ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-09-08

    ئىلىدىكى تاتارلار ھەققىدە-1 - [ئىلى دىيارىدا]

        ئىلىدىكى تاتارلار ھەققىدە-1

     ئىلى دىيارى قەدىمدىن تارتىپ يېرى كەڭ، سۈيى مول، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنغان مۇنبەت زېمىن. ئورمانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك - زېمىننىڭ ئاۋات بولۇش ئامىللىرىنىڭ بىرى. ئىلى ۋادىسى ھۈنەر، ھېكمەت، ئەدەبىيات - سەنئەت بەرپا قىلىنغان تارىخىي زېمىن بولغانلىقى بىلەنمۇ مەشھۇر. بۇ باياشات زېمىندا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئېجىل- ئىناق بىللە ياشاپ كەلگەن.
          تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تاتارلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا 19 -ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىن باشلاپ كۆچۈپ كېلىشكە باشلىغان. غۇلجا شەھىرى شىنجاڭ بويىچە تاتارلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جاي. ۋ. ۋ. رادلوف 1862 - يىلى ئىلىغا كەلگەندە بۇ يەردە تاتارلارنىڭ كۆپلۈكىنى، ئۇلارنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، ھەر مىللەت خەلقى بىلەن ئىنتايىن ئىناق ياشاپ، ئەركىن ئازادە، كۆڭۈللۈك ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدى(«تاتارلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» 1988-يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى).
     1882 - يىلدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا، ئىلى ۋىلايىتىدە 1900 دىن ئارتۇق تاتار بولۇپ، ئۇلار غۇلجا، موڭغۇلكۈرە، قورغاس، نىلقا، تېكەس، توققۇزتارا، كۈنەس ۋە باشقا ناھىيىلەرگە تارقالغان. تاتارلارنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە غۇلجا شەھىرىدىن قالسا چۆچەك 2 - ئورۇندا تۇرىدۇ. تاتارلار دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتىن باشقا سودا بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇلار مەرىپەت سۆيگۈچى خەلق ھېسابلىنىدۇ.

          ئۇيغۇر ۋە تاتار خەلقلىرىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ راۋاجلىنىپ كەلگەن دوستلۇقى ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى كېيىنكى يىللارغىچە داۋاملىشىپ، ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. بۇ دوستلۇق خۇسۇسەن مەدەنىيەت - مائارىپ ساھەسىدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ باردى. تاتارلار بىلەن ئۇيغۇرلار غۇلجا شەھىرىدە قويۇق ئارىلىشىپ ۋە ئىناق ياشاپ كەلدى. تاتارلار ھەر تۈرلۈك دېموكراتىك ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىپ، ئەركىن ياشاشقا، ھەق ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىشقا ئۆزلىرى باشلامچىلىق قىلدى. جۈملىدىن 1917 - يىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلىغاندا خەلق ئىچىدە كەڭ تەشۋىق ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ھەقتە «تاتارلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابتا مۇنداق دەپ يېزىلغان:«... غارىپ غابىتوف «مەكتەبى نۇر» نىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى. ئۇ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىدىن زور ئىلھام ۋە مەدەت ئېلىپ، غۇلجىدىكى مەكتەبى نۇرنى ئاساس قىلغان ھالدا تاتار زىيالىيلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ، 1918 - يىلى 8-مارت ئاياللار بايرىمى كۈنى نامايىش ئۆتكۈزۈشنى بەلگىلىدى. ياش ئوقۇتقۇچى ئەسمە ئەختەمىيە باشلىق تۆت تاتار قىزىنى نامايىشتا ئاياللارنىڭ ئازادلىقى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەشكە ئۇيۇشتۇردى.

