ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) function www_mbsky_com() { var Digital=new Date() var hours=Digital.getHours() var minutes=Digital.getMinutes() var seconds=Digital.getSeconds() if(minutes >
  • 2011-11-09

    شېئىر:ئۆلگەن يۈرەك - [يازمىلىرىم]

    ئۆلگەن يۈرەك

    يۈرۈگۈم تولدى دەرتكە،

     چىلاندى زەرداپقا،

    گاھ سوقار دۇپۇلدەپ،

    گاھىدا توختار، ئۇھسىنىپ.

    شېرىن دەقىقىلەر،

    گۈزەل ئەسلىمىلەر،

    ئۇنىڭ سىماسى،

    قوزغۇتالماس،

    قالغاچقا غېرىپسىنىپ.

    ئاھ يۈرۈگۈم،

    زىدە بولۇپ  ھىجىراندىن،

    شۇنداقلا ئۆلەرمۇ؟

    ھەسرەت ئوتىدا يېنىپ.

    ئۆتكەن ئازاپىق كەچمىش ئالدىدا،

    قالغاچ بوينىنى قىسىپ.

    ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن،

    تولىمۇ شېرىن،

     قىسقىغىنا شۇ گۈزەل چاغلاردا،

    ھەممىنى ئۇنتۇغان ،

    باغرىمغا مەھكەم بېسىپ...

    تاتتىم تالاي كۈلپەت،

    قەددىم پۈكۈلۈپ،بېشىم ئىگىلىپ،

    بولدۇم ياچىۋەك،

    ۋاقىتسىز،

    ئۆزۈڭ تەنھا كېتىپ.

    كۆنۈپ كەتتىم بۇ دەرتلەرگە،

    ئۆتتۇم ئۆكسۈشلەردە،

    بەزىدە يىغلىسام ،

     بەزىدە كۈلۈپ.

    ئاچچىق كەچمىش ئالدىدا،

    ئۆزەمنى بەزلەپ،

    پەقەت،

    كەلدىم تەسەللى بېرىپ.

    بارمۇ ئامال!

    نىمجان بولغان بۇ يۈرەككە؟

    ئامالى شۇ،

    زەرداپنى تۆكەي يۈرەكىنى يېرىپ.

    ﺗﯩﺘﺮەپ ﺗﯩﻨﯩﻢ ،
    كۆزلۈرۈمدىن ﺋﯜﻣﯜﺕ نۇرى،

    غىل-پال چاقناپ،

     سۈكۈت ئىچىدە قويۇپ ﻣﯩﻨﻰ ...

     ئارام تاپتى،

    بۈگۈن يۈرەك جىمىپ.

    ئەمدى ﻣﻪﯕﮕﯘ ئارام ئاﻝ!

    جەننەتتە نىگارنى تېپىپ.

     2011-10-30

    分享到:

    历史上的今天:

ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.