-
2010-09-24
شېئىر:ئانا قۇش - [يازمىلىرىم]
ئانا قۇش
سۆزلىسەم ئەجرىڭنى تۈگۈمەس ئەسلا،
مىھرىبان ئانامسەن ،خىسلىتىڭ كۆپتۇر.
بىر ئۆمۇر ئۆتتۇڭغۇ ئانا قۇش كەبى،
سەن بولغاچ ھەرقاچان كۆڭلۈممۇ توقتۇر .
ئۆمرۈڭنى ئۆتكۈزدۈڭ بالا دەپ تىنماي،
چەكسەڭمۇ مىڭ جاپا كەتمىدىڭ قاخشاپ.
كېچىسى ئۇخلىماي تەۋرىتىپ بۆشۇك،
ئۆتكۈزدۇڭ تۈنلەرنى تاڭلارغا ئۇلاپ .
ۋاپادار ئانا سەن ،مۇھەببەتكىمۇ،
سادىق بوپ ئۆتتۇڭغۇ مىھرىڭنى بېرىپ.
ئاق ساچلار سانچىلدى جىسمىڭغا مانا،
بەرگەچكە قۇربانلىق،قەلبىڭنى يېرىپ.
تۇرمۇشتا ھەم ئازار يېسمۇ دىلىڭ ،
قارچۇغۇم،بالام دەپ چىدىدىڭ ئاڭا.
باللىرىڭ بەختىچۈن لېۋىڭنى چىشلەپ ،
ئۇۋاڭنى بۇزماسقاتىرىشتىڭ يانا.....
كۇيلىسەم تۇگىمەس خىسلىتىڭ ئەسلا،
مەڭگۈ سەن قەلبىمدە"كۇيۇمچان ئانا!"
ئانا قۇش ،قىل پەرۋاز ھايات يۇلىدا،
خوشاللىق ھەم بەختىڭ ئالدىڭدامانا!
مەنبە:(چوغلوق)
历史上的今天:
تەڭرىتاغ بۇلبۇلى— پاشا ئىشان 2010-09-24شائىر تېيىپجان ئېلىيېف 2010-09-24شېئىر:ۋاپاسىزغاخەت 2010-09-24غۇلجا ناھىيىسىدىكى « يۈزلەر »ھەققىدە چۈشەنچە 2010-09-24ناخشا ئاڭلاڭ:دىلخاراج 2010-09-24
收藏到:Del.icio.us
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.