ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)
  • 2011-08-12

    شېئىر: ئانايۇرتۇم - [يازمىلىرىم]

     ئانايۇرتۇم

    چەكسىز كەتكەن تاغلىرى،

    ئالمىزارلىق باغلىرى،

    گۈزەل يۇرت بار دۇنياغا داڭقى،نامى داڭ كەتكەن،

    ئۇنىڭ نامى ئالمىزار،يەر-زېمىننى تەۋرەتكەن.

     

    تارىخىنىڭ  گۇۋاھسى ،

    تۇرار ئەنە ئېزناسى.

    سادىر تەشكەن سېپىلى،ھەم ئاق ئۆستەڭ بويلىرى،

    تۇغلۇق تۆمۈر مازىرى ، تەلكە داۋان يوللىرى.

     

    نامى قالدى دىللاردا،

    داستان بولۇپ تىللاردا،

    سادىر ئوخشاش ئوغلانلار، مۇسابايدەك... زاتلار ھەم،

    مۇتەللىپتەك ئوغلانى،رىزۋانگۈلدەك قىزلار  ھەم.

     

    كەچكەن كەچمىش كۆپ بولدى،

    يۈرەكلەرگە دەت تولدى،

    "كۆچ-كۆچ" ئېيتىپ ئەل كەلدى،يىراقلاردىن پالىنىپ،

    بوزيەر ئىچىپ يۇرت قىلىپ،قالدى ئەنە يەرلىنىپ.

     

    زالىملارنىڭ دەستىدىن،

    كەتتى خەلقىم ئەپتىدىن.

    تۇشمۇ-تۇشتىن خان-بەگلەرزۇلۇم سالغان ئاۋامغا،

    ھاشا-سېلىق دەستىدىن سامان قالغان خاماندا.

     

    كۆككە يىتەر شاۋقۇنى،

    ئۆرلەپ ھەردەم دولقۇنى،

    ئەل زارىغا گۇۋاھچى،ئەزىم ئىلى دەرياسى،

    تاشتى پاتماي قىنىغا ،كۆككە يەتكەچ پەريادى.

     

    تاتار ،قازاق ھەم ئۇيغۇر...

    بولۇپ قاتار قىز-ئوغۇل ،

    ھۆرلۈك ئۈچۈن قوزغۇلۇپ، چىقتى جەڭگە ئاتلىنىپ،

    قالدى سانسىز ئوغلانلار جەڭگاھلاردا يادلىنىپ.

     

    چىقتى قوياش نۇرلۇنۇپ،

    ئەل قەلبىنى يورۇتۇپ،

    ھارارىتى، تەپتىدىن كۈلدى ھەممە شادلىنىپ،

    چۈش بوپ قالدى كەچمىشى يەنە ئۇيقۇ باشلىنىپ.

     

    مەزمۇت تۇرار چوققىلار،

    بولسا قانچە جۇدۇنلار،

    ئاقار دەريا سەل بىلەن، باغ، ئىدىرلار مۇڭلۇنۇپ،

    ئانا يۇرتۇم گۈللۈنۈپ كۈلەر ھامان زوقلۇنۇپ.

     

    2011.07.12 


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.