ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2011-06-10

    قاش ۋادىسىدىكى قەدىمىي يۈرت-سۇپىتاي - [ئىلى دىيارىدا]

     

    قاش ۋادىسىدىكى قەدىمىي يۈرت-سۇپىتاي

    مىركايىل نۇرئالىم

     

     ئىلى ۋادىسى ئۆز بېشىدىن سانسىزلىغان بوران- چاپقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ ئۇزۇن تارىخى زامانلاردىن گۈللىنىش، خارابلىشىش يەنە گۈللىنىش يەنە خارابلىشىشىدەك جەريانلارنى ئۆتكۈزدى. بۇ گۈزەل زېمىنغا تارىختىن بۇيان ھونلار، ساكلار، ياۋچىلار، تۈركلەر، ئۇيسۇنلار، موڭغۇللار ۋە ئىسمى تارىخى خاتىرىلەرگە ئىلىنمىغان قانچە سىياسىي    كۈچ  ۋە قەبىلە، قوۋم بۇ ۋادىغا ئۆزلىرىنىڭ مۇبارەك ئۆچمەس ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى، ئىلى رايونىنى ئۈز ئىچىگە ئالغان تەڭرى تىغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى كەڭ رايونلاردا ئۇزاق زامانلاردىن تارتىپ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ياشاپ كەلگەن. ھاجى نۇرھاجىنىڭ ‹‹قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخى›› دېگەن كىتابىدا: ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى تۇغلۇقلاردىن تارتىپ ئوغۇز، ئۇيغۇرلارغا قەدەر تەڭرى تاغىلىرىنىڭ جەنۇب شىمالى بىلەن موڭغۇل دالاسىدىن ئىبارەت ئىككى جايغا بۆلۈنۈپ ياشىغان››، ‹‹تۇغلۇقلار ياكى ئېگىز قاڭقىلىقلارنىڭ مىلادى 4- ئەسىردىن بۇرۇنلا تەڭرى تاغىلىرى ئەتراپىدا ماكانلىشىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، شۇ رايوندا ئاھالىلەرنىڭ ئۇيغۇرلىشىپ كېتىشىدە چوڭ رول ئوينىغان›› دەپ يازىدۇ. ئەجدادلىرىمىز ئۇزلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگەكلىرى ئارقىلىق بۇ گۈزەل زېمىنغا ‹‹ئالمىلىق شەھىرى››، ‹‹ئىلىبالىق شەھىرى ››، (يەنە ئاييۇرۇق- شەھىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.)، ‹‹شۇتا كونا شەھىرى›› ئۇنىڭدىن باشقا تېكەس، نىلقا، توققۇزتارا، كۈنەس، چاپچال قاتارلىق ناھىيىلەردىكى كونا شەھەرلەرنى بەرپا قىلدى. بۇ جەڭگىۋارلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن مەدەنىيەت مىراسلىرىدۇر، شۇڭا ئىلى ۋادىسى ئۆزىگە خاس قىممەتكە ئىگە قەدىمى مەدەنىيىتى، ئۇزاق تارىخى ۋە ئەل سۆيەر خەلقىنىڭ تىللاردا داستان بولغۇدەك باتۇرانە كۈرەشلىرى بىلەن مەشھۇر بولۇپ دۇنيا ئەللىرىنىڭ كۆزلىرىنى چاقنىتىپ كەلمەكتە. 

