ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)
  • 2010-08-14

    ھەممە ئۇيغۇر قىزلىرى بۇزۇلۇپ كەتتىمۇ؟ - [يازمىلىرىم]

                                             ھەممە <ئۇيغۇر قىزلىرى> بۇزۇلۇپ كەتتىمۇ؟

    مەن تور ئارلاپ بىر قىسىم تورداشلارنىڭ <ئۇيغۇر قىزلىرى>نىڭ شەرمىي-ھايانى ئۇنتۇپ كيىنىشتە غەلىتە،سورۇنلاردا ئىچىپ، چىكىپ قىلىۋاتقان ئەخلاقسىزلىقى،سورۇنلارنى <رەڭلىكلەشتۇرۇۋاتقانلىقى>،قىزلىرىمىزنىڭ ئەتىراپىمدا ئادەم بارمۇ-يوقمۇ دىمەي ،يىگىتلەر بىلەن قىلىشىۋاتقان چاقچاقلىرى،<خىرىدار> ئىزلەپ يۇرگەن ،يولدىن چىققان بىر قىسىم قىز-چوكانلارنىڭ يىركىنىشلىك قىلىقلىرى، ئاياللىرىمىزنىڭ تۇگۇمەس چايلىرى...... ھەققىدە يازغان ماقالىلىرىنى كۇرۇپ ئويلۇنۇپ قالدىم. توغۇرا يۇقارقى ئەھۋاللار جەمىيىتىمىزدە مەۋجۇت.تۇرمۇش ھالەكچىلىكى ئىنساننى نىمە كويلارغا سالمايدۇ، مەجبۇر قىلمايدۇ.بىر مەزگىل ھەممىمىزنىڭ بېشى قېيىپ چەتنىڭ <مەدىنىيەت قاينىمى>غا كىرىپ قىلىپ، بۇنداق بولارنى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۇرمىدۇق.بىز مۇشۇ ئەھۋاللارنى كۆرگىنىمىزدە بۇ نىمە ئۇچۇن دەپ ئۆزىمىزگە سۇئال قويۇپ باققاندۇقمۇ؟،بىز ئەرلەر ھەممىمىز  ئانمىز، ئايالىمىز ۋە قىزلىرىمىز بىلەن بىللە ياشايمىز.بىز بىر غورۇرلۇق ئەر بولۇش سۇپىتىمىز بىلەن ئايالىمىزنىڭ بىزدىن تەلەپ قىلغان ئۇ ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنى قانچىلىك بېرەلىگەندۇق؟، قىزلىرىمىزنىڭ كىيىنىشىگە، يۇرۇش-تۇرۇشىغا قانچىلىك كۆڭۇل بولەلىگەندۇق؟،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپە-ئادىتى،ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەخلاق –پەزىلىتى...قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇلارغا قانچىلىك تەلىم بېرەلىگەندۇق؟، ئۇلگە بولالىغاندۇق؟،بىر قىسىملىرىمىز ئاياللىرىمىزنى، قىزلىرىمىزنى زوراۋانلىق ۋاستىسىنى قوللۇنۇپ چىڭ تۇتتۇق دەپ ئۇلار ئادەتتە بەھرىمان بولۇشقا تىگىشلىك نورمال ھادىسىلەردىن چەكلىدۇق.بىر قىسىملىرىمىز پوقنى ئىككى قىلالماي ئايالىمىز تىپىپ ئەكەلگەننى <نەدىن ئەكەلدىڭ، نىمە ئىش قىلىپ تاپتىڭ> دىمىگەچكە ئايالىمىز زۇۋاندار بولۇپ ئايالىمىزنىڭ ئالدىدا <سايىماخۇن>بولدۇق.شۇنىڭ بىلەن ئايالىمىز ئۆزى خالىغان يەردە يۇرىدىغان ، بىز ئۆيدە بالا بېقىپ ئولتۇرۇدىغان دەرجىگە چۇشۇپ قالدۇق.بەزىلىرىمىز قىزلىرىمىزنى ئەتىۋالاپ دىگىنىنى قىلىپ بىرىپ،يامان ئۇگۇتۇپ،ئۇلار<ئون بەش سانتا يوپكا > كىيىپ يوتىلىرىنى ئىچىپ يۇرسىمۇ، ئۇپا-ئەڭلىكنى  تۇگمەنچىدەك بولۇشىغا سۇركەپ ،چاڭچىلىچىلاردەك قاش-كۆزنى گىرىم بىلەن بوياپ ئەتىدىن-كەچكىچە تالادىن كىرمىسىمۇ < مەدەنىيەت تەرەققى قىلىپ كەتتى، خەقنىڭ قىزلىرىمۇ شۇنداق يۇرىدىكەنغۇ> دەپ ساقىلىمىزغا تۇكۇرۇپ يۇردۇق.