ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2011-06-18

    ياپراق - [يازمىلىرىم]

    ياپراق

    (غەزەل)

    قىپ يالاڭغاچ دەل دەرەخلەر، ياپراق ياتار ئاياغىمدا،

    قۇرۇپ قاخشال بولۇپ قالغاچ، چۇقان سالار ئاياغىمدا.

    ياپ-يېشىل تون كەيدۈرگەن ئۇ، نازلاندۇرۇپ تەبىئەتنى ،

    خوشاللىقى بەكمۇ قىسقا ھەسرەت چىكەر ئاياغىمدا.

    ئوزوق ئېلىپ كۈن ۋەغولدىن، چالدى چاۋاك باھار ۇ- ياز،

    لەيلەپ چۈشۈپ ئەمدى يەرگە، ھەر يان چاپار ئاياغىمدا.

    ئەشۇ ياپراق سايىۋەندەك توسقان قوياش ئوت تەپتىنى،

    باسسا قىرو،پاياندازدەك يەرنى ياپار ئاياغىمدا.

    كەلسە كۆكلەم يىپ يېڭىدىن سانسىز ياپراق ئوينار ئۇسسۇل،

    بۇلبۇل ئېيتسا ناخشىسىنى،ۋىسال تاپار ئاياغىمدا.

    2011.7.12


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.