ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)
  • 2010-09-06

    ئىلىنى ساياھەت قىلغىڭىز بارمۇ؟ - [ئىلى دىيارىدا]

    ئىلىنى ساياھەت قىلغىڭىز بارمۇ؟

    نارات يايلىقى كۈنەس ناھىيسى تەۋەلىگىدە بۇلۇپ. ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ مۇھىم قاتناش يولىغا جايلاشقان، غەرب تەرىپى كۈنەس ناھىيىسىگە، ھەتتا غۇلجا شەھىرىگىچە يېتىپ بارىدۇ، 312 - دۆلەت يولىغا بىۋاسىتە تۇتىشىدۇ، شەرق تەرىپى قەدىمكى يولنى بويلاپ بولغۇنتاي تاشيولىغا تۇتىشىدۇ. تەڭرىتاغنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن مايتاغ - كۇچا تاشيولىمۇ نارات يايلىقىدىن ئۆتىدۇ. نارات يايلىقى دۇنيادىكى 4 چوڭ يايلاقنىڭ بىرى بولغان سۇبئالپ چىم ئۆسۈملۈك رايونى ھېسابلىنىدۇ، بۇ يايلاق قەدىمدىن بۇيان مەشھۇر يايلاق سانىلىپ كەلگەن، بۇ جايدىكى تەكشى دەريا ۋادىسى، ئېگىز تاغ چوققىلىرى، چوڭقۇر جىلغىلار، باراقسان ئورمانلار، چەكسىز ئوتلاقلار بىر - بىرىگە گىرەلىشىپ، شۇ جاينىڭ قازاقچە ئۆرپ - ئادىتى بىلەن سىڭىشىپ، سەيلى - ساياھەت، ئىلمىي تەكشۈرۈش، ھاۋالىنىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش، سالقىنداش، دەم ئېلىش، خاتىرە بۇيۇم سېتىۋېلىشنى بىر گەۋدە قىلىنغان سەيلى - ساياھەت ئىستىراھەت رايونىغا ئايلانغان.
        قەدىمىي گۈزەل دىيارنىڭ بىرى بولغان ئىلى ۋادىسى ئەسىرلەردىن بۇيان زېمىنلەرنىڭ جەننىتى دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن بۇلۇپ ، ھاۋاسى يېقىشلىق، يېرى مۇنبەت، بايلىقى مول، مەنزىرىسى گۈزەل، شەرق - غەرب قاتنىشىدىكى مۇھىم ئۆتكەل بولغانلىقتىن، تارىختا ھەربىي ئىستىراتېگلار تالىشىدىغان جايغا ئايلانغان. تارىختا بولۇپ ئۆتكەن ئالەمشۇمۇل زور ئۆزگىرىشلەر، مىللەتلەرنىڭ زور كۆچۈشلىرى، ھەربىي يۈرۈشلەر ئۇنىڭ باغرىدا ئۆز ئىزىنى قالدۇرغان. غۇلجىنىڭ تارىختا يەنە ( مىڭلاق )، ( ئىلى بالىق )،  ( ئىلا شەھىرى ) دېگەن ناملىرىمۇ بولغان . بىزنىڭ باتۇر، ئەمگەكچان ئەجدادلىرىمىز بۇ گۈزەل زىمىننى ئەسىرلەر بويى قان- تەر تۆكۈپ قۇرۇپ چىققان ۋە ئاۋاتلاشتۇرغان، ئۆزىگە خاس ماددى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت ياراتقان.
    قېنى ئەمسە غۇلجىدىكى بەش كۈنلۈك ساياھىتىڭىزنى باشلاڭ .
    بىرىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئۇرۇمچىدىن  
    سۈزۈك
    سۇ ( چىڭسىخوزا )غا قاراپ يولغا چىقىسىز. (مۇساپە تەخمىنەن 650كىلومېتىر ) . گۈزەل مەنزىرىلىك كەڭساينى ئارىلاپ ئۆتۈپ تارىختا :
                      
    تەلكىنىڭ داۋانىدىن،
                      
    كارۋان توختىماي ئۆتتى.
                     
    سۇلايمان يىغلىغان بىلەن،
                      ئېلاخۇن يىغلىماي ئۆتتى.

    تەلكە داۋىنى
    دەپ تەرىپلەنگەن تەلكىنىڭ داۋىنىدىن ئۆتىسىز.
          كەڭساينى ياۋا مېۋىزارلىق ۋە ھەرخىل گۇل-گىياھ ، دەل –دەرەخلار قاپلىغان بۇلۇپ ، يازدا تاغ شامىلى سۇقۇپ تۇرىدىغان بۇ جاي كىشىگە سالقىنلىق ۋە راھەت بېغىشلايدۇ .

