ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-09-24

    تەڭرىتاغ بۇلبۇلى— پاشا ئىشان - [ئاتاقلىق كىشىلەر]

     

                                تەڭرىتاغ بۇلبۇلى— پاشا ئىشان

    12ياش چېغىدىلا ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ بۇلبۇلغا ئوخشاش ئاۋازى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرالىغان. ﭘﺎﺷﺎ ئىشان ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ، ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ، ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﺗﺎﻻﻧﺘﻰ ، ﺧﻪﻟﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﺷﺘﯩﻜﻰﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪﻣﺎﮬﺎﺭﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ «ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻰ» ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡﺋﺎﻟﻐﺎﻥ .  ئۇﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﯩﺪﺍﻳﯧﺮﯨﻢﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦئارتۇق ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ ، ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ، ﺟۈﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎپتونوﻡﺭﺍيوﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ قوشقان.

    1940-يىلى ﭘﺎﺷﺎ ﺋﯩﺸﺎﻥ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﺮىدە ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ غۇلجا شەھىرىدە ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗﻧﻪﻏﻤﯩﭽﯩﻠﻪﺭ ، ﺋﯘﺳﺘﺎ  ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﻼﺭﺑﺎﺭئۇنىڭ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘناخشىغا ھېرىسمەن خەلق چاچقان.

            1952- يىلى ، پاشا ئىشان غۇلجىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەمدىلا تۈگىتىشىگە ئاپتونوم رايوننىڭ سابىق رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزىمۇشۇنداق  ئاۋازى ياڭراق بىر   قىزچاقنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ ، كىچىك پاشانى شىنجاڭ ناخشا -ئۇسسۇل ئۈمىگىگەئەكەلگەن.شۇنىڭدىن كېيىن پاشا ئىشان ھەقىقىي سەنئەت ھاياتىنى باشلىۋەتكەن.

    1953- يىلىﭘﺎﺷﺎ ئىشان ﭼﺎﯞﺷﯩﻴﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰﺳﯧﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻴﻼﺭﺩﯨﻦ ﮬﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍﺵئۆمىكىگەقوشۇلۇپ،ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﻯ   . ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮬﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻟﯩﻤﯩﻨﻰ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻴﻼﺭﻏﺎﻳﻪﺗﻜﯜﺯگەن .  1955- ﻳﯩﻠﻰ ﭘﺎﺷﺎ ﺋﯩﺸﺎﻥﯞﺍﺭﺷﺎﯞﺍﺩﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥﺩﯗﻧﻴﺎ فېستۋﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎتنىشىپ«ﺋﺎﺯﺍﺕ ﺯﺍﻣﺎﻥ»،« سېنى ئەسلەيمەن »قاتارلىق ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭﻧﻰ يۇقىرى ماھارەت بىلەن ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍپ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺷﺎﻥ ﺷﻪﺭﻩﭖ ﻛﻪلتۈرگەن . ﻛﯜﻣﯜﺵﻣﯧﺪﺍﻟﻐﺎ ﺋﯧﺮىشكەن ، بۇنىڭ بىلەن پاشا ئىشان -1961-يىلى جۇﺋﯧﻨﻠﻪﻱ ﺯۇﯕﻠﯩﻨﯩﯔيېتەكچىلىكىدە يىلى ھېندونزىيە ، ﺑﯧﺮﻣﺎ ،نېپال ،ﺋﯩﺮﺍﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪبېرىپ ، ﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺳﻪﮬﻨﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔجەزبىدارلىقىنى نامايەن قىلغان.

        ﺳﻪﻧﺌﻪﺕﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ تىنماي تۆھپە ﻗﻮشۇۋاتقانﭘﺎﺷﺎ ﺋﯩﺸﺎنغا1985- ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ« ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ1- دەرىجىلىك  ﺋﺎﺭتىس »دىگەن   ﺋﯘﻧﯟﺍن ﺑﯧﺮىلگەن. ﺋﯘ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﻧﺘﻼﺭ ﺟﻪمئىيتىنىڭ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ، شىنجاڭ ئۇيغۇرﺋﺎپتونوم ﺭﺍيوﻧﻠﯘﻕ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﻛﯧﯖﻪﺷﻨﯩﯔ 7-8-نۆۋەتلىكﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ، شىنجاڭ ئۇيغۇ ر ﺋﺎپتونوم ﺭﺍيوﻧﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﺌﻪﺕﺋﻪﺯﺍﺳﻰﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭنى ئۆتىگەن . نۆۋەتتە، پاشا ئىشان گەرچە پىنسىيىگە چىققان بولسىمۇ،دائىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا ئۇسسۇل ئۆمىكىگە بېرىپ ناخشا مەشىق قىلىدۇ ،ھەمدە تۆۋەنگە چۈشۈپ ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىدۇ.شىنجاڭ ئۇيغۇر ﺭﺍيونلۇق ﺧﻪﻟﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﯞﻩ شىنجاڭ  ئۇيغۇر ﺋﺎپتونوم ﺭﺍيونلۇق ﭘﺎﺭﺗﻜﻮﻡ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕبۆلۈمى ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ.2004.- ﻳﯩﻠﻰ  ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ- «ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍﺗﯚﮬﭙﯩﻜﺎﺭﻯ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﻧﺎﻡبېرىدۇ.

    مەنبە تەڭرىتاغ تورى 

     

     


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.