    ئىلى خەلقىنىڭ مەدەنىيەت - مائارىپىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇپ بىلىم بېرىشتە، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىشتە تاتار مەرىپەتچىلىرىنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلەيدۇ.
    20 − 30 - يىللىرى غۇلجىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئىشلىگەن تاتار مۇئەللىملەر ئاز ئەمەس. شۇنىڭدەك ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مائارىپىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە خۇسۇسەن غۇلجا شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل قىزلىرىغا بىلىم بېرىشتە 1914 - يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇرۇلغان تاتار مەكتىپى ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان. كېيىنرەك بۇ مەكتەپ «مەكتەبى نۇر» دەپ ئاتالدى. بۇ يەردە يالغۇز تاتار ياش ئۆسمۈرلىرىلا ئوقۇپ قالماي، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، شىبە، تۇڭگان بالىلىرىمۇ بىلىم ئالدى. ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ دەسلەپتە مۇشۇ مەكتەپتە بىلىم ئالغانىدى، شۇ دەۋردە نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر، تاتار مەرىپەتچىلىرى مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇپ جەمئىيەتكە قوشۇلغان. ئۇيغۇر ۋە تاتار خەلقى ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان مانا شۇ دەسلەپكى مەرىپەتچىلەر قول تۇتۇشۇپ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت - مائارىپ سەۋىيىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. ئۇلارنىڭ ئارقىدىن ئىز بېسىپ كەشپۇل ئەسرار داموللا ۋاھاپ(1858 – 1957) ۋە تاتار ئالىمى ئابدۇللا بوبىيلار غۇلجىدا قۇرۇلغان نوغاي مەكتىپى − تاتار مەكتىپىنىڭ تەشەببۇسكارلىرىدىن بولۇپ قالدى. مەزكۇر مەكتەپكە قوشۇپ بىر قىرائەتخانىمۇ تەشكىل قىلىندى. ئۇنىڭغا «قىرائەتخانا نۇر» دەپ نام بېرىشتى. مانا بۇ تەشەببۇس يولىدا بولۇۋاتقان يېڭىلىقلار شۇ دەۋردىكى جاھالەت ۋە مۇتەئەسسىپلەرگە قارشى بولۇۋاتقان چوڭ كۆتۈرۈلۈش ئىدى. خۇسۇسەن تاتار ئالىمى ئابدۇللا بوبىينىڭ بۇ يولدا كۆرسەتكەن خىزمىتى مۆلچەرلىگۈسىز ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا مەكتەپ تەشكىل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شۇ يەردىكى مۆتىۋەر، تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، تەشۋىق- تەرغىب قىلىپ، ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىئانە توپلىدى. شۇندىن كېيىن مەكتەپ قۇرۇشقا كىرىشتى. ئابدۇللا بوبىينىڭ مەرىپەتچىلىك ئىشى ئۇزۇن داۋام قىلمىدى. چۈنكى بۇ يەردىكى خۇراپات، مۇتەئەسسىپ كۈچلەر بۇنىڭغا قارشى چىقتى. شۇ سەۋەبلىك ئۇ 1916 - يىلدىن كېيىن قازانغا كېتىپ قالدى.
    تاتار مەرىپەتچىلىرىنىڭ ئىلى زېمىنىدا خەلق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان جاپالىق خىزمەتلىرىنى بىرتەرەپلىمە قاراشقا بولمايدۇ. ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا بىلىم ۋە كۈچىنى ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشكە ھەمدە ئۇلارغا بىلىم بېرىشكە سەرپ قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلق ئارىسىدا تەشۋىق ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، خەلقنى مەكتەپ قۇرۇشقا دەۋەت قىلدى. بۇ توغرىلىق خەلق ئىچىدىكى مۆتىۋەر، تەرەققىيپەرۋەر، ھىممەتلىك ئادەملەرنىڭ مونۇ ساخاۋەتلىك ئىشلىرىنى كۆزدىن كەچۈرسەك كۇپايە بولىدۇ: غۇلجا خەلقى ئارىسىدا ئىلىم ۋە مائارىپ خۇسۇسىدا زور بىر ھەرىكەت ۋە بەك قىممەتلىك بىر پائالىيەت بارلىققا كەلدى. بۇ ئەرلەرنىلا ئەمەس، ئاياللارنىمۇ ئوقۇتۇش، ھەتتا ئۇلارنى ئەرلەردىن ئارتۇق ئوقۇتۇش ۋە ئەرلەردىن ئارتۇق تەربىيىلەش لازىم ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. مانا بۇ مۇقەددەس مەقسەتكە يارىشا سەككىز سىنىپلىق قىزلار مەكتىپى سېلىندى.
    بۇنىڭدىن كېيىن قانداقلا تويدا بولمىسۇن يىغىلغان پۇلنى( شەربەت ئاخچىسى) قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان يېتىم قىزلار پايدىسىغا سەرپ قىلىشقا باشلىدى. ئەڭ ئاۋۋال مەھەممەت سالىخ سەدىردىن ئەپەندى بىلەن كەشىفە خانىمنىڭ تويىدا يىغىلغان 46 سوم 14 تىيىن پۇلنى، كېيىن يۈسۈپ لايش ئەپەندى بىلەن پاتىمە يانسىپنىڭ تويىدا يىغىلغان 50 سوم 10 تىيىننى شۇ يېتىم قىزلار پايدىسى ئۈچۈن ئېلىپ، خەزىنىگە تاپشۇردى. غۇلجا مۇسۇلمانلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىنى تەبرىكلەشكە ئەرزىيدۇ. تىرىشىڭلار ئەپەندىلەر! بەلكىم سىزدىن كۆرۈپ بىزنىڭ ئىچكى رۇسىيىدىمۇ يۇقىرى سىنىپلىق مەكتەپ ئېچىشقا باشلاپ قالار( سۈيۈمبىكە ژۇرنىلىنىڭ 1914 - يىللىق 15-سانى). يەنە شۇ ژۇرنالنىڭ 17 - سانىدا غۇلجىدىكى نۇرغۇنلىغان خانىم - قىزلارنىڭ شۇ قىزلار مەكتىپى بىناسى ئۈچۈن 575 سوم 60 تىيىن ئىئانە توپلىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېسىلغان.

    ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى غۇلجا شەھىرى مەدەنىيەت مائارىپنىڭ بىر ئاز راۋاجلىنىشى سەۋەبلىك شەھەرمۇ كېڭىيىشكە باشلىدى. بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان تاتارلارنىڭ نوپۇسى كۆپىيىپ باردى. باشقا شەھەرلەردىن تاتارلارنىڭ كۆچۈپ كېلىشى كۆپەيدى. شۇنىڭ ئۈچۈن غۇلجىدىكى تەرەققىيپەرۋەر ۋە مۆتىۋەر تاتار زىيالىلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 20 - يىللارنىڭ بېشىدا غۇلجا شەھىرىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى بوشلۇققا يېڭىشەھەر نوۋي گورود بىنا قىلىنىپ، ئۇنىڭغا تاتارلار ئولتۇراقلاشقانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق نوۋي گورودنى نوغاي گورود دەپ ئاتاپ ئۇنى مەشھۇر قىلىۋەتكەن. مانا شۇ نوۋي گورودتىكى ئوقۇتۇش ئىشلىرى توغرىسىدا شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرىنىڭ 25 - سانىدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: بۇ چاغدا يەنە غۇلجىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان چەت ئەللىك رۇس، تاتارلارمۇ ئۆز ئۆيلىرىدە خۇسۇسىي مەكتەپلەرنى ئېچىپ رۇسچە ئوقۇتتى. يالغۇز نوۋي گورود مەھەللىسىنىڭ ئۆزىدىلا خۇسۇسىي مەكتەپلەر 6 دىن ئاشقانىدى. ھەر بىرىدە 51 تىن ئارتۇق بالا ئوقۇيتتى. تاتارلارنىڭ غۇلجىدىكى كونا شەھىرىدە بىر يېڭى مەكتەپ، بىر مىچىت، نوۋي گورود شەھىرىدە بىر يېڭى مەكتەپ، بىر مىچىت بار ئىدى.
    1933 - يىلدىكى ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن باشقا ۋىلايەتلەرگە ئوخشاش ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىەت - مائارىپ ئىشلىرى بىر ئاز يۈكسىلىشكە باشلىدى. غۇلجا شەھىرىدە بار بولغان مەكتەپلەر قايتىدىن قۇرۇلۇپ، يېڭىدىن مەكتەپلەر تەشكىلقىلىندى. مۇشۇ ۋاقىتتا غۇلجىدىكى ھەر مىللەت مەرىپەتپەرۋەر ۋە ئىلغار كىشىلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن غۇلجىدىكى مەكتەپ ۋە مائارىپ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن 27 كىشىدىن تەركىپ تاپقان مائارىپ باشقارمىسى تەشكىل قىلىنغانىدى. بۇنىڭغا نەجىپ ئەپەندى خەمىتوف ۋە خەمىت سەئىدىيلەر باشلىق بولدى. سۇلتاناخۇن مەتيۈسۈپ ھاجى، نامان ئاخۇن، ھۈسەيىن يۇنۇسوف، نىزامىدىن ئەپەندى ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلاندى. نەجىپ ئەپەندى(1981- 2491) قازاندا تۇغۇلغان. ئۆسكەن يېرى ياركەنت بولۇپ، كىچىكىدىن ئۇيغۇرلار  بىلەن ئارىلىشىپ چوڭ بولغان. 1909 - يىلى غۇلجىغا كېلىپ تا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن.                                  

    ئىلىدىكى تاتارلار ھەققىدە


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.