-
2010-09-04
شېئىرىم مىنىڭ ھەمرايىم - [يازمىلىرىم]
شېئىرىم مىنىڭ ھەمرايىم
مىسىرالار تىزىمەن جىمجىت كېچىدە،
زەنجىردەك باغلىنار ھىسيات بىرمۇ-بىر.
بەزىدە ھەمرادۇر يۇلتۈز بىلەن ئاي،
كۈنلىرىم ئۇلۇشۇپ كىلەر سىنتەبر.
كەلگەندە مۇدىھىش فىېۋىرال ئىيى،
پاناھسىز دەرۋىشتەك نىدا قىلىمەن.
شېئىرىم ئوت بولۇپ ھەمرا بولمىسا ،
تەنھالىق ئىلكىدە نابۇت بولىمەن.
نازلانغان قىز كەبى باھار شامىلى،
ۋاراقنى ئۇچارتاركىرىپ يوچۇقتىن.
قىزغىنىپ قەلىمىم تېز-تېز سەكرەيدۇ،
ئىلھامدىن زوق ئىلىپ پۇتەر تۇيۇقتىن.
بەزلىمەك بولىمەن دائىم كۆڭلۈمنى ،
مىسرادىن گۈلدەستە تىزىپ ھەر زامان.
شۇندىمۇ ۋىجدانىم قويماي ئارامدا،
يازغىنا دەر دائىم رەزىل بۇ جاھان!
بەزىدە ئويلىرىم تولار سۇئالغا،
ئىزدەيمەن جاۋاپنى شۇندائەسيادىم.
تەسەللى بېرىدۇ مىسرالىرىدىن،
ھەمسۆھبەت شېئىرىم مىنىڭ ھەمرايىم.
历史上的今天:
ئوغۇلمەن 2011-09-04مەست بولۇپ ئېيتاي غەزەل 2011-09-04كائىناتمۇ سالام بېرەر بىر زامان! 2011-09-04
收藏到:Del.icio.us
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.