          سۇپتاي- قاش ۋادىسىدىكى قەدىمكى يۇرتلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ تارىخى ئىلى تارىخى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ ئىلى تارىخنى تەتقىق قىلىشتا ئۆزىگە خاس تارىخى قىممەتكە - ئىگە. ئىلى ۋادىسى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تارىخى قىسمەتلەر بۇ يۇرتنىڭ تۇپرىقىغىمۇ ئاجايىپ ئىزلارنى سېلىپ ئۆتكەن. بەزى تارىخى تەتقىقاتچىلار سۇپتاي دېگەن نامنى چىڭگىزخاننىڭ ھەربىي قوماندانى سۇبۇتاي باتۇرنىڭ نامىغا قۇيۇلغان، چۈنكى چىڭگىزخان غەربىگە يۈرۈش قىلغاندا، سۇبۇتاي باتۇر بۇ يەردە تۇرغان ھەم مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان. شۇڭا سۇپتاي دەپ ئاتايدۇ دەپ قارماقتا. بىراق سۇپتاي سۆزنىڭ قانداق مەنە بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا خىلمۇ- خىل قاراشلار بار. مەسىلەن: ‹‹يالغۇز تام ››، ‹‹كۆپ ئېدىرلىق يەر››، ‹‹سۇ ئاز ساي ›› دېگەنگە ئوخشاش. سۇپتاي سۆزى موڭغۇلچە ‹‹سۇبۇتا›› سۆزىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بولۇپ، ‹‹قۇندۇزلۇق سۇ›› دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. چۈنكى موڭغۇلچە قۇندۇزنى سۇبۇسۇر دەپ ئاتايدۇ. موڭغۇلچە ‹‹سۇبۇ ›› سۆزىگە ‹‹تا ›› قوشۇمچىسى ئۇلانغاندا سۇبۇتا بولۇپ قۇندۇزلۇق سۇ مەنىسىنى بېرىدۇ.  
          
    سۇپتاي - نىلقا ناھىيىسىنىڭ غەربى چېگراسىغا، غۇلجا ناھىيە مازار يېزىسىنىڭ شەرقىگە، ئابرال تېغىنىڭ شىمالى ئېتىكىدىكى قاش دەريا بۇيىغا جايلاشقان. 315- ئۆلكە يولى كېسىپ ئۆتىدۇ. شەرقىدە ھەيۋەتلىك كۆك چوققا تىغى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. سۇپتاينىڭ جۇغراپىيىلىك  ئەھۋالىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا، يەر تۈزۈلۈشى كۆپ ئېدىرلىق كىلىماتى قۇرغاق بولۇپ، سۇ مىقدارى  0.3مېتىر كۆپ. دېڭىز يۈزىدىن 1100مېتىر ئېگىز،  يېرىم دېھقانچىلىق يېرىم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان رايون. ئاھالىسى  8مىڭىدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ئاساسىي ئۇزۇندا تۇرىدۇ.  

        ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى كۆچمەن مىللەتلەر بىرنىڭ كەينىدىن بىرى ئىلى رايوندا ياشاپ كەلدى. بۇ كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئاياق ئىزلىرى نىلقا ۋە سۇپتاي دىيارىغىمۇ ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئارخېئولوگلارنىڭ قىدىرىپ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، نىلقا رايوندا ساكلارنىڭ ياشىغانلىقى مەلۇم بۇلماقتا. مەسىلەن: قۇربان ۋەلىنىڭ ‹‹نىلقا ناھىيىسىدىن تېپىلغان مىس كان ئىزلىرى ›› دېگەن ماقالىسىدە: ‹‹كان تېگى ۋە يەر يۈزىدە ساقلىنىپ قالغان كۆچمە   توپا قاتلاملىرىدىكى ياغاچ كۆمۈرنى كاربون 14 ئانالىزى ئانالىز ئارقىلىق تەكشۈرگەندە بۇ مىس كانلىرىنىڭ بۇنىڭدىن  2500يىل بۇرۇنقى زامانلاردىن قېزىلغانلىقى ئېنىقلاندى. بۇ  پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا بۇنىڭدىن 2500 يىل ئىلگىرى بۇرۇنلا بۇ رايوندىكى خەلقلەر بىر قەدەر يۇقىرى بولغان كان تاللاش، قىزىش، مەدەن تاۋلاش تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن›› دەپ يازىدۇ. دېمەك نىلقا رايوندا ياشىغۇچى ساكلار بىر تەرەپتىن خىلى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان مىس كانلىرىنى ئىچىپ يەنە بىر تەرەپتىن چارۋىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ئۇلارنىڭ ساناقسىز چارۋا ماللىرى نىلقا ۋە سۇپتاينىڭ كەڭ زېمىنلىرىنى، گۈزەل يايلاقلىرىنى ماكان ئەتكەن. بەزى بىر تارىخى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، مىلادىدىن 7 ئەسىر ئىلگىرى چاغلاردىن مىلادى 2-   ئەسىرگىچە دەۋر سۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا قارا دېڭىزغىچە بولغان كەڭ تېررىتورىيىدە ساك ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان مەشھۇر خاقان ئالىپ ئەر تۇڭا (ئەفراسيا) ئۆز زامانىسىدا قاشنى مەركەز قىلىپ تۇرغان ۋاقىتلاردا، قاش بويى    سۇپتاي قاتارلىق رايونلارنى قىزى قاز  مەلىكىسى ئۈچۈن سەيلە قىلىپ ئوينايدىغان ۋە شىكار قىلىدىغان تۇرالغۇلارنى سالدۇرغان دېيىلىدۇ. بۇنىڭدىن بۇ مەشھۇر خاننىڭ ئاياق ئىزلىرىنىڭ بۇ زېمىنغا چۈشكەنلىكىنى مۇھىم مۇھىم تۇرالغۇ قىلغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ. سۇپتاي يېزىدىن تېپىلغان بەزى مەدەنىي يادىكارلىقلار ۋە قەدىمى قەبرىلەر بۇ نۇقتىدىن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. مەسىلەن:1988- يىلى 6- ئايدا، مۇتەللىپ دىنا دېگەن كىشىنىڭ ئۆينىڭ   كېيىنىنى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قازغاندا، ئۇ يەردىن بىر دانە تاش كەتمەن، بىر دانە تاش پالتا، بىر دانە   تاش پىچاق چىققان، بۇ قەدىمىي يادىكارلىقلار قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ئادەمنىڭ ئۆيگە كىرگەن جامائەت كۆرگەن. بۇ يادىكارلىقلارنى، سۇپتاي يېزىلىق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلەشكەندىن كىيىن، ئىلى مۇزېيدىن ئادەملەر چىقىپ مۇزېيغا قۇيۇش ئۈچۈن ئىلىپ كەتكەن ھەم بۇ ئەسۋابلارنى بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ئادەملەرنىڭ ئىشلەتكەنلىكىنى ئېيتقان. 

