ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-09-24

    شائىر تېيىپجان ئېلىيېف - [ئاتاقلىق كىشىلەر]

     

    شائىر تېيىپجان ئېلىيېف

          

    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى ، ئاتاقلىق شائىر ، ئەدەبىياتشۇناس ۋە جامائەت ئەربابى تېيىپچان ئېلىيوۋ1930 - يىلى سۈيدۈڭ (قورغاس) ناھىيىسىدە دىنىي ئائىلىدە

     تۇغۇلغان. دەسلەپكى ساۋاتىنى  ئائىلىدە چىقىرىپ، 1938 يىلدىن 1948 - يىلغىچە ئىلگىرى - ئاخىر دىنىي ۋە پەننىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1948 - يىلى غۇلجىغا كېلىپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، ئارمىيە ئورگىنىدا ئالغاگېزىتىنىڭ مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1950 - يىلى ئۈرۈمچىگەكېلىپ، 1955 - يىلغىچە ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى، تارىم ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. تېيىپجان ئېلىيېف 1959 - يىلدىن 1960 - يىلغىچە سولچىل ئىدىيىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈپ، ئەمگەككە سېلىنغان، كېيىن ئاقلىنىپ قايتىدىن ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدە ئىشلىگەن. 1963 - يىلدىن 1965 - يىلغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇغان. تېيىپجان ئېلىيېف مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىمەزگىلىدە ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچراپ بىر مەزگىل گۇچۇڭغا سۈرگۈن قىلىنغان، 1973 - يىلى نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىگە قايتىپ كەلگەن، 1979 - يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 3 - قۇرۇلتىيىدا ۋە 1985 - يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 4 - قۇرۇلتىيىدا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلانغان. ئۇ 1980 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 4 - قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا بىرلەشمىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلانغان. تېيىپجان ئېلىيېف 1989 - يىل 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.

     تېيىپجان ئېلىيېف ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق شائىرلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ نامى 1950 - يىللارنىڭ بېشىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ماۋ زېدۇڭغا قەشقەر پاختەكلى يېزىسى دېھقانلىرىنىڭ نامىدىن يازغان پاختەكلىدىن خەتدېگەن شېئىر بىلەن تەڭ چىققان. 1950 - يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 1960 - يىللارنىڭ باشلىرىدا يازغان ۋالاقتەگكۈروفنىڭ ئۆلۈمى»، « ۋەتەن ھەققىدە غەزەل» ناملىق شېئىرلىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئورنىنى« مۇقىملاشتۇرغان. 1980 - يىللاردايازغان زەپمۇ چىرايلىق كەلدى باھار، مۇقام، يىغلىما، مەيلىمۇ، ئانا تىلىم قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىر - تېيىپچان ئېلىيوۋ ئۆزىنىڭ قىرىق نەچچە يىللىق ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتىدە ئىزچىل شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ، مىڭ پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ، باللادا ، داستان ، رۇبائىيلارنى يازغان . بۇ ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى ‹‹شەرق ناخشىسى ›› ، ‹‹تىنىچلىق ناخشىسى›› ، ‹‹تۇگىمەس ناخشا›› ، ‹‹ۋەتىنىمنى كۈيلەيمەن›› ، ‹‹زەپمۇ چىرايلىق كەلدى باھار›› ، ‹‹باھار ئىلھامى›› ، ‹‹تاللانغان شېئىرلار›› ، ‹‹‹تۆھمەت قۇربانى›› ، ‹‹يانتاق›› قاتارلىق توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن . ‹‹تېيىپچان ئېلىيوۋ شېئىرلىرىدىن تاللانما›› ، ‹‹تىنچلىق ناخشىسى›› ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى خەنزۇچە نەشىر قىلىنغان .غەزەللىرى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تۆھپە بولۇپ قالغان.

    -------ماتىريالدىن 


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.