ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-09-11

    2-غۇلجا شەھىرىدىكى خەنزۇ بازىرى ھەققىدە - [ئىلى دىيارىدا]

       غۇلجا شەھىرىدىكى خەنزۇ بازىرى ھەققىدە

     پۈتۈن ئەتراپنى سۈت قايماقنىڭ شېرىن ھىدى قاپلايتتى. ئۇزاقتىن تەلمۇرۇپ تاپقان بۇ ماروژنىمىزنى بىراقلا يەۋېتىشىكە كۆزىمىز قىيماي خېلى ئۇزۇنغىچە بەكمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن شۈمەپ كوچا چۆگىلەپ ئوينايتتۇق.
         خۇيزۇ ئۇستاملارنىڭ توخۇ گۆشى، مېزىلىك شېكەر نېنى، سۇڭپىياز گۆش قاتلىمىسى ۋە ماخۇرى دىماقنى غىدىقلايتتى. ئۇندىن باشقا كوچا بويلاپ كاللا–پاقالچەك، ئۆپكە–ھېسىپ، شىمىشكا، پۇرچاق، كەمپۇت–مەمپەزە، تاۋۇز–قوغۇن، ئۈزۈم–شاپتۇل دېگەنلەر تولۇپ كېتەتتى. ھازىر بەزىدە ئويلاپ ئېغىزلىرىمنى تامىشىتىپ كېتىمەن».........
    مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۆزۈمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كىچىككىنە بىر ۋەقەنى قوشۇپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ:
        2006 –يىلى ماي بايرىمى مەزگىلىدە ئايالىمنىڭ پۇتى ئاغرىپ ئوبلاستلىق جۇڭيى دوختۇرخانا بالىنىستىدا يېتىپ قالدى. ئارىدىن ئىككى ئۆتۈپ ئايالىم ياتقان ياتاققا شامال تەككەنمۇ ئەيتاۋۇر ئاغزى قىيسىق كەتكەن ياشانغان بىر خەنزۇ موماي ئېلىپ كىرىلدى. ئۇنى قىزى بىلەن كۈيئوغلى ئېلىپ كىرگەن ئىدى. موماينىڭ 50ياشلار ئۆپچۈرىسىدىكى كۈيئوغلى بەكمۇ چىقىشقاق، پاراڭچى نېمىكەن، بىردەمدىلا ياتاقتىكى بىمارلار بىلەن بەئەينى كونا تونۇشلاردەك مۇڭدىشىپلا كەتتى. ئۇنىڭ خەنزۇچە تەلەپپۇزىدىن «بېندىرىن» (يەرلىك) ئىكەنلىكى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى. پاراڭ بىمارلارنى يوقلاپ كەلگەنلەرنىڭ ئېلىپ كەلگەن گۈللىرىگە بۇرۇلىۋېدى، «مۇنۇ گۈللەرنىڭ سۆلىتى بولغان بىلەن كىچىككىنىمۇ گۈل پۇرىقى يوق» دەپ قالدى ھېلىقى كۈيئوغۇل ماڭا قاراپ ساپ تارانچى تەلەپپۇزىدا: «كىچىك چاغلىرىمىزدا لەڭزە بېشى تەرەپلەردە ياۋا گۈللەر غۇچچىدە ئېچىلىپ كېتىدىغان، ھەربىر گۈلنىڭ رەڭگى، پۇرىقى باشقىچە ئىدى. مەھەللىلىك بالىلار سۇغا چۆمۈلگىلى بېرىپ، قايتىشىمىزدا گۈل تېرىپ كېلەتتۇق. ئۆيگە ئېلىپ كېلىپ بوتۇلكىغا چىلاپ قويساق بىرەر ئايغىچە پۇرىقى كەتمەيتتى.....»
    — مۇنۇمۇ «خەنزۇبازىرى»لىق چىقىپ قالمىغىيتى، — دەپ ئويلىدىم–دە، گەپ تەشتىم:
    — لەڭزە بېشىنىڭ گېپىنى قىلغىنىڭغا قارىغاندا، «خەنزۇ بازىرى»لىق ئوخشىمامسەن؟
    نەق كىندىكىدىن دەڭا ئاكا، چوڭ كۆۋرۈكتە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بالىلار بىز، «خەنزۇ بازىرى» تەۋەسىدە ليۇبۇ دېسە تونومايدىغىنى يوق، ئۆزۈم ئوبلاستلىق قاتناشتا ئىشلەيمەن.....
