-
2010-08-15
قازاقىستان ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن، ئىليار بەختىيار - [ئاتاقلىق كىشىلەر]
قازاقىستان ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن، ئىليار بەختىيار شېئىرى
ھايات شۇنداق ئوخشايدۇ
ئېھتىمالىم ،ھايات شۇنداق ئوخشايدۇ
ھايات- غەلۋىر ھەممىمىزنى تاسقايدۇ،
بىرسى كۈلۈپ ،بىرسى يىغلاپ قاخشايدۇ.
بەخىت دىگەن كەلمەيدىكەن ئۆزىدىن ،
ئېھتىمالىم، ھايات شۇنداق ئوخشايدۇ .
بىرلىرى بار ئويلىمايدۇ، ئۇخلايدۇ ،
ياخشىلىقنى يامانلىقنى ،ئۇقمايدۇ.
بىرلىرىنىڭ چېچىلا بار ئەقلى يوق ،
ئېھتىمالىم، ھايات شۇنداق ئوخشايدۇ .
ئەمدى بىرى ئەمگەك تەرىن تۆكمەيدۇ،
ئەمما لېكىن سىزدىن ياخشى كۆكلەيدۇ .
ھەر بەندىدە بىرىدىن تالانىت بار ئىكەن ،
ئېھتىمالىم، ھايات شۇنداق ئوخشايدۇ .
بىرلىرى بار ئەجەلدىنمۇ قورقمايدۇ ،
مەقسىتىگە يەتكەندىلا توختايدۇ .
بەش قول بىردەك يارالماپتۇ ئەسلىدە ،
ئېھتىمالىم ،ھايات شۇنداق ئوخشايدۇ .
ئىليار بەختىيار، قازاقىستان ئالمۇتا ئوبلاستى ئۇيغۇر رايۇنىغا قاراشلىق چوڭ ئاچنوقا يېزىسىدا،1932-يىلى تۇغۇلغان .
1957-يلى قازاقىستان ئاباي نامىدىكى پېداگوگىكا ئىنىستىتونىڭ تىل-ئەدەبيات فاكۇلتىتنى تاماملاپ، كىيىن يەنە موسكىۋادىكى ئىككى يىللىق ئالىئې ئەدەبىيات كۇرسىدا ئوقۇغان . ئۇنىڭدىن كىيىن ئوقۇتقۇچى ،‹‹ يازغۇچى›› نەشىرياتىدا ۋە رادىئو - تېلۋېزيە كومتىتىدا مۇھەرىر بولغان . ئىليا بەختىيانىڭ 1955-يىلى ،تۇنجى شېئىرلار توپلىمى ‹‹ دوسلارغا سوۋغا›› ،1982-يىلى تاللانغان شېئىرلار توپلىمى ‹‹ ھايات داۋانلىرى ›› نەشىر قىلىنغان . شائىر ئىليا بەختىيا 1988-يىلى 56 يېشىدا ۋاپات بولغان .
مەنبە ؛ تارىم جۇرنىلى 1988-يىل 11-سانى
收藏到:Del.icio.us
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.