ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-09-11

    1-غۇلجاشەھەردىكى خەنزۇ بازار ھەققىدە - [ئىلى دىيارىدا]

    غۇلجاشەھەردىكى خەنزۇ بازار ھەققىدە

    «خەنزۇ بازىرى»نىڭ ئەينى چاغلاردىكى ئەڭ ئاۋات بۆلىكى ئانچە بەك چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ مۇشۇ  يەردە   تۇغۇلۇپ، مۇشۇ يەردە ئۆسكەن تىيەنجىنلىك بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ قەلبىگە مەڭگۈ ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ئىنتايىن بۈيۈك، بىباھا گۆھەر جاي ھېسابلىنىدۇ.
    يەن لىڭ ماقالىسىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ھازىر غۇلجا سودا سارىيى ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان، «خەنزۇ بازىرى»دا ئۆسۈپ چوڭ بولغان شۈي نىڭ بىزگە ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلەپ سۆزلەپ بەرگىنىدە كۆزلىرى ھاياجاندىن نۇرلىنىپ كەتتى.
    ئۇ گۆدەك چېغىدا «خەنزۇ بازىرى» ئۆكتەبر كوپراتىپىنىڭ بالىلار باغچىسىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان. شۈي نىڭنىڭ مومىسى ئالتە ياش ۋاقتىدا ئاتا–ئانىسى، ئاكا–ھەدىلىرى بىلەن بىر چوڭ مەپىلىك برىچكا ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ 6–ئايدا تىيەنجىندىن غۇلجىغا يەتكەن ئىكەن.
    20–ئەسىرنىڭ 50–يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى، پۈتۈن جەمئىيەت قاينام–تاشقىنلىق سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا ئاتلانغان مەزگىل ئىدى. ئۇ چاغلاردا ھازىرقى ئاھالىلەر كومىتېتى «مەھەللە ھۆكۈمەت» دەپ ئاتىلاتتى. «مەھەللە ھۆكۈمەت»نىڭ پۇقرالار ئارىسىدىكى ئابرويى بەكمۇ يۇقىرى ئىدى. مەھەللىداشلار ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك چوڭ ھۆكۈمەتلەرنى تونۇمايتتى ھەتتا بىلمەيتتى. «مەھەللە ھۆكۈمەت» كاتتىبېشى بىر بۇيرۇق چۈشۈرسە ئەر–ئايال، قېرى–ياش دېمەي بىراقلا جەڭگە ئاتلىناتتى. ئىشسىز ئائىلە ئاياللىرى ھەتتا پۇتىنى بوغۇۋالغان قېرى مومايلارمۇ ھېچقانداق ھەق ئالماي خۇشال–خورام ھالدا خالىسانە ئىجتىمائىي ئەمگەكلەرگە قاتنىشاتتى. مومايلار ئامانلىق قوغداش خىزمىتىگە بەكمۇ ھېرىسمەن ئىدى. ئۇلار، بۇ خىزمەتنى تولۇپ–تاشقان غەيرەت–شىجائىتىگە تولىمۇ كوچىلاپ گەپ سوراشقا ئامراق ئەزمىلىكىنى قوشۇپ، بەجانىدىللىق بىلەن ئاشۇرۇپ ئورۇنلايتتى. مەھەللە كوچىلىرىنى قېدىرىپ ئارىلاپ يۈرگەن بىكارتەلەپ يوچۇن كىشىلەرگە مۇشۇ مومايلار تېتىيتتى. ئۇ چاغلاردىكى «خەنزۇ بازىرى»نىڭ ئېرىق–ئۆستەڭلىرىدە ئاستى كۆرۈنۈپ تۇرغۇدەك سۈزۈك سۇ ئاقاتتى. كوچا–كويلارغا قويۇق تال–سۆگەتلەر سايە تاشلاپ تۇراتتى. ئۇيغۇر مەھەللىداشلارنىڭ بىر–بىرى بىلەن بەسلەشكەندەك چىرايلىق گۈل–چېچەكلەر ھۆپپىدە ئېچىلغان قورۇلىرىدا قۇشلار سايراپ، كېپىنەكلەر پەرۋاز قىلاتتى. ھەركۈنى سەھەردە سۈبھى بىلەن تەڭ كوچىلارغا سۇ سېپىلىپ سۈپۈرۈپ تازىلىناتتى. قالايمىقان ئەخلەت، يۇندا تۆكۈش ئەدەبسىزلىك ھېسابلىناتتى. بۇ مەھەللىدىكى كىشىلەر ئۇزۇن يىل بىرگە ئارىلىشىپ ئۆتكەچكە تىل توسالغۇسى يوق دېيەرلىك ئىدى. ئۇيغۇرلارمۇ خەنزۇچىنى چۈشىنەتتى، خەنزۇلار ئۇيغۇر تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيتتى. قوشنىلار مەيلى قايسى مىللەت، قايسى ئۇرۇق جەمەتىدىن بولسۇن بەئەينى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىجىل–ئىناق ئۆتەتتى.
