ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)
  • 2011-09-04

    مەست بولۇپ ئېيتاي غەزەل - [يازمىلىرىم]

    مەست بولۇپ ئېيتاي غەزەل

    بەرگىنە مەي جامىنى، ئۇلپەت بولاي ئەي ساقى ،

    مەست بولۇپ ئېيتاي غەزەل ئېسىمنى ئالسۇن پۇرىقى.

    مەسلىكىمدە بولسىمۇ شۇل جەننەتىنى بىركۆرەي ،

    ھۆرلەرنى ئاشنا تۇتاي، ئاندىن بولاي دوزىقى.

    مەيلىلا كۆيسەم كۆيەي دوزاق ئوتى يالمىسۇن،

    ماڭا نىسىپ بولمىغاچ بۇ دۇنيانىڭ جەننىتى.

    سۈرۈپ دەۋران ئىمانسىز،بۇلغاپ جەننەت ئەسلىنى،

    مۆئىمىن بەندە يەكلىنىپ،بولدى رىزقى نىمىتى.

    زۇگۇلىسى تەڭ ئىدى ئەسلىدە ھەر بەندىنىڭ،

    مەنسۈپ ئەمەس نە ئۈچۈن بۇ دۇنيانىڭ راھىتى؟

    تولدى ئەلەم قەلىبكە ئۆرتەر ھەسرەت ئوتلىرى،

    ئۆز رىزقىنى خەق يىسەتاق بولمامدۇ تاقىتى؟...

    سورىقى بار ھەممىنىڭ ھىساپ ئالۇر ئىگىسى،

    ئۈمىد ئۈزمە يانبۇلاق ،كىلەر بىركۈن سائىتى!

    2011.09.02

     


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.