ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)
  • 2010-12-19

    شېئىر:كۆزيېشىم - [يازمىلىرىم]

    كۆزيېشىم

    كۆزۇڭ  ياش دىمە ئۇ-كۆزدىكى ئاچچىق،

    كۆزۇڭ  ياش دىمە ئۇ-دىلدىكى ھەسرەت.

    كۆزدىكى- تومۇردا ئۇرغىغان غەزەپ،

    كۆزۇڭ  ياش دىمە ئۇ-قەلبدىكى نەپرەت.

    كۆز يىشىم رەقىپكە ئاچچىقتىن ئاقار،

    ئەمەستۇر تەغىدىردىن بىراۋغا داتلاش.

    ھەممىمىز دۇنياغا يىغلاپ كۆز ئاچقان،

    كۆز يىشىم بەزىدە ماڭا چىن سىرداش.

    كۆز يىشىم سۆيگۇدە يىغىلغان ھەسرەت،

    ئەمەستۇر ئايرىلىش ۋاپاسىز ياردىن.

    ئالدانغان پاك كۆڭۇل چىدارمۇ ئاڭا،

    كۆزيىشىم نەشتەر بوپ ئۆچ ئالار ئاندىن.

    كۆز يىشىم غەزەپنىڭ دولقۇنى تاشقان،

    نا ئەھلى ،تۇز كورنى ھە! يالماپ يۇتقاي.

    ۋىژدان ۋە غورۇرنى يوقاتقانلارنىڭ،

    كۆزيىشىم لەھەڭ بوپ جىسمىنى تىتقاي.

    كۆز يىشىم ۋاپاسىز ئىنسانغا نەپرەت،

    ئەل يۇرتى،دوستىغا يۇزسىزلىك قىلغان.

    كۇپۇرلوق قىلغاننىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇپ،

    كۆزيىشىم خەنجەر بوپ باغرىنى تىلغان.

    2010-12-19


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.

    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ...بىلوگىڭىزنى ئارلىمىغىلى بىر نەچچە ۋاخ بۇپتىكەن يازمىلارمۇ ئاۋۇپ قاپتۇ...قەلىمىڭىزگە دەت يەتمىسۇن .....ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن .سالامەت بۇلۇڭ .