ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)
  • 2010-09-11

    1-ئىلى مەشرىپى ھەققىدە - [ئىلى دىيارىدا]

     

    ئىلى مەشرىپى ھەققىدە                                                    

    مەشرەپ — ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنى ھەم قائىدە–يوسۇن تەشەببۇس قىلىنىدىغان سورۇنى، شۇڭا ئۇيغۇرلاردا «بالاڭنى ئاۋۋال مەكتەپكە بەر، كېيىن مەشرەپكە» دەيدىغان ھېكمەت بار. مەكتەپ ئىنسان بالىسىغا تەپەككۈرىنى ئاچىدىغان بىلىم ئۆگىتىدۇ. مەشرەپ بولسا ئەدەب–ئەخلاق، قائىدە–تەرتىپ، ئولتۇرۇش–قوپۇش، مېھمانلارغا قانداق داستىخان سېلىش، مېھمان كۈتۈش، ئۇزىتىش، چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، كىشىنىڭ ھەققىنى يېمەسلىك، ئىجتىمائىي سورۇنلاردا ئادەمگەرچىلىككە ئەھمىيەت بېرىش، ھالال ئەمگەك ئارقىلىق ئاددىي–ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئاتا–ئانىنى ھۆرمەت قىلىش، ئىقتىسادچىل بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ساز چالالايدىغان، ناخشا ئېيتالايدىغان، ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغان، زېھنى ئۆتكۈر، ئەقىللىق، خۇش ئاۋاز قىلىپ تەربىيىلەش بىلەن بىرگە ئۇلارنى ئەل–جامائەتكە، يۇرتىغا بولغان مەسئۇلىيەتكە يېتەكلەيدۇ.

    مەشرەپنىڭ ئوينىلىش شەكلى تۆۋەندىكىچە:

    1. مەشرەپنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى بەش كىشىدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. يىگىت بېشى، قىزىبەگ (قازىبەگ؟)، پاششاپ، كۆل بېگى، مۇلازىملاردىن ئىبارەت. يىگىت بېشىنىڭ ۋەزىپىسى ئومومەن مەشرەپ ئەھلىنى باشقۇرۇش، تەشكىللەش؛ ياخشىلارنى تەقدىرلەش، يامانلارنى ساۋاقلاش، مەسىلىسى ئېغىرلارنى گۇناھىنى يۇيۇشقا بۇيرۇش ۋە جەرىمانە قويۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى زېممىسىگە ئالغان. قىزبېگى(قازىبەگ؟)نىڭ ۋەزىپىسى بولسا يىگىت بېشى بىر تەرەپ قىلالمىغان بەزى مەسىلىلەردە قازى بېگىدىن مەسلىھەت سوراش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدۇ. تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا قىزىبەگ ئەينى مەزگىلدە ئاساسەن دىنىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى. پاششاپنىڭ ۋەزىپىسى مەشرەپ ئامانلىقىنى ساقلاش، يىگىت بېشىنىڭ پەرمانىنى ئىجرا قىلىش قاتارلىقلار. كۆل بېگىنىڭ ۋەزىپىسى مەشرەپ ئەھلىنىڭ قوللىرىغا سۇ قۇيۇش، داستىخان سېلىش، تاماق تارتىش، چاي قۇيۇش، داستىخان يىغىش قاتارلىق غىزالاندۇرۇش جەريانلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. مۇلازىملار بولسا مەشرەپنىڭ ئارقاسەپ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. مەشرەپكە چىللاش، باشقا يۇرتتىكىلەرگە خەۋەر يەتكۈزۈش، مەشرەپ سورۇنىغا كېرەكلىك لازىمەتلىكلەرنى تەييارلاشقا مەسئۇل بولىدۇ.