         ئۇزاقتىن كاللامغا كىرىۋالغان ھېلىقى «خەنزۇبازىرى»نى يېزىش ۋەسۋەسى مېنى ئۇنىڭ يېنىغىراق سىلجىشقا مەجبۇر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پاراڭ تېخىمۇ قىزىپ كەتتى. ليۇبۇ دېگەن بۇ بۇرادەر سورۇننىڭ ئاغرىقلار ياتىقى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ ياكى بىزنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ كەتتىمۇ بىلمىدىم، ئەيتاۋۇر ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ ھەۋەس بىلەن سۆزلەپ كەتتى:
    —كىچىكىمدىن مەھەللىدە، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭ بولدۇم. ئاساسلىق ئاغىنىلىرىم ئۇيغۇر بالىلار ئىدى. قىش كۈنى مۇز تېيىلىپ، ئوشۇق ۋە نۇر ئويناپ، يازنىڭ كۈنى كالا بېقىپ، سۇغا چۆمۈلۈپ دېگەندەك ھېرىشنى بىلمەيدىغان بالىلار ئىدۇق....ۋاي، يامان قىزىق بولىدىغان، ھەممىمىزنىڭ باغ–ۋارىنى بار تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ بېغىدىن ئالما، ئۈرۈك، سەيۋەنزىسىدىن تەرخەمەك، پەمىدۇر ئوغرىلاپ يېيىشكە ئامراق ئىدۇق. باغ تېمىغا يامىشىپ چىقىپ قولىمىز يەتمىگەنلىرىگە ئۇزۇن قومۇشتىن شىلدىرما ياساپ ئاۋايلاپ ئۈزۈۋالاتتۇق. بۇ بىزنىڭ ئىچ پۇشۇقىمىزنى چىقىرىش ئۈچۈن قىلغان ئويۇنىمىزمۇ يا خەقنىڭ مېۋىسى بەكرەك تېتىپ كېتەمدۇ ياكى شۇ چاغلاردىكى سوۋېت كىنولىرىدىكى زېرەك، قورقماس بالىلارنى دورىغىنىمىزمۇ،نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ تىنىم تاپمايتتۇق....
         چوڭلارمۇ كىچىگىدە بىزدەك ئۆتكەن بولسا كېرەك، شۇڭا بۇنى ئانچىۋالا چوڭ «جىنايەت» ھېسابلاپ كەتمەيتتى. ئانچە–مۇنچە ۋارقىراپ بولدى قىلاتتى، خالاس. ھازىر ئويلىسام كۈلۈپ كېتىمەن، توۋا، بىرەر تال ئالما، ئۈرۈك ئۈچۈن قول–پۇتنىڭ سۇنۇپ كېتىش خەۋپى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ تەۋەككۈل قىلاتتۇق. يازنىڭ تومۇز ئايلىرىدا كالا باققاچ «چاقام–چاقام، يىلان–پاقام» دەپ ئۆزىمىزنى كۆك بۇلاقنىڭ مۇزدەك سۈيىگە ئېتىپ چۆمۈلۈپ ئوينايتتۇق، سۇدىن چىقىپ تىنىم تاپماي قېلىن قومۇشلۇق، يىكەنلىك ئارىسىدىن قىزىل قولتۇق پاقا تۇتاتتۇق. بىر كۈن كەچكىچە تۇتقان پاقىلارنى چىغىرتماققا ئۆتكۈزۈپ، ئۇزۇن ياغاچقا ئېسىپ، «خەنزۇبازىرى»دىكى سەكسەن خالتىچى بوۋايغا سېتىپ پۇلىغا ماروژنى، بەيخۇ ئېلىپ ئۇسسۇزلۇقىمىزنى باساتتۇق. ۋاھ....ئۇ ماروژنىلارنىڭ پەيزىلىكىنى دېمەيسىز..ئۇ چاغلاردا مەھەللە كۆزقارىشى بەكمۇ كۈچلۈك ئىدى. بىزنىڭ مەھەللىلىك بالىلاردىن بىرەرسى باشقا مەھەللىلىك بالىلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنىپ قالدىمۇ، بولدى، پۈتۈن مەھەللە بويىچە سوقۇشقا ئاتلىناتتۇق. بىراق، مۇشتلىشىش يەكمۇ–يەك بولاتتى. ئۇ چاغلاردا مەھەللە بالىلىرىنىڭ كارامەت ئوغۇلبالىچىلىقى بارئىدى، ھازىرقىدەك بىرنەچچەيلەن بىرلىشىپ بىر ئادەمنى بوزەك قىلىش، ھەدېسىلا قولىغا كالتەك، پىچاق ئېلىپ سوقۇشۇش ئوغۇل بالىغا نومۇس، نامەرتلىك ھېسابلىناتتى. ئادەتتىمۇ ئويۇن ئارىسىدىمۇ يىقىلىپ ياكى بىرەر نەرسە تېگىپ بۇرنى قاناپ كەتسە يىغلىغان ئوغۇل بالىنى «ئۇششۇق»، «قىزبالا» دەپ زاڭلىق قىلىپ ئارىمىزغا قوشماي چىقىرىۋېتەتتۇق....