-
2010-09-11
ۋاپاسىز ئوغول - [يازمىلىرىم]
ۋاپاسىز ئوغول
ھەممىمىز ئانا دەپ قوشاقلار قاتتۇق،
ھەممىمىز شائېر بوپ داستانلار يازدۇق.
مىھرىبان شۇ ئانا يالغۇز قالغاندا،
ھالىدىن قانچىلىك خەۋەر ئىپ باقتۇق؟
تۆرۆلۇپ جىسمىدىن كۆز ئاچساڭ يىغلاپ.
>بالام <دەپ باغرىغا باسقانغۇ سىنى.
چىڭقالغان كۆكسىدىن ئەمدۇرۇپ ئاق سۇت،
كېچىسى ئۇخلىماي باققانغۇ سىنى.
<ئانا> دەپ تىل چىقىپ تەمتىلەپ ماڭدىڭ،
ھە مانا بوقچاڭنى ئۇشنەڭگە ئاستىڭ،
بارىنى بېغىشلاپ ئۆستۇرگەچ ئاناڭ،
ئەر يىتىپ تۇرمۇشقا قەدەممۇ باستىڭ.
ئەتىدىن كەچكىچە غېمىڭنى قىلىپ،
بىلەمسەن؟كۇتكەنغۇ يولۇڭغا قاراپ.
<كەلسىدى بالام>دەپ غىزامۇ يىمەي،
باغرىغا باسماق بوپ ھىدىڭنى پۇراپ.
ئۇنۇتتۇڭ شۇلارنى ئەمدى چوڭ بولۇپ.
يىنىڭدا بولغاچقا گۇزەل جانانىڭ.
يوقلاشقا رايىڭ يوق،كۆپتۇر بانايىڭ،
قايتۇرىسەن ئەجىرىنى قاچان ئاناڭنىڭ؟
.
ئالغاندا بالاڭغا ئېسىل كىيىم،قونچاق،
ئانامغا دەپ ئالمىدىڭ بىر پارچە لاتا.
ئۆيۇڭدە قوي سويۇپ يىگەن چىغىڭدا،
چىقمىدى<ئانامغا...>دىگەن بىر سادا.
ياتقاندا ئاناڭ ئاغرىپ ھەم زارلىنىپ،
بەردىڭمۇ يۇتۇم سۇ يۆلەپ تۇرغۇزۇپ.
داۋاسى ئىدىڭ سەن ۋاپاسىز ئوغول،
كەتتى ئۇ< قىنى بالام ؟>دەپ ئاھ ئۇرۇپ.
ساڭىمۇ بىر كۇنلەر قېرىلىق يىتەر
بىلىسەن شۇ چاغدا ئاناڭ قەدرىنى.
شۇنداق جاھانبۇ ساڭىمۇ كىلەر،
تاتىسەن ھەم ۋاپاسىز لىق دەردىنى.
2010-01-20
历史上的今天:
ئاۋازلىق ئەسەر- سادىر پالۋان 2010-09-111-غۇلجاشەھەردىكى خەنزۇ بازار ھەققىدە 2010-09-112-غۇلجا شەھىرىدىكى خەنزۇ بازىرى ھەققىدە 2010-09-11سىڭلىمغا نەسىھەت 2010-09-111-ئىلى مەشرىپى ھەققىدە 2010-09-11
收藏到:Del.icio.us