         يازنىڭ سالقىن سەھەرلىرىدە ئاستىغا سەھرانىڭ يۇمران ياۋا گۈل–گىياھلىرى سېلىنغان سېۋەتلىك ئەپكەشلەرنى كۆتۈرگەن تارانچى باققال يىگىتلىرى پۈتۈن كوچىنى ئوتقاشتەك قىزىرىپ پىشقان ئىستىلۋوي، ئالتۇن مەڭزىلىك يازلىق لىموننىڭ ھىدىگە تولدۇرۇپ، خانلەيلۇننى غىڭشىغان پېتى چوڭ كۆۋرۈككە ئۆتۈپ كېتەتتى.....
    «ئاممىۋى كىنوخانا» (بۇرۇنقى سەنمىن كىنوخانىسى)نىڭ كۈنپېتىش بۈرجىگىدە پۈتۈن ئەتراپقا دورا–دەرمەك پۇرىقىنى تارقىتىپ «دېشىنتاڭ» دورىخانىسى تىجارەت قىلاتتى. مەزكۈر دورىخانىنىڭ بېقىنىدا تاڭشىرچىلىك (قىيامچىلىق) قىلىدىغان بوۋاينىڭ دۇكىنى خەنزۇ بازىرىلىق ئۇششاق بالىلارنىڭ كۆڭلىنى بەئەينى ماگىنتتەك ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدىغان بىر جاي ئىدى. دۇكاندا تام سائىتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان چوڭ بىر دۈگىلەك پىرقىراتما تەخسە بولۇپ، 12لىك رەقەملەر ئورنىغا 12مۆچەلدىكى ھايۋانلارنىڭ رەسىمى سىزىلغان ئىدى. ئاتا–ئانىسىدىن ئانچە–مۇنچە پارچە پۇلغا ئېرىشكەن ئۆسمۈر بالىلار ئەڭ ئالدى بىلەن مۇشۇ دۇكانغا چاپاتتى. بالىلار ئالدى بىلەن سترىلىكىنى تالىشىپ پىرقىرىتاتتى. سىترىلكا ئەڭ ئاخىرى توختاپ قايسى ھايۋانغا توغرىلانسا، تاڭشىرچى بوۋاي بىر پەستىلا ھېلىقى ھايۋاننىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن تاڭشىر قەندىلىنى ياساپ بېرەتتى. قەندەلگە ئېرىشكەن بالىلار تۈگەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، كەچكىچە ئاۋايلاپ شۈمەپ يۈرەتتى. بۇ قەندەللەر مەيلى تەم ۋە شەكىل جەھەتتىن بەكمۇ ئۆزگىچە بولغاچقا، تا ھازىرغىچە يادىمدىن چىقمايدۇ. ئۇششاق بالىلار ئامراق يەنە بىر بوۋاي — چىغقا ئۆتكۈزۈپ پارقىراق تاڭشىر يالىتىلغان تاڭسۇق تەملىك تاشئالما ساتىدىغان چى فامىلىلىك ئورۇق دارازا بوۋاي بولۇپ، بىز ھەممىمىز ئۇنى «چى بوۋام» دەپ ئاتايتتۇق. چى بوۋامنىڭ «تاڭخۇلۇ»سىنى بىر يېگەن ئادەم خۇمار بولۇپ قالاتتى. چى بوۋاي بۇھۈنەردە كامالەتكە يەتكەن بولۇپ،تاشئالمىدىن باشقا ئۈزۈم، قارائۆرۈك، ئەينۇلا، گىلاس قاتارلىق مېۋىلەردىنمۇ ھەرخىل شەكىللىك «تاڭخۇلۇ»(قەندالات)لارنى ياساپ ساتاتتى. ئۇزۇن چەڭزە بېشىغا ئېسىلغان كاۋا، لوبۇلارغا سانجىلغان ھەرخىل مېۋە «تاڭخۇلۇ»لار قۇياش نۇرىدا ۋالىلداپ چاقناپ، كۆزنىڭ يېغىنى يەپ تۇراتتى. بولۇپمۇ ھەرقېتىم ئۇنىڭ ساپ قويۇق تىيەنجىن شىۋىسىدە سوزۇپ: «تاڭخۇلۇ ئەرزان!» دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى «خەنزۇ بازىرى» ئاسمىنىدا ياڭرىغاندا بىر توپ ئۇششاق بالىلار چۇرقىرىشپ بوۋايغا تەڭ ئەگىشىپ بىللە بازار چۆگىلەيتتى. ئۇششاق بالىلار بىللە ئوينايدىغان ئاغىنىلىرىنى مۇشۇ ئاۋازغا قاراپ ئىزدەپ تېپىۋالاتتى.