    2. مەشرەپ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنىڭ روياپقا چىقىشى

    مەشرەپ ئەھلى ئوتتۇز ئوغۇل دېيىلىدۇ. لېكىن سانىغا چەك قويۇلمايدۇ. مەشرەپ تەشكىلى دېموكراتىك يوسۇندا سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. ئوتتۇز ئوغۇل باش قوشۇپ مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق جامائەت ئىچىدىكى ئەدەب–ئەخلاقلىق، ئۆتكۈر پىكىرلىك، جۇشقۇن، چارە–تەدبىرلىك، خۇش ئاۋاز، ئوتتۇز ئوغۇلنى توغرا يولغا باشلىيالايدىغان، ئەل–جامائەت ئىچىدە نوپۇزى بار كىشىلەر ئىچىدىن يىگىت بېشى تاللايدۇ. ئاتا بولغۇچى مەشرەپكە بالىسىنى ئۆزى بىللە ئېلىپ بارىدۇ ھەم پاششاپتىن ئىجازەت سورايدۇ. پاششاپ يىگىت بېشىغا مەلۇم قىلىدۇ، يىگىت بېشى رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن، بالا مەشرەپ سورۇنىغا كىرەلەيدۇ.

    يىگىت بېشى:

    —خوش، بۇياققا كېلىپ قاپسىلەر؟—دەيدۇ. ئاتا بولغۇچى:

    —ھە، بالام ئوقۇش پۈتتۈرگەن، ئەمدى مەشرەپكە ئەدەب–ئەخلاق، قائىدە–تەرتىپ ئۆگەنسۇن دەپ ئېلىپ كېلىشىم،—دەيدۇ.

    يىگىت بېشى:

    —ناھايىتى ياخشى، قارشى ئالىمىز، بىراق مەشرەپنىڭ تاتلىق چېيى، ئاچچىق تايىقى بار. بالىڭىز چىدالامدۇ؟—دەپ سورايدۇ. بۇ چاغدا بالا مەشرەپنىڭ تاتلىق چېيى، ئاچچىق تايىقى ۋە باشقا بارلىق تۈزۈم–تەرتىپلىرىگە بويسۇنىمەن دەپ ۋەدە بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يىگىت بېشى باشلىق بارلىق مەشرەپ ئەھلىگە:

    —ناھايىتى ياخشى، ئوبدان بالا بوپتۇ، ۋەدە بەردى، قوبۇل قىلايلى،—دېيىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوغۇل رەسمىي مەشرەپ ئەھلى بولۇپ سانىلىدۇ. مەشرەپ ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى كەچتە ئوينىلىدۇ، باشلاش، ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىلىدۇ، كېچىكمەي كېلىش ئۇقتۇرۇلىدۇ، كېچىكىپ قالغانلارنىڭ سەۋەبى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. سەۋەبلىك بولسا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. سەۋەبسىز بولسا تەنقىد–تەربىيە بېرىلىدۇ ھەم ئەھۋالغا قاراپ "بولى" قويۇلىدۇ، ئېغىرراق بولسا مەشرەپ جازاسى بېرىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق مەشرەپ ئەھلىگە ۋاقىت تەربىيىسى يۈرگۈزۈلىدۇ. "بولى قويۇش" دېگىنى كېلەر مەشرەپكە بىر قوي ياكى ئىككى قوي ئېلىپ كېلىشنى كۆرسىتىدۇ. مەشرەپ تەرتىپى بويىچە بىر قوي، بىر كىلو سارماي، ئالما ئۆلچەم قىلىنىدۇ. كېچىككەنلەر كېلەركى مەشرەپتە بۇنى ئېلىپ كېلىشى شەرت، بۇ ئارقىلىق كېچىكىپ كېلىش، ۋاقىتقا رىئايە قىلماسلىقنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

