ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)
  • 2011-07-20

    غەزەل:بىر كۈنى - [يازمىلىرىم]

    بىر كۈنى

    (غەزەل)

    سايراپ-سايراپ بۇلبۇلمۇ ھامان توختار بىر كۈنى،

    باھارنىڭمۇ گۈل ھۆسنى غازاڭ تۆكەر بىركۈنى.

     

    بولمىغىنسەن يەرگە يۈك،ئەلگە زالىم ھەر قاچان،

    يامان ئادەت- كۇپۇرلۇق، خۇدا ئۇرار بىر كۈنى.

     

    بىلىم-تۇلپارچاپتۇرغىن ،ئەگەر بولساڭ جۈرئەتلىك،

    كائىناتدا، ئالەمدە ئىزىڭ قالار بىر كۈنى.

     

    ئەجدادىڭدەك يول ئاچقىن كىلەچەككە، مەنزىلگە،

    ئۈنسە گۈللەر ئىزىڭدىن چىچەك ئاچار بىر كۈنى،

     

    پاسسىق، نامەرت،ۋىژدانسىز زادى بىلمەس نۇمۇسنى،

     كەچمىشىدىن ئوغلانىڭ بۇنى بىلەربىر كۈنى.

     

    قارانىيەت ،ئاچكۆزگە بەرسەڭ قويماي ھەممىنى،

    نەپسى تويماي دۇنياغا گۆردە ياتار بىر كۈنى.

     

    قاغا بولۇپ بۇلبۇلۇڭ قاقىلدىماس ھىچ قاچان،

    بۇلبۇل يەنە بۇلبۇلدەك خوشال سايرار بىر كۈنى.

     

    بىلىملىكدىن ئەتىۋادۇر تۇزكور،خۇمسى ،نادانلار،

    ئىشەنچىڭنى يوقاتما، ئامەت كىلەر بىر كۈنى.

     

    توۋا دەيمەن،  ئىشەككە چىقتى مۈڭگۈز  مىڭ توۋا،

    ،ھەيران قالماھايۋانمۇ  ناخشا ئېيتار بىر كۈنى.

     

    كۈتۈپ تۇرماس بۇ دەۋىر يېڭىلىققا يۈرۈش قىل،

    تىرىش، تىرماش ئەلدەك سەن، نامىڭ چىقار بىر كۈنى.

     

    دەيدۇ شۇنداق يانبۇلاق:ياشاي دىسەڭ دۇنيادا،

    غورۇرۇڭنى يوقاتما ،بەختىڭ كۈلەر بىر كۈنى.

    2011.7.17


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.