ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)
  • 2011-09-04

    كائىناتمۇ سالام بېرەر بىر زامان! - [يازمىلىرىم]

    كائىناتمۇ سالام بېرەر بىر زامان!

    (مەسنەۋى)

    يارالغانتىم توققۇزى تەل ئەر بولۇپ،

    ئەممائاقتى يېشىم دەريا-سەل بولۇپ.


    تېرىشساممۇ تاڭ سەھەردىن كەچكىچە،

    .ئاچچىق يۇتتۇم بۇ ئۆمۈردە يەتكىچە

     

    توۋا دەيمەن مەنمۇ ئىنسان ياراملىق،

    ئەمما دائىم قالار ماڭا باراڭلىق.

     

    بىرسى دەيدۇتىلىم تۇرسا:"سەن گاچا"

    ئىلاجىسىز بولدۇم بىلسەڭ راس گاچا.


    بىرسى دەيدۇ كۆڭلۈڭ قارا ئەزەلدىن،

    بارچە گۇنا ئۆتەر شۇڭا ئۆزەڭدىن...

     

    بۇ ئاھانەت ئۆرتەپ يۈرەك-باغرىمنى،

    كۆككە قاراپ ئايغا ئېيتتىم دادىمنى:

     

    ۋۇجۇدۇمدا يوقتۇرقارا، پاكتۇرمەن،

    تىلىم بىلەن داستان يازغان ئۇيغۇرمەن.


    بىزدە بولغان شائىر، باتۇر...ئاتاغلىق،

    يىتىلدۇق بىزئىزىن بېسىپ ياراملىق.


    قاراپ باققىن ئەجدادىمغا، ئەسلىمگە،

    ئەلمىساقتىن ئىپار چاچقان پەسلىمگە...


    يىتەر ئەمدى غەپلەت بېسىپ ياتقىنىم،

    قوشتىن چىقىپ سۆرەمنىمۇ تاتقىنىم.


    ئۆلگەن ياخشى ۋىژدانىمنى ساتقاندىن،

    نامەرت،پاسسىق ...پاتقىغىغا پاتقاندىن.


    غېرىپ كەبى يۈرگۈم يوقتۇر دەشتىدە،

    ساپايامنى دولغا ئۇرۇپ رەستىدە.


    قانداق ئۆتەي ئەل غېمىنى يىمەستىن،

    ھەق-ناھەق ئۇ قانچىلىككىن بىلمەستىن؟


    بىلگەچ يۈكنىڭ يەلكەمدىكى ۋەزنىنى،

    قۇرال قىلدىم ئىلىم پەننى-غەزنىنى.


    قەدەم باستىم كېلەچەككە ئات سېلىپ،

    ئەۋلادىمنىڭ بەختى ئۈچۈن ساز چېلىپ.


    شۇڭا دەيمەن توسالمايدۇ تاغ-داۋان،

    ئەجىرىمىزدىن گۈللەر ئاچار باغ-ۋاران.


    ئۈمىدلىرىم سارغايمايدۇ ھېچ قاچان،

    كائىناتمۇ سالام بېرەر بىر زامان!

    مەنبە:يازمام


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.