    1989-يىلى 5-ئايدا، ئابدىمىجت نۇراخۇن دېگەن ئادەم تام سۇقۇش ئۈچۈن ئىككى مېتىر چوڭقۇرلۇقىدا يەرنى كولىغاندا، يۇغان- يۇغان رەتلىك تىزىلغان تاشلارنىڭ ئاستىدىن بىر جەسەت چىققان. بۇ جەسەتنىڭ ئۈستىدىن قېزىلغانلىقتىن قوۋۇرغىلىرى پارچىلىنىپ كەتكەن، باش قىسمى ئانچە زەخىملەنمىگەن. باش سۆڭەكنىڭ ئىككى چېتىگە ئىككى ھىجىر چىنە قۇيۇلغان بولۇپ، ئۇچ بۇلۇڭ شەكىللىك گۈللەر چۈشۈرۈلگەن قۇلاق سۆڭىكىنىڭ ئىچىدىن بىر دۈگىلەك مىس ھالقا ھەم مىس قازان قاتارلىق نەرسىلەر چىققان. كىيىن ئىككى ھېجىرنى جەسەتلەر بىلەن كۆمۈۋەتكەن، مىس ھالقا بىلەن مىس قازاننى ساقلاپ قۇيغان. بۇنىڭغا ئوخشاش قەبرىلەرنى سۇپتاينىڭ ھەر قانداق يېرىدىن تاپقىلى بولىدۇ. مەسىلەن:‹‹بەش دۆڭ ››،‹‹چىگىلىك جىلغا ››،‹‹قانلىق جىلغا ›› دېگەن يەرلەردە قەدىمىي قەبرىلەر بولۇپ، بەزلىرى قېزىلىپ كەتكەن يەنە بەزىلىرى ھازىرغىچە ساقلانماقتا. تارىخى تەتقىقاتچىلار بۇ قەدىمىي قەبرىلەردىكى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ياسىلىش ئالاھىدىلىكىگە ۋە تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئۇلارنىڭ ساك ۋە ئۇيسۇنلارغا تەۋە مەدەنىي مىراسلار ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە.

