلىدىن قارىغاندا شەرقىي ئېگىز، غەربى پەس بولۇپ، شەرق، جەنۇب، شىمال تەرەپلىرىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ. تۈزلەڭلىك 21.1% نى، تاغلىق جايلار 73.2% نى، ئېدىرلىق 5.7% نى ئىگىلەيدۇ. كۈنەس دەرياسى، چاپ دەرياسى ۋە ناھىيىنى كېسىپ ئۆتكەن تېكەس دەرياسى قاتارلىق دەريا - ئېقىنلار بولۇپ، يەر ئۈستى بايلىقى 2 مىليارد 94 مىليون كۇب مېتىر. يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا چوشقا، ئۇلار قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى ۋە تىيانشان شامشادى، ياۋروپا سوۋدان تېرىكى، تاغ سوگىتى، قېيىن، ئۇچقات، سۇغىگۈل، چۈچۈك بۇيا، قانتېپەر، قارلەيلىسى،قارغاي قاتارلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، ئالتۇن، مەرمەرتاش، خرۇستال تاش، ھاك تېشى، سىڭىرتاش قاتارلىقلار بار. كۈنەس ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ مۆتىدىل قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 8.1، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 39.8، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا - 34.7، قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2693.5 سائەت، 10 يىغىندا تېمپېراتۇرا 2952.2، قىروسىز مەزگىلى 150 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 479.7 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1285.8 مىللىمېتىر. ناھىيىنىڭ چارۋىچىلىقى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بولۇپ، شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي ۋە قازاق ئېتى داڭلىق. ھازىر 38 مىڭ 300 گېكتار (574 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 60 مىڭ 600 گېكتار (909 مىڭ مو) ئورمانلىق، 353 مىڭ گېكتار (7 مىليون 995 مىڭ مو) يايلاق بار. ئاشلىق، مايلىقدان ۋە ئالما قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بار. ئېلېكتر - ئېنېرگىيە، سېمونت، گۆش پىششىقلاپ ئىشلەش، ھاراق ئېچىتىش، كەسپى ئەڭ داڭلىق بولۇپ، <ئىلى ئالىي ھارىقى> قاتارلىق بىر قاتار ھاراقلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا شۆھرەت قازانغان. كۈنەس ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخىشلانماقتا. دۆلەت يولىنىڭ 172 -، 218 - لىنىيىسى ۋە ئۆلكە يولىنىڭ 316 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېىسىپ ئۆتىدۇ، ناھىيە، يېزا، كەنتلەردىكى تاشيوللار تەرەپ - تەرەپكە تارالغان. 8500 توچكا پروگراممىلىق تېلېفون مەملىكەتلىك تورغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، سىمسىز چاقىرغۇ، كۆچمە تېلېفون ئىشلىتىلمەكتە. ناھىيە داڭلىق كۈنەس يايلىقىغا جايلاشقان. نارات مەنزىرە رايونى، قاپ دەرياسى يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانى، ياۋا مېۋىزارلىق قاتارلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جايلار، قەدىمكى ئۇيسۇن قەبرىستانلىقى، يۈەن دەۋرى قەدىمىي قىياتاش رەسىملىرى قاتارلىق مەدەنىي يادىكارلىقلار بار.

    مەنبە: كۈنەس تارىخى1995-يىلدىكى ماتىرىيالىدىن

                               


    历史上的今天:

    ياپراق 2011-06-18

    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.