ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)
  • 2011-08-12

    شېئىر:ئۆلۈممۇ بەك گۈزەل! - [يازمىلىرىم]

    ئۆلۈممۇ بەك گۈزەل! 

    ئىنسان دۇنياغا كىلىدۇ بىر رەت،

    ياكى بالدۇر،

    ياكى كېيىن،

    كىلەركەن ئۆلۇممۇ بىر رەت.

    ئەمما بەزىلەر،

    ۋىژدان سىرتمىغىغا ئېسىلىپ،

    ئۆلۇدۇ نەچچە رەت.

    دۇنياغا قانداق كەلگىنىڭنى،

    ئاناڭدىن،

    قاچان، قانداق  ئۆلۈشۈڭنى،

    سوراپ باق ئىگىسىدىن،

    ئۆزەڭدىن،

    بىلمەس باشقىسى پەقەت.

    گاھىدا،

    تەقدىرىڭ ساڭا كىشەندۇر،

    ئۇ ھەم بۈيۈك،

    ھەم رەزىل،

    گەر باغلانساڭ ئاڭا،

    ئارماندا كېتىسەن  قۇتۇلالماي ئەبەت.

    رىزقىڭ تۈگەپ كەلسە ئەجەل،

    تۇيۇقسىز گەۋدەڭ،

    چۈشەر غولاپ.

    بىر پاي ئوق،

    ياكى بىر پىچاق،

    بولۇپ قالار ئۆلۈمگە بىر سەۋەپ.

     ئەممابەزىدە ،

    ئۆلەي دەپمۇ ئۆلەلمەيسەن،

    ئۇچقان ئوتلار ئارىسىدىن،

    چوڭقۇر دېڭىز تەكتىدىن...

    چىقىسەن ئامان،

    زارلانساڭمۇ ئاھ دەپ.

    ئەمما تىرىك تۇرۇپ،

    زۇۋانىڭ ئۆلەر،

    روھىڭ ئۆلەر،

     جىسمى ئۆلگەنگە قىلىسەن ھەسەت.

    دەيسەن بەزىدە:

    ھايات ياشاش گۈزەل!

    ۋە بەزىدە دەيسەن،

    ئۆلۈممۇ بەك گۈزەل!

    قىلىسەن ئۆلەي دەپ تەلەپ.

    ئۆلۈمدىن قىچىشمۇ تەس،

    چۈنكى،

    سەن تۈگەتمىگەن ،

    ھىساب-كىتابلار،

    سېنى قويۇۋەتمەي،

    قىلغىن دەيدۇ بىر تەرەپ.

    شۇڭا ئۆلۈم يوقتۇر ساڭا،

    مەيلى زەھەر ئىچ،

     مەيلى  قىل غەزەپ.

    كىشىنىڭ ھەققى،

    قىساس،

    تۇزكورلۇق، ئىمانسىزلىق،

    قويۇۋەتمەس سېنى،

    ھىسابىنى تۈگۈتەر ھەجەپ.

    ئىسىڭدە بولسۇن،

    روھىڭ ئۆلدىمۇ،

    ئۆلگەنگە ھىساب...

    بىلىپ قوي،

    ھايات ياشاش گۈزەل!

     گاھىدا ئۆلۈممۇ بەك گۈزەل!

     2011.08.05


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.