       2007-يىلى 7-ئايدا، ئارخېئولوگلار سۇپتاي يېزىسىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىدىن، قارسۇ يېزىسى، كىچىك قارسۇ كەنتى بىلەن چېگرىلىنىدىغان (بۇرۇن بۇ يەر سۇپتاي يېزىسىغا قارايتتى)  قاش دەرياسىنىڭ شىمالى قىرغىقىدىكى بىر قەدىمى قەبرىنى ئاچتى. بۇ قەبرىستانلىقتا ئون قەبرە بولۇپ جەنۇبتىن شىمالغا قاتار كولانغان، ھەر بىر قەبرىدە بىر جەسەت بولۇپ قەبرىدىن يەنە ساپال قاچا، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى، ئۆزۈڭگە، ئوقيا ئوۋچى، قىيىن دەرىخى قوۋزاقلىرى بىلەن ياسالغان ساداق، قاپقان قاتارلىقلار قىزىۋېلىنغان. بۇ قەبرىلەر تارىخى تەتقىقاتچىلار سۇڭ، لياۋ، سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە دەپ پەرەز قىلىنماقتا. ‹‹ئىلى دەرياسى ›› ژۇرنىلىڭ 2003- يىللىق 6- سانىدا، ئىسمائىل جېلىلنىڭ ‹‹ئىلىدىكى قەلئە شەھەرلەرنىڭ بىنا بولۇشى ۋە ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلار ›› دېگەن ماقالىسىدە: ‹‹1975- يىلى ئارخېئولوگلار ئىلى دەرياسى ساھىلى ۋە موڭغۇلكۈرە، تېكەس، نىلقا، توققۇزتارا،  كۈنەس، چاپچال قاتارلىق ناھىيىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش قىلىپ، خىلى كۆپ ئويسۇن قەبرىلەرنى قىزىپ تارىخى قىممىتى بولغان بىر تۈركۈم مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنى تاپتى. بەزى تېپىلغان ماددىي بۇيۇملار مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، ئويسۇن دۆلىتى مەزگىلدە رەسمىي شەھەر دەپ ئاتالغان موڭغۇلكۈرە، تېكەس، نىلقا، توققۇزتارا، كۈنەس، چاپچال قاتارلىق ناھىيىلەرمۇ ئىلىدىكى تارىخى ئۇزۇن جايلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.›› دەپ يازىدۇ. دېمەك سۇپتايدىكى قەدىمىي قەبرىلەردىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىلى ۋادىسىنىڭ باشقا جايلىرىدىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشايدۇ. شۇڭا بەزى تارىخى تەتقىقاتچىلارنىڭ ‹‹سۇپتاي قەدىمىي شەھەر›› دېگەن قاراشلىرىنىڭمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئاساسىنىڭ ئۈستىگە ئېيتىلغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ. 13-ئەسىرگە كەلگەندە چىڭگىزخان (1155-1227) غەربىگە يۈرۈش قىلىپ، قىتانلارنى ۋە نايمانلارنىڭ خانى تايانخاننڭ بالىسى كۈچلۈكىنى بويسۇندۇرۇپ يوقىتىدۇ. بەزى تارىخى تەتقىقاتچىلار چىڭگىزخاننىڭ ھەربىي قوماندانى سۇبۇتاي باتۇرنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلغاندا، سۇپتاتدا تۇرغانلىقىنى كىيىن غەربتىن قايتىش سەپىرىدە سۇپتايدا ۋاپات بولغانلىقىنى ھەم مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن سۇبۇتاي دەپ ئاتالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. چاغاتايخان (1227-1242) ئالمالىقنى پايتەخت قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىم بويى، ئىلى ۋادىسىدىن بۇخارا، سەمەرقەنت، پەرغانە، ئىرانغىچە باشقۇرغان

    ۋاقىتلاردىمۇ سۇپتايدا نۇرغۇن چاغاتاي ئەۋلادلىرى ۋە كۆچمەن چارۋىچى خەلقلەر ياشىغان..

