ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)
  • 2011-09-04

    ئوغۇلمەن - [يازمىلىرىم]

    ئوغۇلمەن

    قوش-سۆرەمدە يەر تېرىپ،داخان ئىزدەپ پال ئېچىپ،

    بەگ-غوجامغا يىلىنىپ،غۇربەت ئۆتكەن ئوغۇلمەن.


    كەتكەچ تۈنلەر ئۇزۇراپ،تاڭنى كۈتۈپ ھالسىراپ،

    قاراڭغۇدا يول ئىزدەپ،مەشئەل ياققان ئوغۇلمەن.


    دۈشمەن كەلسە يا كېرىپ،كۆكرىگىنى قان قىلىپ،

    نامىم ئەلگە تارقىلىپ،زەپەر قۇچقان ئوغۇلمەن.


    پەرھاد كەبى تاغ يېرىپ،داۋانلاردىن يول ئېلىپ،

    ئەل باغرىغا گۈل تېرىپ ،بوستان قىلغان ئوغۇلمەن.


    چاڭقىغانغا سۇ بېرىپ،مىھمانلارغا ساز چېلىپ،

    ئۆزگىلەرنى نار قىلىپ،چۆلدە قالغان ئوغۇلمەن.


    تۇشمۇ تۇشتىن سەل كېلىپ،يۇرت-ماكاننى يار ئېلىپ،

    كەلسە قۇرۇق قول سېلىپ،قۇچاق ئاچقان ئوغۇلمەن.


    دوستۇڭمەن دەپ جار سېلىپ، كۆڭلىمنى زەپ رام قىلىپ،

    كەلسە سەتەڭ ناز قىلىپ، "بەخىت تاپقان" ئوغۇلمەن....


    ئۆتمەي دىدىم خارلىنىپ،تىلەمچىدەك زارلىنىپ،

    نادانلىقنى يوق قىلىپ، كۆزۈم ئاچقان ئوغۇلمەن.



    ئىلىم –پەننى باش قىلىپ،ئەلدەك مەنمۇ ئاتلىنىپ،

    ئەجدادىمنى خوش قىلىپ،دۇئا ئالغان ئوغۇلمەن.

    مەنبە:يازمام


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.