ھازىرقى ئۇششاق بالىلار قورقۇنچاق، توخۇيۈرەك، ئەركەنايناق، تەييارغا ھەييار. ئۇچاغلاردا ئوينايدىغان ئويۇنچۇقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىمىز ياسايتتۇق، رەگەتكە دەمسىز، ۋاللەي دەمسىز، ئوشۇقنىڭ ساقىسىغا قوغۇشۇن قۇيۇش، تۇخۇمنىڭ ئۇچىغا زەمچە قۇيۇش، لەگلەك–دەككە ياساش دەمسىز، ھېچقايسىسىغا چوڭلار ئارىلاشمايتتى. ۋاي، سۆزلەپ كەلسەم گەپ تولا ئاكا، كارامەت چاغلار ئىدى، قولۇم–خوشنىلار، تۆي–تۆكۈن، ئۆلۈم–يېتىم، نەزىر–چىراغ دېگەنلەردە ئۇرۇق–تۇققاندەك ئۆتەتتى. ئۇيغۇرلار كەچتە توي كۆچۈرگەندە، ئاغىنىلىرىم بىلەن بىللە كوچىغا ئارغامچا تارتىپ توساپ، گۈلخان يېقىپ ۋارقىراپ–جارقىراپ، ئسىقىرتىپ توينى بېشىمىزغا كىيەتتۇق.....
         ئاسما ئوكۇل سېلىنىۋاتقان ئايالىم ئاغرىقىنى ئۇنتۇپ قالدى، مەن تولا كۈلۈپ، تېلىقىپ قالاي دېدىم. مېنىڭ ئۇدۇلۇمدىكى بۇ گەپدان كۈيئوغۇل خەنزۇ ئەمەس، بەئەينى تىپىك جاغىستاي، قاينۇقنىڭ قىزىقچىسىدەك سۆزلەيتتى....
    — كۈلۈپ كەتتىڭىزغۇ، ئاكا، تېخى قىزىقى ئەمدى چىقىدۇ. ھەريىلى روزا ئايلىرى كەلگەندە، كۈندە كەچتە ئۇيغۇر بالىلارغا ئەگىشىپ رامزان ئېيتىدىغانلىقىمنى دېمەيسىز، — كۈيئوغۇل يەنە پاراڭغا چۈشتى: ئۆيمۇ–ئۆي توختىماي چۆرگىلەپ رامزان ئېيتىپ بىر تالاي نەرسىلەرنى تاپاتتۇق، بەزىلەر نان–توقاچ، بەزىلەر قەن–گېزەك بېرەتتى، تېخى بەزىلەر سۇ چېچىۋېتەتتى، گاھىدا قېرىشقاندەك ئاللىقانداقتۇر ئىتلار قوغلاپ كېتەتتى...قاچە–قاچ.....
    — ھەممىدىن قىزىقى ئاكا، بايىقى روزىنىڭ ئالدىدىمۇ، كەينىدىمۇ ئەيتاۋۇر بىر ئايدىڭ كېچىگە توغرا كېلىدىغان ھېلىقى بارات ئايەم دېگىنىڭلار ئىدى، ئۇيغۇر ئاغىنىلىرىم بىلەن ئالدى بىلەن ئوتۇن–قوراي ئوغرىلاپ گۈلخان يېقىپ، ئاندىن كۆيدۈرىدىغانلىكى نەرسىنىڭ بەرىنى كۆيدۈرۈپ كوچا دوقمۇشىدىن باشلاپ «بارات كەلدى تۇيدۇڭلارمۇ، بىزگە قۇيماق قۇيدۇڭلارمۇ» دەپ ئالا–تاغىل ۋارقىرىشىپ كوچا چۆگىلەيتتۇق. مەن بىر قېتىم كۆيدۈرىدىغان رېزىنكە تاپالماي مومامنىڭ ھويلىغا يېشىپ قويغان كالىچىنى كۆيدۈرۈۋېتىپ دادامدىن چىشقىچە تاياق يىگەنلىكىم ھازىرمۇ ئېسىمدە، دېمىسىمۇ ئۇچاغلاردا كالاچ قىس بولىدىغان....ھازىرغۇ، مەھەللىلەردە روزا تۇتىدىغانلار بار، بىراق ھېلىقى بارات ئايىمىڭلار يوقاپ كەتتىغۇ، دەيمەن–ھە، ئاكا!....
         مانا بۇ، «خەنزۇبازىرى»نىڭ 50–60–يىللاردىكى ھايات كارتىنىسى. مانا بۇ، ياڭ ليۇچىڭلىقلارنىڭ 4–، 5–ئەۋلادلىرىنىڭ «خەنزۇ بازىرى»دىكى پۈتۈنلەي باشقىچە تۈس ئالغان تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرى. مانا بۇ، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق يىللار مابەينىدە ئۆرپ–ئادەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا سىڭىشىش تۈرتكىسىدە مەيدانغا چىققان ئىناقلىق مىلودىيىسى

    ---------ئالمىزار تورىدىن


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.