    ئالمىلىق ساي
    ئاندىن ، ئېگىز تاغلىقتىكى مۆجىزىسىمان ، كىشىنى ھاياجان ، ھەيرانلىق ۋە ئاپىرىن تۇيغۇسىغا سالىدىغان ، ( يىپەك يولى ) نىڭ شىمالىي لىنىيىسىدىكى  
    يېشىل ياقۇتتەك كۆزگە تاشلىنىپ تۇرغان سايرام كۆلىگە يېتىپ كىلىسىز .
           سايرام كۆلىنىڭ بويى قەدىمدىن تارتىپ كارۋانلارنىڭ تەڭرىتاغنىڭ  شىمالىدىكى يىپەك يولىدىن ئىلى ۋادىسىغا كىرىپ – چىقىشىدا، شەرقتە چاڭئەن، لوياڭلارغا، غەربتە پېرسىيە، رۇملارغا بېرىشىدا بېسىپ ئۆتىدىغان يولى بولۇپ كەلگەن
    .

    سايرام كۆلى
       سايرام كۆلىنىڭ گۈزەل  مەنزىرىلىرىدىن قانغۇچە ھوزۇرلانغاندىن كېيىن  ، سەپىرڭىزنى داۋاملاشتۇرۇپ  ئوتتۇرا ئاسىياغا مەشھۇر ئۆتەڭ ئالمىلىق ساي ( گوزىگوۋ) دىن  ئۆتۈپ ، قورغاس چىگرا ئېغىزى ئارقىلىق ، قورغاس ناھىيىسىگە قاراشلىق سۈزۈك سۇ ( چىڭسىخوزا  ) بازىرىدا قۇنۇپ قالسىڭىزمۇ بۇلۇدۇ. 
         ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە چىڭسىخوزىدىن ناراتقا قاراپ يولغا چىقىسىز . (مۇساپە 450 كىلومېتىر ) .نارات يايلىقى بىزنىڭ  كۈنەس ناھىيىسىدە بۇلۇپ ، قەدىمدىن بۇيانقى داڭلىق چارۋىچىلىق مەيدانى .
      
    يايلاقتىكى مەنزىرىلىك رايون جەنۇپتىن شىمالغا سوزۇلغان تاغلىق يايلاق رايونى  ،قازاقلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت رايونى ۋە ساياھەت تۇرمۇش رايونىدىن تەركىب تاپىدۇ . نارات يايلىقىدىكى ئۆزگىچە بولغان نۇرغۇن مەنزىرلەر ،رەڭگارەڭ گۈللەر ، خىلمۇ-خىل ئوت-چۆپلەر ،ھەر خىل ھايۋانلار ،ئۇچار قوشلار ناھايتى گۈزەل مەنزىرىنى نامايەن قىلغان .  
       ناراتنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن ھوزۇرلانغاچ ، كەچتە ناراتتا ئارام ئالىسىز نامرات كۆرمىسىڭىز بىزنىڭلىدە قونسىڭىزمۇ بۇلۇدۇ .  بىزنىڭ ئۆي دەل كۈنەس ناھىيسىنىڭ مەركىزىدە. ئۈچىنچى كۈنى كۈنەس بازىرنى ساياھەت قىلىپ ئەتىسى غۇلجا شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىسىڭىزمۇ بۇلۇدۇ.

     

    يايلاق
    (مۇساپە 280كىلومېتىر ).  كۈنەس دەرياسى ، ئىلى دەرياسى كۆۋرۈكى ۋە ئىلى دەرياسىنى تاماشا قىلىسىز .

     

    ئىلى دەريا چوڭ كۆۋرىكى


    دەريا بويىدىكى شىپاڭ

    كەچتە غۇلجا شەھىرىدە قۇنۇپ ، تۆتىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقىسىز .
    (مۇساپە 700كىلومېتىر ) . خەير - خوش   يەنە كىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

    ئەسلى يازما:پىداكار بلوگى


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.

    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم! ياخشىمۇ سىز؟
    مەن ناراتنى 2يىل ئىلگىرى ساياھەت قىلغان. بۇ يەرنى جەننەت دىسە بولىدىكەن. يەنە پۇرسەت بولۇپ قالسا ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىر بىرىپ كىلىمەن، خۇدايىم بۇيرىسا.
    ئەلفىرات回复پەزىلەت说:
    ياخشىمۇسىز پەزىلەت؟ بلوگىمغا قەدەم تەشىرىپ قىلغىنىڭىزدىن ىوش بولدۇم. رەخمەت. يەنە كېلىپ قىممەتلىك پىكىرلىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويارسىز.
    2010-10-04 19:47:24