         كەچكى شەپەق نۇرى بازارغا سېپىلگەندە بىر كۈنلۈك تىرىكچىلىكتىن چارچىغان چوڭلار ۋە دەرستىن قولى بوشىغان بالىلار ئۈچۈن شۇ كۈنكى ئەڭ خۇشاللىق ئىككى ئىش باشلىناتتى. ئۇنىڭ بىرى چاڭچىلىخانىغا بېرىپ ئويۇن كۆرۈش، يەنە بىرى «خەنزۇ بازىرى» يازلىق كىنوخانىسىدا كىنو كۆرۈش. ئۇ چاغلاردا چاڭچىلىخانىنىڭ ئالدى رەتنىڭ بېلىتى 60تىيىن، ئارقا رەت 50تىيىن ئىدى. شۇڭا بىر ئائىلە كىشىلىرى چاڭچىلە كۆرۈشكە بارسا بىر نەچچە كۈنلۈك تۇرمۇش خىراجىتىنىڭ بېشىغا سۇ قۇيىدىغان بولغاچقا، ئادەتتىكى پۇقرالار كۆپىنچە بەش تىيىن، ئون تىيىنلىق يازلىق كىنوخانىنى تاللىۋالاتتى. يازلىق كىنوخانىدا كىنو كۆرۈشتىن كۆرە، بىزدەك ئۇششاق بالىلار ئۈچۈن تاماقتىن كېيىن ئالدىنئالا بېرىپ «ئورۇن ئىگەللەش» بەكمۇ قىزىقارلىق ئىدى. ھازىر ئويلىسام كۈلۈپ كېتىمەن. بەزى كەپسىز شوخ بالىلار «كىم قانچە ئۇزۇن بەندىڭدىن سەكرەپ ئۆتەلەيدۇ؟» دېيىشىپ بىر–بىرى بىلەن بەسلىشەتتى. بۇ خىل ئالامان تاكى كىنو رەسمىي باشلانغۇچە داۋاملىشاتتى. قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن «خەنزۇ بازىرى»نىڭ كېچىلىك پائالىيىتى باشلىناتتى. چوڭ كۆۋرۈكنىڭ ئىككى قاسنىقى نەچچە يۈزلىگەن پانار، دىڭخۇلۇ ۋە جىن چىراقلار بىلەن يورۇيتتى. بۇ يەردىن ھەممە نەرسە تېپىلاتتى. كۈز كۈنلىرى چاپچالنىڭ كۆك تاۋۇز، قوزىۋاي تاۋۇزلىرى، توغراق، ھېزۋەكتام، ئارائۆستەڭلەرنىڭ شېكەرسۈيى، ئابىناۋات، بېسىۋالدى قوغۇنلىرى، نوغايتۇنىڭ كۆكچىلىرى تىلنى ياراتتى. قولىدىكى يەلپۈگۈچىنى پىرقىرىتىپ ۋارقىراۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ كاۋاپدانىدىن كۆتۈرۈلگەن مېزىلىك زىرە پۇرىقى دىماقنى غىدىقلايتتى. بىز خەنزۇ بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئېسىل نەرسىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا ياسىغان ماروژنىسى ئىدى. قول ھارۋىسىغا ئورنىتىلغان ھەمدە ھەممە تەرىپىگە ھەرخىل مېۋە–چىۋە، گۈل–گىياھ، تاغ–ئورمانلارنىڭ سۈرىتى سىزىلغان سوزۇنچاق ياغاچ ساندۇققا ئاغزى يېپىقلىق ئىككى مىس تۇڭ ئورنىتىلغان بولاتتى. يان تەرىپىگە قول بىلەن ئايلاندۇرىدىغان چوڭ ئورنىتىلغان بولۇپ، قولنىڭ ئايلاندۇرۇشى بىلەن چىشلىق چاقلار ھەرىكەتكە كېلىپ مىس تۇڭنى چۆرگىلىتەتتى. بىرئازدىن كېيىن ئۇيغۇر ئۇستام مىس تۇڭنىڭ قاپقىقىنى ئېچىپ، ئۇزۇن ساپلىق ياغاچ قوشۇق بىلەن تۇڭ ئىچىنى ئاز–تولا ئارىلاشتۇرغاندەك قىلاتتىدە، ئاندىن بەزىدە ساپسېرىق، بەزىدە ھالرەڭ كەلگەن ماروژنىنى ئىككى دۆگىلەك نېپىز پىرەنىكنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ قولىمىزغا تۇتقۇزاتتى.


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.