-
2011-08-12
تەڭرىتاغ بۇلبۇلى— پاشا ئىشان - [ئاتاقلىق كىشىلەر]
تەڭرىتاغ بۇلبۇلى— پاشا ئىشان
ﭘﺎﺷﺎ ﭘﺎﺷﺎ ئىشان 12 ياش چېغىدىلا بۇلبۇلغا ئوخشاش ئاۋازى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرالىغان. ئۇ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ، ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ، ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﺗﺎﻻﻧﺘﻰ ، ﺧﻪﻟﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﻣﺎﮬﺎﺭﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ‹‹ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻰ ›› ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﯩﺪﺍ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ئارتۇق ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ ، ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ، ﺟۈﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎپتونوﻡ ﺭﺍيوﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ قوشقان .
ﭘﺎﺷﺎ ﺋﯩﺸﺎﻥ 1940 – ﻳﯩﻠﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﺮىدە ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ غۇلجا شەھىرىدە ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻧﻪﻏﻤﯩﭽﯩﻠﻪﺭ ، ﺋﯘﺳﺘﺎ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﻼﺭ ﺑﺎﺭ بولۇپ ، ئۇنىڭ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ناخشىغا ھېرىسمەن خەلق چاچقان .
1952 – يىلى ، پاشا ئىشان غۇلجىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەمدىلا تۈگىتىشىگە ئاپتونوم رايوننىڭ سابىق رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى مۇشۇنداق ئاۋازى ياڭراق بىر قىزچاقنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ ، كىچىك پاشانى شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىگە ئەكەلگەن ، شۇنىڭدىن كېيىن پاشا ئىشان ھەقىقىي سەنئەت ھاياتىنى باشلىۋەتكەن .
1953 – يىلى ﭘﺎﺷﺎ ئىشان ﭼﺎﯞﺷﯩﻴﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﯧﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻴﻼﺭﺩﯨﻦ ﮬﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍﺵ ئۆمىكىگە قوشۇلۇپ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮬﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻟﯩﻤﯩﻨﻰ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻴﻼﺭﻏﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯگەن . 1955 – ﻳﯩﻠﻰ ﭘﺎﺷﺎ ﺋﯩﺸﺎﻥ ﯞﺍﺭﺷﺎﯞﺍﺩﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ فېستۋﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎتنىشىپ ، ‹‹ﺋﺎﺯﺍﺕ ﺯﺍﻣﺎﻥ›› ، ‹‹سېنى ئەسلەيمەن›› قاتارلىق ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭﻧﻰ يۇقىرى ماھارەت بىلەن ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍپ ﻛﯜﻣﯜﺵ ﻣﯧﺪﺍﻟﻐﺎ ﺋﯧﺮىشكەن ، بۇنىڭ بىلەن پاشا ئىشان ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺷﺎﻥ – ﺷﻪﺭﻩﭖ ﻛﻪلتۈرگەن . 1961 – يىلى ﺋﯘ ﺟﯘ ﺋﯧﻨﻠﻪﻱ ﺯۇﯕﻠﯩﻨﯩﯔ يېتەكچىلىكىدە ھېندونزىيە ، ﺑﯧﺮﻣﺎ ، نېپال ، ﺋﯩﺮﺍﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ بېرىپ ، ﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺳﻪﮬﻨﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ جەزبىدارلىقىنى نامايەن قىلغان . ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ تىنماي تۆھپە ﻗﻮشۇۋاتقان ﭘﺎﺷﺎ ﺋﯩﺸﺎنغا 1985 – ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ‹‹ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ 1 – دەرىجىلىك ﺋﺎﺭتىس ›› دىگەن ﺋﯘﻧﯟﺍن ﺑﯧﺮىلگەن. ﺋﯘ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﻧﺘﻼﺭ ﺟﻪمئىيتىنىڭ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ﺋﺎپتونوم ﺭﺍيوﻧﻠﯘﻕ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﻛﯧﯖﻪﺷﻨﯩﯔ 7 – ، 8 – ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ﺋﺎپتونوم ﺭﺍيوﻧﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﺌﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭنى ئۆتىگەن . نۆۋەتتە، پاشا ئىشان گەرچە پىنسىيىگە چىققان بولسىمۇ، دائىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىگە بېرىپ ناخشا مەشىق قىلىدۇ ھەمدە تۆۋەنگە چۈشۈپ ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىدۇ .
شىنجاڭ ئۇيغۇر ﺋﺎپتونوم ﺭﺍيونلۇق ﺧﻪﻟﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﯞﻩ شىنجاڭ ئۇيغۇر ﺋﺎپتونوم ﺭﺍيونلۇق ﭘﺎﺭﺗﻜﻮﻡ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ بۆلۈمى ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 2004 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ‹‹ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﺗﯚﮬﭙﯩﻜﺎﺭﻯ›› ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﻧﺎﻡ بېرىلگەن
历史上的今天:
شېئىر: ئانايۇرتۇم 2011-08-12شېئىر:ئۆلۈممۇ بەك گۈزەل! 2011-08-12شېئىر:نەچچە رەت 2011-08-12ئۇيغۇرچەCssتەھررلەش بېتى 2010-08-12
收藏到:Del.icio.us