ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)
  • 2010-09-24

    قەدىمقى يۇرت-ئىلى - [ئىلى دىيارىدا]

                  قەدىمقى يۇرت-ئىلى

                        

                         بىز مەملىكىتىمىزدە نەشر قىلىنغان تارىخنامىلاردىن ئىلى ۋادىسىنىڭ تارىخى ۋە بۇيەردە ياشىغان قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا دائىر بايانلارنى كۆپلەپ ئۇچرىتىمىز .يۇقىردا تىلغا ئېلىنغانشىنجاڭدا ھاكىميەت تەسىس قىلىش تەزكىرىسى دىگەن ئەسەرنىڭ 2-كىتابىدا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ :ئىلى ...سۇي سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي تۈركلەرنىڭ ،يەنى غەربتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېرى بولغان . شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1978-يىلى نەشر قىلىنغانشىنجاڭ تارىخى;دا مۇنداق دىيىلىدۇ : بەش دەۋر مەزگىلىدە ئىلى خۇيخېلىرى(ئۇيغۇرلىرى) قارلۇق بىرلەشمە قاراخانىلار دۆلىتىگە قارىغان)  1-توم 22-بەت)خەن دەۋرىدىكى سەيياھ ۋاڭ يەندى مۇنداق دەپ يازغان : ئۇيغۇرلار ئوچۇق-خۇشخۇي،ئادىل خەلق ،ئۇلار چىۋەر ماھىر ئۇستا بولۇپ ،ئالتۇن ،كۈمۈش ،مىس ،تۆمۈردىن تۈرلۈك ئەسۋاپلار ياسايدۇ .ئۇلارنىڭ 637-يىلى ياسىغان ئاجايىپ چوڭ ،گۈزەل تارىخىي ئىبادەتخانىسى(خرامى)بار .ئۇلار دىھقانچىلىق ،باغۋەنچىلىك ئىشلىرىغا ماھىرئۆزلىرى مۇزىكا سازنى ياخشى كۆرىدۇ .ھەممىسى دىەۈدەك سازەندە .نۇرغۇن مۇزىكا ئەسۋابلىرىنىڭ ئىچىدە بەرباب ،غوڭقا (25تارلىق چالغۇ ئەسۋابى )ئوخشاش مۇرەككەپلىرىمۇ تولا .ئۇلاردا سودا-تىجارەت تەرەققى ئەتكەن بولۇپ ،چەتكە ئالتۇن ،كۈمۈش ۋە ئىسىل تاشلاردىن ياسالغان نەپىس ئەسۋاپلىرى ،گۈللۈك رەختلەر،قۇندۇز ،قاما ۋاھاكازالارنى چىقىرىدۇ . بۇ نەقىلدىكى مۇزىكا ھەققىدىكى بايانلار ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلى ئۇيغۇرلىرىغىمۇ ئورتاقتۇر . ئىلىنىڭ قەدىمقى تارىخىدا فارابى ،يۈسۈپ سەككاكىدەك ئاتاغلىق ئاتاغلىق مۇزىكا ئۇستازلىرى ئۆتكەن .تاڭ دەۋرىنىڭ تارىخچىسى خۇيلىننىڭ مۇزىكا تەزكىرىسىۋە شاڭ دا ئەپەندىنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي دىيار ۋە چاڭئەن مەدىنيىتىناملىق كىتاپلىرىدا نورۇز بايرىمى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان بايرام  دەپ كۆرسىتىلىدۇ .نورۇز بايرىمى ئىلى ئۇيغۇرلىرىدىمۇ شۇ مەزگىللەردىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈپ،ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە .ئىلى ئۇيغۇرلىرى بۇ بايرامن گۈزەل مەنزىرلىك -قاملاشقان ئورۇنلاردا ئۆتكۈزگەن. مۇنداق ئورۇننىڭ تاللىنىشى ئۇلارنىڭ دىھقانچىلىق ،باغۋەنچىلىككە كۆچكەن مەزگىلىگە تولىمۇ ماس كېلىدۇ .يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان ھازىرقى غۇلجا ناھىيە تەۋەسىدىكى قويلۇق (ئاي يورۇق) مۇقام شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى ھازىرقى تۇرپانيۈزى يېزىسى جىرغىلاڭ مەھەللىسىدە جىرغىلاڭدا ئۆتكغزۈپ كەلگەن .غۇلجا شەھەر قارادۆڭ يېزىسىغا قاراشلىق جىرغىلاڭ مەھەللىسىمۇ قەدىمدىن تارتىپ غۇلجا ئاھالىسىنىڭ نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزىدىغان ئورنى بولغان

