-
2011-01-23
ھەسرەت چېكىپ ياتمىغىن شېئىر: - [يازمىلىرىم]
ھەسرەت چېكىپ ياتمىغىن
ئالتە كۈنلۈك ئالەم بۇ،ۋىجدان بىلەن ياشىغىن،قويساڭ قەدەم ھەق ئۈچۈن ، جان تىك، ھەرگىز يانمىغىن.
دولقۇنلىرى توسسىمۇ ،ئۈز گىن قورقماي ئالدىڭغا ،
بولغىچە غەرق قاينامدا،تاپقىن گۆھەر ،قايتمىغىن.
يولۋاسدەك بول رەقىپكە، ئۈنى ئۆچسۇن قەھرىڭدىن،
بەرسە ۋەدەنامەرتلەر،بىھۇش بولۇپ قالمىغىن.
كىم ئىرادە باغلىسا،بولۇر مەخسەت ئىجاۋەت،
شەيتان قىلسا ناز-كەرەش ،يەنەنەغمە چالمىغىن.
تېغ قادالسا كۆكسۈڭگە ،ھۇشۇڭنى ھىچ يوقاتما،
ئەل بەختىدىن ۋاز كېچىپ، ئار-نۇمۇسنى ساتمىغىن.
قۇرال قىلىپ ئىلىمنى ،يارات يېڭى ھۆردۇنيا،
خۇراپىلىق چىل بۆرە، تېغ ئۇر ئەمدى قاچمىغىن.
ئەجدادىڭنىڭ داڭقى بار،ئۈلگە ئالغىن روھىدىن،
يۈز كىلەلمەي ۋىژدانغا، ھەسرەت چېكىپ ياتمىغىن.
2011-01-10
收藏到:Del.icio.us
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.