-
2010-09-08
شېئىر:چۇشەنسەڭ - [يازمىلىرىم]
چۇشەنسەڭ
قىينالغانداياردەم سورا دوستۇڭدىن،
يۇرۇگۇڭدىن چىن دوستۇم دەپ چۇشەنسەڭ.
تىلى ھەسەل دىلى زەھەر دىن يىراق تۇر،
قىلغىنىدىن دۇشمىنىم دەپ چۇشەنسەڭ.
خەۋەر ئالغىن ھالىدىن سەن ئاتاڭنىڭ ،
ئۆمۇر بويى، زۇلپىقار دەپ چۇشەنسەڭ.
تۇيۇق يولغا كىرىپ قالساڭ قول سۇنار،
قايتىپ چىققىن، غەمگۇزار دەپ چۇشەنسەڭ.
ئاق سۇت بېرىپ باققان ئاناڭ، ئىززەت قىل،
بېشىمدىكى گۇلتاجىم دەپ چۇشەنسەڭ.
بىلىم بەرگەن چىن ئىنساننى ھۆرمەت قىل،
شەربەت بەرگەن ئۇستازىم دەپ چۇشەنسەڭ.
ھالال جۇپتۇڭ،مىھرىبانغا كۆيۇنگىن،
قەلبىمدىكى نىگارىم دەپ چۇشەنسەڭ.
باللىرىڭغا ئەنئەنىنى ئۇگەتكىن،
ئىز باسارىم -پەرزەنتىم دەپ چۇشەنسەڭ.
ھالال ياشا پىشانەڭدىن تەر تۆكۇپ،
قاششاقلىقنى ئاپەتكەن دەپ چۇشەنسەڭ.
مىللەت ئۇچۇن ئەجىر قىلغىن چۆكۇنۇپ،
نادانلىقنى قازاكەن دەپ چۇشەنسەڭ.
مەنبە:ئۆز يازمام
历史上的今天:
شېئىر:سۆيسەڭ پەقەت بىرىنى سۆيگىن! 2010-09-08ئىلىدىكى تاتارلار ھەققىدە-1 2010-09-08ئىلىدىكى تاتارلار ھەققىدە-2 2010-09-08
收藏到:Del.icio.us
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.