ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-09-08

    ئىلىدىكى تاتارلار ھەققىدە-2 - [ئىلى دىيارىدا]

    ئىلىدىكى تاتارلار ھەققىدە

    ئىلىدىكى تاتار مەرىپەتچىلىرى يالغۇزلا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيەت- مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماستىن، قېرىنداش خەلقلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت- مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۇشتە بارلىق كۈچىنى سەرپ قىلدى.1933 - يىلدىن كېيىن غۇلجا شەھىرىدە 20 دەك باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇلغان بولسىمۇ، مانا بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مۇئەللىملەر جىددىي ئېھتىياجلىق ئىدى. بۇ زور قىيىنچىلىقنى تاتار مۇئەللىملىرى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. يىگىرمىچە مەكتەپنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك تاتار مۇئەللىملىرى بار ئىدى. بەزى مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرىمۇ تاتارلار ئىدى. بۇ مۇدىر ۋە مۇئەللىملەر پەقەتلا ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەنلا مەشغۇل بولۇپ قالماي، خەلقتىن ئىئانە توپلاپ، بالىلارغا كېرەكلىك قوراللارنى ۋە مەكتەپ ئىقتىسادىنى تەمىن قىلاتتى. غۇلجىدىكى مەكتەپلەر 1937 - يىلغىچە خەلق خىراجىتى( ئۆشرە - زاكات، پىتىر، خەلق ئىئانىسى) بىلەن تەمىن قىلىنغان. 1937 - يىلدىن كېيىن مەكتەپلەرنى ھۆكۈمەت تەمىنلەشكە باشلىغان. بۇ جاپالىق، قىيىن شارائىتلاردا زەينەپ خانىم يىلقىباي، رەشىدە خانىم شەھىدەۋا، ماھىنۇر سىراجى، مۇنىرە خانىم ۋاھىت، غارىپ سىراجى، زۆھرە يىلقىباي، رەمزىيە يىلقىباي، نازىم بېكىنىي، رەشىدە باراتوۋا، پاتىمە بۇرناشېۋا، مالىك بېكتېمىروف، پاتىمە خاپپار، جامال سەفەرغەلىيېۋا، فەرىخە غەلىئەكبەر ۋە باشقا كۆپلىگەن تاتار مۇئەللىم ۋە مەرىپەتچىلىرى ئىلى دىيارىنىڭ مەدەنىيەت- مائارىپىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئۆلمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.
    پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى زەينەپ خانىم يىلقىباي 1943 - يىلى غۇلجىدىكى خەيرىيە، نەمۇنە، تائالىيە، ئىلى ۋىلايەتلىك قىزلار مەكتىپى ۋە سايرامىيە مەكتەپلىرىدە مۇدىر ۋە مۇئەللىمە بولۇپ ئىشلىدى. ئۇ تەربىيىلىگەن تاتار، ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۇڭگان ۋە قىسمەن خەنزۇ پەرزەنتلىرى جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىدە ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدى. 40 يىل ئۆمرىنى مەرىپەتكە سەرپ قىلغان مۇنىرە ۋاھىت، غۇلجىدىكى يېتىملار مەكتىپى خەيرىيە( كېيىنرەك ئايخان مەكتىپى دەپ ئاتالدى) مەكتىپىنى دەسلەپكى كۈنىدىن تارتىپ تىكلەشتە ئۆزىنىڭ ئايال ئىكەنلىكىگە قارىماستىن مۇشەققەتلىك كۈنلەردە ئەرلەر بىلەن تەڭ ئىشلىگەن زۆھرە يىلقىباي، مەرىپەت ساھەسىدە 30 يىلغا يېقىن ئىشلىگەن ئەر-ئايال غارىف سىراجى بىلەن ماھىنۇر سىراجى غۇلجىدىكى ئۈمىد مەكتەپ ۋە باشقا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە 25 يىلغا يېقىن تەر تۆكۈپ ئەمگەك قىلغان رەشىدە باراتوۋا ۋە باشقىلارنىڭ ئىزگۈ پائالىيەتلىرىنى قەدىرلىشىمىز كېرەك. ئورنى كەلگەندە شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، غۇلجا شىپاخانىلىرى ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئورگانلىرىدا ئىشلىگەن تاتار دوختۇر ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئاز ئەمەس. ئەنە شۇلارنىڭ ئارىسىدا