ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2011-01-23

    شېئىر:سۆيگۈمگە مىھرىڭدىن بەرگىنەمەدەت - [يازمىلىرىم]

    سۆيگۈمگە مىھرىڭدىن بەرگىنەمەدەت

     

    سىھىرلەپ ئالدىڭمۇ ئەركىمنى مىنىڭ،

    باغلاندى تىلىممۇ باقىمەن ئۈنسىز.

    كۆندۈم مەن نەئىلاج بىمارىڭ سىنىڭ،

    سېنىڭدۇر بارلىقىم ،شىپا يوق سەنسىز.

     

    تىكىلىپ قارالماس چېھرىڭگە ھېچكىم،

    ئەمما مەن سەۋدادەك باقتىم دەممۇدەم.

    پۇكۇلدى ھۆسنۇڭدىن ئىگىلمەس قەددىم،

    ھالىمنى كۆرۈپلا كۈلدى كۈشەندەم.

     

    كۆڭلۈمنى ئۇتساڭ بولمامتى كۈلۈپ،

    دائىما ئۆتەمدىم ئوتۇڭدا كۆيۈپ.

    ئوت ياقتىڭ جىم تۇرغان يۈرەكنى داغلاپ،

    سۆيەلمەي زارلايمەن ئۆلەي بىرسۆيۈپ.

     

    سىنى دەپ ھەر كۈنى ئايغا باقىمەن،

    ئايۋاندا تولغۇنۇپ ئاھ دەپ ياتىمەن.

    ساڭىلا ئاتالغان مىسكىن يۈرۈگۈم،

    سۆيگۈنىڭ دەردىنى تەنھا تارتىمەن.

     

     

    تەييارمەن ھەر ۋاقىت تۆلەشكە بەدەل،

    كۆيدۈممۇ ساڭىلا، كۆيۈمەن يەنە.

    ئەتىكى كۈنلىرىم بۈگۈندىن گۈزەل،

    سەن كۈلۈپ باققىچە كۈتىمەن يەنە.

     

    ساداقەت تەپتىدىن ئىللىسا قەلبىڭ،

    سەزگۈرۈڭ ئويغۇتارھېسلارنى تۈرتۈپ.

    يورۇتار نۇر-زىيا يولۇڭنى سىنىڭ ،

    يۈرمەسسەن يېتىرقاپ، كىيىكتەك ھۈركۈپ.

     

    يۈرەكتە لاۋۇلداپ يانىدۇ بىر ئوت،

    پەقەتلا سەن ئۈچۈن ياشايمەن ئەبەت.

    تۇتقىنا قولۇمنى،ھەممىنى ئۇنۇت،

    سۆيگۈمگە مىھرىڭدىن بەرگىنەمەدەت.

    2011-01-06


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.