    غۇلجا ئىلى ۋادىسىدىكى قەدىمقى شەھەرلەردىن بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .غۇلجا(جۈملىدىن ئىلى)توغرىسىدا ئۆز ئەسىرىدە تەپسىلى بايان قىلغان چەتئەل تارىخچىلىرىدىن بىرى روسىيىلىك پروفىسسور -دوكتور ۋىلھىلىم رادلوۋ. ئۇ 1837 -يىلى يازغان سىبىرىيىدىن تاللانمىلار دىگەن ئەسىرىنىڭ 306-بېتىدىن 401-بېتىگىچە بايان قىلىنغان ئىلى ۋادىسىدىگەن بابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ : تارانچى غۇلجىسىدا ئولتۇرغان ھاكىمبەگ بىلەن ئۇنىڭ ياردەمچىسى شاغىبەگتارانچىلارغا بېرىلگەن ئەمەلنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى ئىدى .مۇنداق ئەمەل غۇلجىدا قەدىمدىن يولغا قويۇلغان ،دەرىجە ئىشارىتى قىلىپ ھەر ئىككىسىگە يالتىراپ تۇرىدىغان كۆك رەڭلىك ئوتغاچلىق باش كىيىم كىيدۈرلەتتى ،يەنى كاپىتان دەرىجىىسىدە ئىدى،(ئوكىرداي مەنىسىدە)ھاكىمبەككە قىزىل شەپكە تۈگمىسى (ئامبال ياكى گېنىرال دەرىجىسى) بېرىلەتتى .چۈنكى ھازىرقى ھاكىمبەك ھەقىقەتەن شۇنداق ئۇنۋان ئالغان . بۇ ئىككى مەمۇرى ئۇنۋانى بارلار مەيلى شەھەر- يېزىدا بولسۇن ،پۈتۈن تارانچى ئاھالىسىنى باشقۇراتتى ،ئۇلار پائاليەتلىرى توغرىلىق جاڭجۈنگەياكى مۇئاۋىنىغا مەلۇمات بېرىشەتتى .جاڭجۈنمۇ تارانچى ئاھالىسىگە ئائىت بۇيرۇقىنى ئۇلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن بىلدۈرەتتى .ساقچى ۋە ئىدارە سالاھىيىتىدىن باشقا جىنايى ۋەقەلەر يالغۇز تارانچىلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تەغدىردە ،ئۇلار ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قانۇنىي ئورۇن ھىساپلىناتتى رادلوۋ بۇ ئەسىرىدە غۇلجا ئاھالىسىنىڭ جايلاشقان مەمۇرى رايونلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىدارە قىلىنىش ئەھۋالى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇئىدارە جەھەتتىن غۇلجا تارانچىلىرى سەككىز ناھىيەگە بۆلۈنەتتى . بۇلارنىڭ ئالتىسىنىڭ بېشىدا شاڭ بەگ بىلەن بىر مىراب ،باشقا ئىككىسىنىڭ بېشىدا بىر رەسنىچى مىراپ بولاتتى .دەسلەپكى 6ناھىيە مۇنۇلار : 1.جىرغىلاڭ،2. بورۇ-بورغۇسۇن،چولبۇرقاي،بىلەكەي،3.نىلقا ۋە ئۇلاستاي ،4.قاشنىڭ ئۇ تەرىپى ،5.بۇغرا،قاينۇق،ياغۇستاي،قوغۇنچى،6. دادامتۇ،دولاتۇ،خۇنىخاي. ئۇنىڭدىن سىرت ،ئىككى;ناھىيە توققۇزتارا ،ئارا ئۆستەڭ -بايتوقايدۇر.رەسنىچى بىلەن شاڭ بېگىنىڭ دەرىجە بەلگىلىرى -يالتىراپ تۇرىدىغان تۈگمىلىك ئاق باش كىيىمى بولاتتى (جەركى ياڭگىن -يۈز بېشى دەرىجىسى ).مىرابنىڭ دەرىجە بەلگىسىمۇ ئەينى شەكىلدە بولاتتى .رەسنىچىلەرنى مۇكاپاتلىغان ۋاقىتتا ،تۈگمىلىك كۆك شەپكە بېرىلەتتىبۇ ناھىيەلەرنىڭ ھەر بىرى ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ ،مىڭ بېگىنىڭ (مىڭ بېشى )ئىدارىسىدا بولاتتىبۇنىڭ بەلگىسى تۈگمىلىك تۇچ باش كىيىمى ( كوندۇ-بوشقۇ)بولاتتى .ھەر يۈز دىھقان ئائىلىسىنىڭ ئۈستىدە بىر يۈز بېگى(يۈز بېشى) بىلەن ئەللىك بېشى بولاتتى .ئەڭ ياشانغان 12 يۈز بېشىنىڭ بەلگىسى تۈگمىلىك تۇچ باش كىيىمى ئىدى . ئاخىردا ھەر ئون ئائىلىنىڭ بېشىدا بىر ئون بېشى نازارەتچىلىك قىلاتتى .پۈتۈن مەمۇرلار تەشكىلاتى بىر ھاكىم ،بىر شاغا، ئىككى رەسنىچى،ئالتە شاڭ بەگ،سەككىز مىراب ،16 مىڭ بېگى ،80 يۈز بېگى ،80 ئەللىك بېشى ،ۋە 800 ئون بېشىدىن ئىبارەت بولۇپ ،994كىشىدىن قۇرۇلاتتى .ئون بېشىدىن باشقا پۈتۈن مەمۇرلارنى مانجۇ ۋالىسى تەستىق سالاتتى .ئون بېشىلارنى ھاكىمبەك ئۆزى تەيىن قىلاتتى .ۋە ئارزۇسىغا ئاساسەن ئۆزگەرتەتتى يۇقىردا دىگەندەك ، غۇلجا شەھرى چىن ھاكىميىتىدىن تېخىمۇ بەك;قەدىمىيدۇر .خەلقنىڭ كۆپ قىسمى ئىلى ۋادىسىنىڭ قەدىمىي ئىلى ئۇيغۇر ئاھالىسىدىن (ئىلى ۋادىسىدا قەدىمدىن ئۇيغۇرلار ئولتۇراتتى، ئۇلار قەدىمىي ئۇيغۇر تىلى-كېيىن چاغاتاي تىلى بىلەن سۆزلىشەتتى ) باشقا غۇلجىدا سۈرگۈنلەردىن ئالتە شەھەر رايۇنى ئاھالىسىدىن ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بۇ يەردە تىجارەت قىلىپ ،كېيىنرەك تەۋەلىككە ئۆتكەن قەشقەر ،قوقەنت،تاشكەنت،ۋە بۇىارا تۇججارلىرىدىن ئىبارەتتۇر .نوپۇسنىڭ سانىنى ئۈزۈل -كېسىل بىلدۈرەلمىسەممۇ ،ئاز دىگەندەمىڭ ئىكەنلىگىسۆزلەنمەكتە.