دوختۇر شامىل تاجىدىنوف بىلەن شەفىقە سەدىردىنوفلارنىڭ شەرەپلىك نامى بار. ئۇلار ھەر كۈنى شىپاخانىلاردا خەلقنى داۋالاش بىلەن بەند بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن غۇلجىدىكى تېببىي تېخنىكۇمدا ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتۈپ تېببىي كادىرلارنى تەربىيىلەشتە چوڭ ھەسسە قوشتى. ئىلىدىكى تاتارلار يالغۇزلا مەدەنىيەت - مائارىپ ساھەسىدىكى ئىشلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ سەرپ قىلىپ قالماستىن، تىياتىر ۋە سەنئەت ساھەسىدىمۇ كۆپ پائالىيەت كۆرسەتتى. ئۇيغۇر، ئۆزبېك مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرى بىلەن بىرلىكتە تاتار مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ سانايى نەپىسە ئۆمىكى قۇرۇلدى. ئۇلار خەلق ئاممىسىغا «باشماغىم»، «تاھىر-زۆھرە»، «ئاسىليار»، «غالىيەبانۇ» غا ئوخشاش سەھنە ئەسەرلىرىنى نامايىش قىلدى. 30 - يىللاردىكى ئىلى ئۇيغۇر تىياتېرى شەرت - شارائىتنىڭ ئەڭ قىيىن مەزگىللىرىدە تاتار ئاياللىرى خەدىچە، مەدىنە، شەكۇرە ئابباسوۋا، پەرىدە، مۇنەۋۋەر، پىرۇزە سىراجىدىنوۋالار ئۆز خىزمەتلىرىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭدەك ئەدەبىيات، مەتبۇئات ساھەسىدە ئىشلىگەن تاتار مەتبەئەچىلىرى بىلەن يازغۇچى-شائىر، ژۇرنالىستلىرى ئۇيغۇر نەشرىيات ۋە تەھرىر بۆلۈملىرىدە ئۈنۈملۈك ئەمگەك قىلدى. 1934- يىلى غۇلجا شەھىرىدە چىقىدىغان ئىلى دەرياسى گېزىتىگە ھەبىب يۇنىچى باش مۇھەررىر بولغان بولسا، 1944 - يىلدىكى ئىلى ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا يەنە شۇ گېزىت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلىدى. 1947 - يىللىرى ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان گېزىتىگە ئەسئەت ئىسھاقوف مۇھەررىر بولغان.
    ئەمگەك پائالىيىتىنى مۇئەللىملىكتىن باشلىغان ئە. ئىسھاقوف ئىلى ئىنقىلابى پارتىزانلار شتابىنىڭ كاتىپى، ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شتابىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزاسى ھەم دائىمىي ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق مەسئۇل خىزمەتلەردە بولدى. رەھىم سەپەرغەلى، رەفىق غابىدىي، خەمىت تۆھپى، ئەنۋەر لوقمان، مۇنىر ئېرزىن، ئەسئەت تاھىر، سۇبۇتاي ئابدۇراخمانوف، شەرىپ ۋە باشقىلار ئۇيغۇر مەتبۇئاتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن خادىملار ئىدى. 1949 - يىلدىن باشلاپ غۇلجا شەھىرىدە چىقىشقا باشلىغان «خانىم -قىزلار ئاۋازى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى تەۋەي خانىم مىرشانوۋا، تەھرىر ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ بىرى رەمزىيە يىلقىباي بولغان.ئىلى ۋادىسىدا ياشىغان تاتارلار ئۇيغۇرلار بىلەن قولغا قولتۇتىشىپ، خەلق ھاياتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە دېگۈدەك بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرگەن، جاپالىق ئەمگەكلەرنى ۋە ھالاۋەتنىمۇ تەڭ كۆرگەن. ئىلىنىڭ ھەممە مۈشكۈل جايلىرىدا ۋە داۋانلىرىدا ئۇلارنىڭ ئىزى بار. سودا -سانائەت ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشلىرىغىمۇ ئۇلارنىڭ ھەسسە قوشقانلىقى مەلۇم. ئۇششاق ۋە ئوتتۇرا ھالسودىگەرلەر سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن باشقا غۇلجىدىكى مۇسابايېفلارنىڭ سودا دۇكانلىرىدا پرىكازچىك، بوغالتىر، تېخنىك، ئىشچى ۋە باشقا ئورۇنلاردا خىزمەت قىلاتتى. ئىلىدىكى بىر قانچە سودا شىركەتلىرى قاتارىدا ئالتاي شىركىتى خېلى مەشھۇر ئىدى. ئۇنى زاكىرجان