         مەشرەپ ئەھلى تولۇق يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن پاششاپ مەشرەپنى باشلاش ھەققىدە يىگىت بېشىدىن ئىجازەت سورايدۇ. يىگىت بېشى ئوتتۇز ئوغۇل تولۇق يىغىلغان بولسا «باشلانسۇن» دەپ ئىجازەت بېرىدۇ، پاششاپ كۆلبېگىگە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. كۆلبېگى ئاپتۇۋا–چۆگۈن، لۆڭگىلەرنى ئەكىلىپ مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇ بېرىدۇ، پاششاپ ئوتتۇز ئوغۇلنى چازە قۇرۇپ ئولتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. چاي تارتىلىدۇ، ساھىبخان ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ يىگىت بېشى باشلىق بارلىق ئوتتۇز ئوغۇلنى چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلىدۇ، چاي قىزىق پاراڭ، ھېكمەتلىك سۆزلەر بىلەن ئىچىلىدۇ. چاي ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، يىگىت بېشىنىڭ ئىجازىتى ئارقىلىق داستىخاننى يىغىش بۇيرۇقى بېرىلىدۇ. داستىخان يىغىلىدۇ. كۆلبېگى خۇش ئاۋاز، چاققان،تېتىك بولۇشى كېرەك. قولغا سۇ بېرىش، داستىخان سېلىش، چاي قۇيۇش جەھەتلەردە ناھايىتى سىلىق–سىپايە، ئەدەب–قائىدىلىك بولىدۇ. ھەتتا چاي قۇيغاندىمۇ چىنىنىڭ چېتىگە قۇيىدۇ. ئوتتۇرىغا قويۇپ كۆپۈك چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ. چاي ئىچىلىپ بولغاندىن كېيىن پاششاپ ئوتتۇز ئوغۇلنى «يەك تىز» ئولتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. «يەك تىز» دېگىنىمىز بىر پۇتىنى تىزللاپ، بىر پۇتىنى تىكلەپ ئولتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. پاششاپ شۇنىڭدىن كېيىن سازچىلارغا ئىشارە قىلىدۇ، باش سازچى مۇقام باشلايدۇ. مۇقام باسقۇچىلىرىنى سازچىلار زوق–شوق بىلەن ئورۇندىغاندا ئوتتۇرىدا ئولتۇرغانلار ناخشا تېكسىتلىرىدىكى ھېكمەتلەردىن، مۇڭلاردىن مەنىۋى زوق ئالىدۇ. بۇ مەزگىلدە پاراڭ بولۇنسا پاششاپ «خەپشۈك» دەپ سورۇندىكىلەرنى دىققەتكە چاقىرىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا كۆنمەي پاراڭ كۆپىيىپ كەتسە پاششاپ ئەنگە ئېلىپ قويۇپ، مەشرەپنىڭ سوئال–سوراق باسقۇچىدا قاتتىق سۈرۈشتە قىلىدۇ. ئۇخلاپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە "سۇ پۈركۈپ سۈرىتىنى تامغا تارتىش"، "چوڭ جاۋۇرغا سۇ توشقۇزۇپ، ئىچىگە تەڭگە تاشلاپ باش چۆكۈرۈپ ئالدۇرۇش" ئارقىلىق سەگىتىپ جازا بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن سازچىلار سازنى ئۇسسۇل پەدىسىگە يۆتكەيدۇ. پاششاپ ئوتتۇز ئوغۇلنى «جۈپ تىز»غا بۇيرۇيدۇ ھەم ئۇسسۇلنى باشلايدۇ. شۇ يوسۇندا بىر مەزگىل ئۇسسۇل ئوينىلىدۇ. ئوتتۇز ئوغۇل ئۇسسۇلچىلارنىڭ ماھارىتىدىن ھۇزۇر ئالىدۇ. ئۇسسۇل ئاخىرلاشقاندا پاششاپ يىگىت بېشىدىن: ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ گۈلى سورۇنغا كىرىشكە رۇخسەتمىكىن؟»