    بەزىلەر ئىلى ۋادىسىدىكى ئىلى;غۇلجاغا ئوخشاش يەر-جاي ناملىرىنى موڭغۇللار قويغان دەپ قارايدۇ .ئۇلارنىڭ مۇنداق دىيىشىدىكى بىردىنبىر ئاساسى بۇ ناملارنىڭ موڭغۇل تىلىدا مەنا بېرىدىغانلىقىدىنئىبارەت. راست، بۇناملار موڭغۇل تىلىدا مەنا بېرىدۇ ،ئەمما بۇيەردە بۇ سۆزلەرنىڭ موڭغۇل تىلىدا ئەزەلدىن بارلىقى ياكى باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغانلىغىنى ئېنىقلاش زۆرۈر. بۇ ھەقتە سوۋىت ئىتىپاقى تىلشۇناسى ،پروففىسۇر ئا.ك.بوروۋكوۋ(1904-1962)ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىنىڭ مەدىنىي تۇرمۇش تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقان ئورنى دىگەن ماقالىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇموڭغۇللار قەدىمىي ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى بەزىبىر ئۆزگۈرۈشلەر كىرگۈزۈپ ئۆزلەشتۈرۋالدى .ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى بولسا ،دۆلەت ئىشلىرىدا چوڭ مەنسەپلەردە كەڭ يوسۇندا ئىشلىتىلگەنىدى  شۇنىڭ بىلەن بىللە ،ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلىنىپ كەلگەن نۇرغۇن سۆزلەر موڭغۇل تىلىدىمۇ ئىشلىتىلىشكە باشلىغانىدى دىمەك ، ئىلى ۋادىسىدىكى يەر-جاي ناملىرى ئىچىدە موڭغۇلچە مەنا بېرىدۇ دەپ قارالغان يەر-جاي ناملىرىنىڭ نامى ئەسلى ئۇيغۇرچە قويۇلغان ،ئەمدى ئىلى دىگەن نامغا كەلسەك ،بۇنام چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش قىلىشتىن ئىلگىرىلا بار ئىدى ،ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقەرىنىڭ تۇركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسىرىدە (11-ئەسىردە يېزىلغان ) ئىلى دەرياسى نىڭ تىلغا ئېلىنغانلىغى بۇنى ئىسپاتلايدۇ .

    مەنبە:ئالمىزار


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.

    评论

  • ئىلى ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل جاي، مەنمۇ غۇلجا شەھرىدىن بولىمەن.