ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)
  • 2011-08-12

    شېئىر:نەچچە رەت - [يازمىلىرىم]

    نەچچە رەت

    (غەزەل)

    بۇ ھاياتتا يىقىلدىم بىلەلمىدىم قانچە رەت؟

    تۇراي دەپمۇ تۇرالماي،ئازاپلاندىم نەچچە رەت...

     

    تۈنجى قەدەم تاشلاپلا بۇ ھاياتنىڭ يولىغا،

    ئەگىرى توقاي يول ئارا ئېزىپ قالدىم نەچچە رەت.

     

    بىلىم ئال دەپ جان ئاتام بەرسە بىلىم يۈرتىغا،

    جەڭدىن قاچقان قاچاقتەك ئۇندىن قاچتىم نەچچەرەت.

     

    ئاتا-ئانام جاپاكەش، يىغلاپ تالدى ھالىمغا،

    قوغلاپ-سۈرۈپ دىلىغا ئازار بەردىم نەچچە رەت.

     

    پەندى-نەسھەت ئاڭلىماي بولدۇم شۇنداق بىر ئادەم،

    ۋىژدان، غورۇر بولمىغاچ ئەلنى ساتتىم نەچچە رەت.

     

    كىرىپ قالدىم ئېزىقىپ سىرلىق تۇمان قوينىغا،

    شۇ تۇماننىڭ دەستىدىن تىرىك ئۆلدۈم نەچچە رەت.

     

    زەھەر سېتىپ زەھەرلەپ قېرىنداشنى،دوستۇمنى،

    ئەزرائىلدەك جېنىغا زامىن بولدۇم نەچچە رەت.

    شەرەت قىلسا بىر جانان،ئەقلى- ھۇشۇم يوقۇتۇپ،

    كىرىپتىمەن دوزاققا ،ئوتتا كۆيدۈم نەچچە رەت.

     

    بىرسى ئاتسا تۆت ھوشۇق،ئېتىپتىمەن تاڭغىچە،

    بار بىساتنى ئۇتتۇرۇپ،چوتۇ ئالدىم نەچچە رەت.

     

    ئەيشى-ئىشرەت سورۇنى بۇلغاپ بولغاچ روھىمنى،

    ئەل-جامائەت ئالدىدا ھايۋان بولدۇم نەچچە رەت.

     

    تاشلاپ بېرىپ پۇلنى دەپ سىڭىللارنى ياتلارغا،

    ئاھ،زارىدىن ساراڭدەك كۈلۈپ تۇردۇم نەچچەرەت.

     

    ئۆز مەنپەتىم ، نەپسىم دەپ ئار-نومۇسنى يوقۇتۇپ،

    ئۆزگىلەرنىڭ كەينىدىن ئىتتەك ماڭدىم نەچچە رەت....

     

    ئادىمىيلىق خىسلەتتىن چىنىپتىمەن ئويلىسام،

    چوڭقۇر پېتىپ پاتقاققا تۇرالمىدىم نەچچە رەت.

     

    ئۆزەم ئۇيغۇر- يانبۇلاق، خۇي-مىجەزىم يات ئەلنىڭ،

    تومۇرۇمدا ئاققان قان كىمنىڭ دىدىم نەچچە رەت؟

     2011.08.07


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.