دەيدۇ. يىگىت بېشى ئىجازەت بەرگەندىن كېيىن مەشرەپ ئەھلى ئىچىدە مەشرەپ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى، جامائەت ئالدىدا ئەدەب–ئەخلاققا خىلاپلىق قىلغانلارنى يىگىت بېشىغا ئەرز قىلىدۇ. يىگىت بېشى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن پاششاپقا بۇيرۇق قىلىپ ئەدەپسىزلىك قىلغۇچىنى ئېلىپ كىرىشكە بۇيرۇيدۇ. يىگىت بېشى ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقى ئۈستىدىن سوراق قىلىدۇ، ئۇ كىشى خاتالىقىنى تونۇپ توۋا قىلسا، يىگىت بېشى ۋە ئوتتۇز ئوغۇل ئۇنىڭغا كەڭچىلىك قىلىدۇ. ئەگەر كەمچىلىكىنى بوينىغا ئالمىسا، گۇناھىدىن تېنىۋالسا گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپ مەسىلىنى پاش قىلىدۇ، بۇنىڭ شۇ ئادەمنىڭ قىلمىشى ئېغىرلىشىپ، بېرىلىدىغان جازامۇ كۈچىيىدۇ ھەم نەق مەيداندا ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، بۇندىن كېيىن قايتا ئۇنداق قىلماسلىق ھەققىدە ۋەدە ئېلىپ سەپكە قوشۇلىدۇ. بىر كېچىلىك مەشرەپتە مۇشۇنداق ئىشتىن بىر نەچچىسى بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پاششاپ ئوتتۇز ئوغۇلنى «راھەت» ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. «راھەت ئولتۇرۇش» پۇتنى ئىختىيارىي سوزۇپ، ئەركىن–ئازادە پاراڭ قىلىپ، بىر–بىرى بىلەن مۇھەببەتلىك يېقىنچىلىك تېما قىلىنغان مۇڭدىشىشنى كۆرسىتىدۇ. چاقچاقچىلارنىڭ ھازىرجاۋابلىقى، يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي بولۇشى بىلەن مەشرەپ ئەھلىنىڭ كۆڭلىنى شادلاندۇرىدۇ. پاششاپ ئارىلىقتا: «ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ گۈلى پالانچى ماھارەت كۆرسىتىپ بەرسە» دەيدۇ. شۇ ئادەم سۆز ئويۇنى باشلايدۇ. بۇ ئادەم سۆز ماھارىتىنىڭ تېزلىكى، سۆزىنىڭ رېتىملىقى، مەزمۇنغا باي، تەربىيىۋىلىكىنىڭ كۈچلۈكلۈكى بىلەن ئوتتۇز ئوغۇلغا چوڭقۇر مەنىۋى زوق ئاتا قىلىدۇ. پاششاپ يەنە «پالانچى بىرەر پەدە مۇڭ قىلىپ بەرسە» دەيدۇ. بۇ ئادەم ئۆزى تاللىغان چالغۇ ئەسۋاب بىلەن ماھارەت كۆرسىتىپ سورۇندىكىلەرنىڭ ئالقىىشىغا سازاۋەر بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ماھارەتلەردىن بىرقانچىسى ئىجرا بولغاندىن كېيىن پاششاپ ئوتتۇز ئوغۇلنى «چازا» قۇرۇپ ئولتۇرۇشقا بۇيرۇق بېرىدۇ،ئاندىن كۆل بېگىگە بۇيرۇق بېرىدۇ. كۆل بېگى مېھمانلارنىڭ قولىغا ئەدەب بىلەن سۇ بېرىدۇ. ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ داستىخان تەييارلايدۇ. غىزاغا يۇقىرى چەك قويۇلمايدۇ، ئىختىيارىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. غىزا تارتىلغاندىن كېيىن سۇيۇقئاش مول–مەزمۇنلۇق پاراڭلار بىلەن ئىچىلىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.

    评论

  • بلوگخڭىزدە خەت نورمھل چىقمايدىكەن
    مەن ياردەن قىلاي چچ 285134959
    نى قاچىلاڭ