بەزىلىرىمىز نومۇس قىلماي، قانۇندىن،ئەلنىڭ قاغىشىدىن قورقماي ئەشۇ<ئۇيغۇر قىزلىرىنى> ئالداپ ئاپىرىپ باشقىلارنىڭ قوچىقىغا تاشلاپ بەردۇق…. ،ۋىژدانىمىز ئازاپلىنىش بۇ ياقتا تۇرسۇن، بەلكى ئۇلارنىڭ خارلىنىش، ئازاپلىنىش بەدىلىگە كەلگەن پۇل بىلەن ھەميىنىمىزنى تولدادۇق.يەنە بەزىلىرىمىز تېخى سورۇن تۇزسەك ئەشۇ <ئۇيغۇر قىزلىرى> بىلەن سورۇننى رەڭلىمىسەك  ،گىلىمىزدىن ھاراق ۋە نىمەتلەر ئۆتمەس بولدۇق.ھەتتا ئادىمىيلىكتىن چىقىپ نارسىدىلەرگە چېقلىپ ھايۋانىي نەپسىمىزنى قاندۇرۇپ يولدىن چىقاردۇق،تۆت تەڭگە پۇل تېپىپ بىر ئوبدان، قەدىناس ئاياللىرىمىزدىن چاندۇق، باللىرىمىزنى يىتىم قىلىپ ،ئەشۇ پاك، دىيانەتلىك ئاياللىرىمىزنى ئامالسىزيامان يولغا كىرىشكە مەجبۇرلىدۇق. بىر قىسىملىرىمىز بولسا قىزلىرىمىزنى مەكتەپتە ئوقۇتماي دىگىنىنى قىلىپ بېرىپ <ھۇنەر ئۇگىنىدۇ،پۇل تاپىدۇ> دەپ جەميەتكە چىقىرۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يامان ئۇگۇنۇپ، بەدخەجلىككە ئادەتلىنىپ قىلىپ <پۇل تاپىدىغان> بوپ كەتتى .بەزىلىرىمىز قىزلىرمىزنى <پۇلى بار> دەپ قىزىمىزياخشى كۇرمەيدىغان، ياكى ئۆزىدىن چوڭ <بەگزادە><باي> لارغا تاڭدۇق،ئۇلار نەچىچە كۇن بولماي <چىقىشالماي> توي بۇزۇلۇپ ھىلىقى < ئەتىۋاخانىش> قىزىمىزنى تۇل قىلدۇق.قىزلىرىمىزئۇزى ياخشى كۆرگەن يىگىتلەر بىلەن مىڭ تەستە توي قىلسا يىگىتنى گاداي كۆرۇپ مەجبۇرى ئاجىراشتۇرۇۋالدۇق. نەتىجىدە بىر ياكى ئىككى بالا بىلەن قىزىمىز تۇل قالدى.بەزىلىرىمىز زەھەرلىك چىكىملىكنى چىكىپ ، ئايالىمىز ،ئائىلىمىز بىلەن كارىمىز بولماي ئامالسىز ئاجىرشىپ كېتىشكە  سەۋەپچى بولدۇق.ياكى توغۇرا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانماي ھۆكۇمەت چەكلىگەن، خەلق نەپرەتلىنىدىغان زەھەر سېتىش، جىنايەت ئۆتكۇزۇش ئارقىلىق تۇرمىگە كىرىش،جىنىمىزدىن ئايرىلىش تۇپەيلىدىن ئايالىمىزنى تۇل ،باللىرىمىزنى يېتىم قىلدۇق.........يۇقارقى قىسمەتلەرگە دۇچكەلگەن ئەشۇ قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ ناھايتى ئاز بىر قىسمى يامان يولغا كىرىپ <ئۇيغۇر قىزلىرى>نىڭ نامىغا داغ چۇشۇردى. ئەمدى سىز ئويلاپ بىقىڭچۇ ئۇلارنىڭ ئەشۇنداق ھاياسىز، ئەخلاقسىز،بولۇپ كىتىشىگە كىم ئەيىپلىككەن؟كم سەۋەپچىكەن؟، سىزۋەمەن! بىز ئەرلەر! دىمەكچىمەنكى ئەرلەر ئىچىدىكى يۇقارقىدەك بىر قىسىم ئەرلەر قىز-ئاياللىرىمىزنى ئۆزىمىز بۇزدۇق.

