-
2010-09-11
سىڭلىمغا نەسىھەت - [يازمىلىرىم]
سىڭلىمغا نەسىھەت
سەن مۇھەببەتلەشكىنىڭدە ھەرگىزمۇ تەۋەككۇلچىلىك قىلما،ئېغىر-بىسىق بول.ھەممە چىمەننىڭ گۇللىرى يىراقتىن ئوخشاش كۆرىنىدۇ.ئالدىراپ پۇراقسىز گۇلگە ئۇچۇراپ قالما.ھەقىقى ئاشۇق-مەشۇق بولاي دىسەڭ،سۆيگۇنىڭنىڭ كۆڭلىنى ھەر تەرەپتىن ئىزلە.ئويناشتىم دەپ سۇ چاچما، ئاق كۆڭلەك داغ بولىدۇ.ئويناشتىم دەپ گەپ قىلما،مۇھەببەتلىك كۆڭۇلگە داغ چۇشىدۇ.مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا ھەممىدىن قېيىن ئىش شۇكى-يېقىن ۋە سەن ئىشىنىپ يۇرگەن، ئۇگىنىپ قالغان كىشىلەر ئىچىدىن دۇشمەننى ئايرىۋىلىشتۇر. بۇنىڭغا ياخشى دىققەت قىل. ئەگەر مۇھەببەت شەيتانلىرى ساڭا گۇل تەڭلىسە، قەلبىڭنى تامغا قىلىپ باسقان ئەقىدەڭگە سادىق بول. ئەگەر سەن مۇھەببەت باغلىغان يىگىت ساڭا كۆيىمەن، سىنى مەڭگۈھۆرمەتلەيمەن…. دىسىمۇ يەنىلا سىناپ كۆر. تىلى شىكەر، دىلى زەھەرلەردىن بولۇپ قالمىسۇن.ئۇ سىنى چىن قەلبىدىن سۆيگەن بولسا،بارلىقىنى ساڭا ئاتالايدۇ. ئۇنىڭ مۇھەبىتى پاك ئىكەنلىكىگە ئىشەنسەڭ، ئاندىن كۆڭلۇڭنى بەر،چۈنكى سىنىڭ بەختىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئىچىلىشى كېرەك ئەگەرسەنمۇ ئۇنى سۆيسەڭ بىر ئۆمۇر ئۇنىڭغا سادىق ھەمرا بول،شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ مۇھەببىتىڭنى خار قىلما!،مىللىتىڭنىڭ ئەنئەنىسى ئىسىڭدە بولسۇن،شەرمىي ھايالىق، ئىپپەت-نومۇسلۇق ،ۋىژدانلىق ئايال بول..شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قوياي،ئۆز بەختىڭ ئۇچۇن باشقىلارنىڭ بەختىنى قۇربان قىلىش ئەڭ ۋىژدانسىزلىقتۇر.
2010-7-5
历史上的今天:
ئاۋازلىق ئەسەر- سادىر پالۋان 2010-09-111-غۇلجاشەھەردىكى خەنزۇ بازار ھەققىدە 2010-09-11ۋاپاسىز ئوغول 2010-09-112-غۇلجا شەھىرىدىكى خەنزۇ بازىرى ھەققىدە 2010-09-111-ئىلى مەشرىپى ھەققىدە 2010-09-11
收藏到:Del.icio.us