ئاللايارى، فارىخ ئاللايارى، غىلاجىدىن تاجىدىنوف، نىزام ئەپەندى فەتخۇللىن، پازىلجان ئاقساقال يۇنىچى،، غادىلشا توقموللىنلار باشقۇراتتى. غۇلجا شەھىرىدە 1909 - يىلى مۇسابايېفلار قۇرغان تېرە زاۋودىدىن باشقا غالىئەخمەت سەدرى بىلەن سالىخ سەدرىلەر قۇرغان تيانشان تېرە زاۋۇتىمۇ ئىلىنىڭ سودا - سانائىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مەلۇم ھەسسە قوشقان. كۈنەستە بەش ئاكا -ئۇكا قۇرغان نوغاي زاۋۇتى تېرە ئەيلەپ، كۆن ئىشلەپ، چەم ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانا ئىدى(«تاتارلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» 1988 - يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى).1944 - يىلى ئىلىدىكى گومىنداڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابى كۆتۈرۈلگەندە پۈتكۈل خەلق قوزغىلىپ، دۈشمەنگە قارشى قورال ئېلىپ جەڭگە قاتناشتى. مانا شۇ چاغدا باشقا خەلقلەرگە ئوخشاش تاتار خەلقىمۇ ئىنقىلاب باشلانغان نىلقا تاغلىرىدىن ماناس دەرياسىنىڭ بويىغا بارغىچە گومىنداڭغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى. ئەينى ۋاقىتتا گومىنداڭ تۈرمىسىدە بىگۇناھ يېتىپ ئۆلگەنلەرمۇ بار. ئۇلار رەئۇف بۇرۇندىكوف، پەررۇخ سىراجىي، زىيا ئاللايارى، ئابباس ئىسمائىلوف، مۇنىر ئىسمائىلوف، غاياز سېمىنېيېف، پاتىخ ۋە باشقىلار. مانا شۇ قوراللىق جەڭلەردە تاتار ئوغۇل- قىز ياشلىرى مەردلىك كۆرسەتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق پاكىتلارنى كۆرسىتىش كۇپايە. نىلقا ناھىيىلىك ساقچى مەھكىمىسىنى دۈشمەندىن ئازات قىلىشتا خەمىت مۇسلىموف قۇربان بولدى. تەلكە تاغ- داۋانلىرىدىكى شىددەتلىق جەڭلەردە قورقماس يىگىت غارىف سىراجى مەردلىك كۆرسىتىپ ۋە ھاياتىنى خەلق ئۈچۈن تىككەن بولسا، سۈيدۈڭدىكى سوقۇش مەيدانىدا شەپقەت قىز پاتىمە يەھياروۋا يارىدار جەڭچىلەرنى دۈشمەندىن قۇتقۇزۇش مەزگىلىدە ئۆز جېنىنى پىدا قىلدى. يەنە شاۋەلى ئابزى، ئەختەم ئابزى، چاپاي قاتارلىك 14 تەك جەڭچى-ئوفىتسېر شەرەپ بىلەن قۇربان بولدى.تاتار ئەمگەكچىلىرى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ئۆزلىرى بىۋاسىتە قاتنىشىشتىن باشقا ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ماددىي- مەنىۋى جەھەتتىن ھەمكارلىشىپ، ئۆز ئۈلۈشىنى قوشتى. ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنى قۇرۇپ، تەشكىللەشتە ئۇلارنىڭ مەلۇم ھەسسىسى بار. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەسكەرلىكتىن گېنېراللىققىچە ئۆستى. شۇلارنىڭ ئىچىدە پاتىخ مۇسلىموف، مەرغۇپ ئىسھاقوف، ئايتۇغان يۇنىچى، فۇئات خەمىتوف، رەپىق بايچۇرىن، خەمىت ئەلىيېف، مالىك غىمادى، رەئۇف سەلىموف، سەغىت شەيخوف، غىمران خەسەن، خەمىت ئېنىكېيېف، پاتىخ چانىشوف، ماخمۇت سەئىدى، جەۋدەت سەدرى، ئەنەس ئوسمانوف، تالغات غىمادىيېف، مالىك بېكتېمىروف قاتارلىق 100 دىن ئارتۇق مەرد ئوغۇل- قىز بار. ئۇلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.ئىلى دەرياسىدىكى ئۇيغۇر تاتار خەلقلىرىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ دوستلۇقتا بىللە ياشاپ ھايات كەچۈرىشىنىڭ ئۆزى بىر تارىخ. تارىخنى خەلق يارىتىدۇ. مانا شۇ شانلىق تارىخنى يارىتىشتا ئۆز ئۈلۈشىنى قوشقان تاتار خەلقىنىڭ ئەمگەكلىرىنى قەدىرلەيدىكەنمىز، دېمەك، ئىلى زېمىنىنىڭ تارىخىنى يارىتىشتا ئۇلارنىڭ ئۆلمەس تۆھپىلىرىنىمۇ تىلغا ئېلىش كېرەك. بۇ بىزنىڭ تارىخ ئالدىدىكى بۇرچىمىزدۇر.

    «تاتارلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» 1988-يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.