    شۇنمۇ تىلغا ئىلىپ كېتىشكە بولۇدۇكى،بىر قىسىم قىز-ئاياللىرىمىزدىكى غەرىپلىشىشىكە چوقۇنۇش،جىنىسى ئەركىنلىك  ئېقىمىغا ئۆزىنى ئېتىش،ھاياسىزلىق،ئىتىقادىنى يوقۇتۇش مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاپەت بولدى.ئەشۇ بىر قىسىم قىزلىرىمىز نامىنى تىلغا ئالغىنىمۇ بولمايدىغان يەرلەردە ئەزىز تېنىنى سېتىپ يات تائىپىلەرنىڭ ھەميانىنى تولدۇرۇۋاتىدۇ.سىز ئۇلارغا بىرەر ئىش تېپىپ ھالال ياشىسىڭىز بولمامدۇ ؟دىسىڭىز،سىزنى تىلغا ئالغۇسىز تىللار بىلەن تويدۇرۇپ قويىدۇ.چۈنكى ئۇلار ئۇنى خالىمايدۇ، جاپا چىكىپ يۈرگىسى،ئەڭ بولمىسائاشخانىلاردا ئىشلەپ ياشىغۇسى يوق،ئۇلار راھەتپەرەس بولۇپ كەتكەن، شۇڭا بىرەر ئەرگە تېگىپ بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن ئىس چىقىرىپ بالا باققۇسى يوق.مانا بۇلار بىر ئەرلەرنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىۋاتقانلار.بىز مانا مۇشۇنداق ئىنسانى قىلىپىدىن چىقىپ كەتكەن لەرنى ئەيىپلىشىمىز،خاتا يولىدىن توسۇشىمىز كېرەك،ئۇنداق قىلماي ھەممە ئۇيغۇر قىزلىرى بۇزۇلۇپ كەتتى دىسەك مىللىتىمىزنىڭ ئوبرازىغا ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ  نامىغاداغ چۈشەرگەنلىك بولمامدۇ؟

