-
2010-08-14
يىراقتىكى گۈلۈم - [يازمىلىرىم]
يىراقتىكى گۈلۈم
يىراقلارداقالدى نىگارىم،
مەرۋايىتتەك يىشى يالتىراپ.
ئېنتىزارمەن ئۇنى كۆرۇشكە،
« تېز ئۆت كۇنلەر » دەيمەن ئالدىراپ.
يىراقلاردا قالدى گۇل-رەيھان،
تۆكۇلەرمۇ بەرگى بوراندا.
نازۇك جىسمى چاڭقاپ،سولاشسا،
بېرەلمىدىم زەم-زەم شۇ ئاندا.
يىراقلاردا قالدى مىھرىبان،
چىن دىلىدىن يوللاپ خەت، سالام!
ھەر بىر سۆزى چەككەچ قەلبىمنى،
ئىختىيارسىزئاقتى ياش تارام.
يىراقلاردا قالدى زۆھرەخان،
تاھىر بولۇپ تاغلار ئاشايمەن.
مىسكىنلىكتە قەددىڭ پۇكمىگىن،
دىدارلىشىپ كۆڭلۇڭ ئاچايمەن.
يىراقلاردا قالدى گۇلۇستان،
گۇل بېغىغا ئۇنۇپ تىكەنلەر.
گۇللەندۇرەي بېرىپ مىھرىمنى،
داغدا قالسۇن «چۆلكەن »دىگەنلەر.
收藏到:Del.icio.us
<< ھەممە ئۇيغۇر قىزلىرى بۇزۇلۇپ كەتتىمۇ؟ | باش بەت | قازاقىستان ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن، ئىليار بەختىيار >>
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.