     ئەلۋەتتە پەن-تېخنكا تەرەققى قىلىۋاتقان مۇشۇ دەۋردە مەيلى ئەرلەر، مەيلى ئاياللار بولسۇن چەتنىڭ مەدىنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرىدۇق، ھۆكۇمەت ئىشىكنى ئېچىۋەتتى دەپ ئىشكتىن كىرگەن  بىزنىڭ ئەخلاق، ئۆرپى ئادەت،ئەنئەنىمىزگە قىلچىمۇ ماس كەلمەيدىغان ئاتالمىش چەتنىڭ<مەدىنىيىتى>نى قارغۇلارچە قوبۇل قىلدۇق ھەتتا  ئاشۇرىۋەتتۇق.بۇنىڭمۇ مەلۇم تەسىرى بار.سۇنىڭ بېشى لاي بولۇپ بولۇپ ئىش بۇ دەرىجىگە يەتكەندە ھە دىسە <ئۇيغۇر قىزلىرى> ئۇنداق بولۇپ كەتتى، مۇنداق بۇزۇلۇپ كەتتى  دەپ قاخشاپ ئولتادۇق. پۇتۇن ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنىڭ ئوبىرازىغا داغ كەلتۇرۇپ ھەممە <ئۇيغۇر قىزلىرى>غا لەنەت ئوقۇماي  ھەممە قىلغۇلۇقنى ئۆزىمىز قىلىپ ، ئانداق بولدى، مۇنداق بوپ كەتتى دەپ ۋايسىاۋەمەي،ئەشۇ ئۆزىمىز يولدىن چىقارغان ۋەقارغۇلارچە <مەدىنىلىشىپ> كېتىپ بارغان پەقەت بىر قىسىم <ئۇيغۇر قىزى>نىڭ توغۇرا يولىنى تېپىشىغا بىرلىكتە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ، قولىمىزدىن قانچىلىك كەلسە ئەمىلى ئىش قىلايلى.ئۇلار پەقەت ناھايتى ئاز بىر قىسمىلا خالاس.چۇنكى ئۇلارمۇ بىز ئەرلەر ئىچىدىكى زوراۋان،ئاڭسىز،نۇمۇسسىز،ۋىژدانسىزۋە<سايىماخۇن> لارنىڭ دەستىدىن شۇ يولغا كىرىشكە مەجبۇر بولدى.بىز ئۇلارغا كۇيۇنۇپ، مىھىر ئاتا قىلىپ،ياردەم قىلىپ،يىتىم باللىرىنىڭ بېشىنى سىلاپ ئۇلارنىڭ روھىغا تەسىر كۆرسەتسەك ئۇلارمۇ بۇ يولدىن قايتىدۇ. پۇشايمان قىلىدۇ.ئۆزىنى تونۇپ يېتىدۇ.ئىناق جەميىتىمىزدە ھەممىمىزنىڭ بىر قان قېرىنداش،بىر ئائىلە ئىكەنلىكىمىزنى ھىس قىلىدۇ.بىزگەخورلۇق ھىس قىلدۇرۋاتقان ،نەپرەتلىنىۋاتقان <ئۇيغۇر قىزلىرى> مۇ تەدىرىجى ئازىيىدۇ، شۇڭا بىز ئەرلەر ئۆزىمىزنىڭ ئەرلىك سالاپىتىمىز، ئەرلىك غورۇرىمىز بىلەن،ئەر دىگەن نامىمىزغا لايىق ئىش قىلساق ئۇلارغا ھەقىقى كۆيۇنسەك ئاياللىرىمىز-قىزلىرىمىز مۇ شەرمى-ھايادىن چەتنىمەيدۇ ۋە تەربىيىلىنىدۇ.

    نۇرغۇن ئاتىلار ئۆز قىزلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە، ئەخلاقىغا ئىزچىل كۆڭۇل بۆلۇپ ئۇلارنىڭ ھەقىقى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلىپ، جەميەتكەياراملىق ئادملەردىن قىلىپ چىقىشقا يۇرەك قېنىنى سەرىپ قىلىۋاتىدۇ.

    يەنە شۇنىمۇ دىگىم كىلىۋاتىدۇ: ھەممىمىز بىلىمىز ئەشۇ <ئۇيغۇر قىزلىرى> ئىچىدىن نۇر غۇنلىغان تىللاردا داستان بولغان ئاماننىسا، نوزۇگۇم، رىزۋانگۇل، ...لەردەك سانسىز  قىز-ئاياللار چىققان.ھەم چىقىۋاتىدۇ.جۇملىدىن نۇرغۇن قىز-ئاياللار رىغابەتكە تولغان بۇ جەميەتتە تېرىشىپ ئىلگىرلەپ ھەر قايسى ساھەلەردە بىر قىسىم ئەرلىرىمىز قىلالمىغان ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقارسايەنەنۇرغۇنلىرى داڭلىق كارخانىچى،سودىگەر...بولۇپ يىتىشىپ چىقىپ جەميەتكە تىگىشلىك ھەسىسىنى قوشۇۋاتىدۇ.ئەنە شۇلارمۇ <ئۇيغۇر قىزلىرى>!

    قىزلىرىمىز- مىللىتىمىزنىڭ ئانىسى، كەلگۇسىنىڭ ئانىسى! شۇنىڭ ئۇچۇن ھەممىمىز قىزلىرىمىزنىڭ ساپالىق ئانا بولۇپ يىتىشىپ چىقىشى ئۇچۇن ئۆز مەسئولىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىشىمىز كېرەك.


    يازمامدىن


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.

    评论

  • ئەرلىك ئىپپىتىنى بۇزماي ياشاپ كىلۋاتقان ئىمانى ئەركەكلەر ياشىسۇن!
  • تېمىڭىز ياخشىكەن،مۇشۇنداق ئېسىل تېمىلار ئۈزۈلمىگەي