      ئىسلام دىنىنىڭ كۈچلۈك تەرغىباتچىسى ۋە قوغدىغۇچى چاغاتاي ئەۋلادىدىن چىققان تۇغلۇق تۆمۈرخان تەرىپىدىن قۇرۇلغان موڭغۇلىستان خانلىقىنىڭ 5-پادىشاھى سۇلتان ئۈۋەيىسخان ئىلى ۋادىسىدا ئىلىبالىق خانلىقىنى قۇرغان. ئەينى يىللاردىكى ھاكىمىيىتىگە غەربتە ئارال دېڭىزدىن شەرقتە تۇرپان ئويمانلىقىغىچە كەڭ زېمىن، ئىسسىق كۆل ئەتراپى ۋە تارىم ۋادىسىنىڭ شىمالى ياقلىرى قارايتتى. ئۇنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقتىدا ئويراتلارغا كۆپ قېتىم جازا يۈرۈش قىلغان سەيدەخمەت ئابابەكىرنىڭ ‹‹سۇلتان ئۈۋەيىس مازىرى›› دېگەن ماقالىسىدە: ‹‹ئۈۋەيىسخان ئەتراپىدىكى ئەللەرنى، ئىسلام دىنىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، ئىسەنتاش (موڭغۇل) بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ئۈچ قېتىم ئەسىرگە چۈشۈپ قالىدۇ. ئۈۋەيىسخان چىڭگىزخان نەۋرىلىرىدىن بولغاچقا، ئىسەنتاش ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالماي ئۇنى قۇيۇۋېتىدۇ. تۆتىنچى قېتىمدا ئىسەنتاش بىلەن ئۈۋەيىسخاننىڭ سىڭلىسى مەختۇمخاننى ئۆز نىكاھىغا ئىلىپ ئىسلام دىنىغا كىرىدۇ›› دەپ يېزىپ، سۇلتان ئۈۋەيىسخان ئىلىدىن نىلقىغا كېتىۋېتىپ سۇپتايدىكى ‹‹قالماق تېمى ›› دېگەن يەرگە كەلگەندە ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ قازا قىلغانلىقىنى يازىدۇ. ئەينى دەۋردە سۇلتان ئۈۋەيىسخان يات دىندىكى موڭغۇللارنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن جەڭ قىلغان موڭغۇللار شەرققە قاراپ قېچىپ، نىلقا سۇپتاي قاتارلىق يەرلەرگە ئورۇنلىشىدۇ. ئۈۋەيىسخاننىڭ تۆت قېتىم ئىسەنتاشقا ئەسىر گە چۈشۈپ قالغىنىغا قارىغاندا، نىلقا ۋە سۇپتاي قاتارلىق جايلاردا ئويرات موڭغۇللىرى بىلەن نۇرغۇن قېتىم ئۇرۇشلارنى قىلغان. سۇپتاي بۇ قانلىق جەڭلەرنىڭ تارىخى شاھىتى بولغان. بۇ ھەقتە سۇپتاي خەلقى ‹‹قانلىق جىلغا ›› دېگەن يەردە قاتتىق قانلىق جەڭلەرنىڭ بولغانلىقنى مۇنداق مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: ‹‹قانلىق جىلغىدىن يېرىم مەزگىللەردە ئۆتكەندە، ئاتلارنىڭ كىشنەشلىرى، يارىدارلارنىڭ ئىڭراشلىرى ۋە ئۇرۇش قوراللارنىڭ بىر-بىرىگە تېگىپ چىققان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ›› دېيىشىدۇ. بۇ گەرچە بىر رىۋايەت بولسىمۇ، ھەر قانداق مەلۇم بىر چىنلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر سۇپتاينىڭ ھەر ۋاقىت يەرلىرىنى كولىغاندا، (قەبرە ئىزناسى بولمىغان يەرلەرنى) ياكى سۇ كولاپ كەتكەن يەرلەردىن ئادەم سۆڭەكلىرىنى ۋە ئۇرۇشتا ئىشلەتكەن قوراللارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ (چىڭ ئوردىسىنىڭ خاتىرىلىرىدىن ‹‹قاش ›› قا نەزەر) دېگەن ماقالىسىدە: ‹‹ئۈۋەيىسخان ئىلىدا ۋاپات بولغاندىن كىيىن، تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەۋلادلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش 15-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملاشتى. 16-ئەسىرگە كەلگەندە، ئىلى ۋادىسى ئۈۋەيىسخانىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان مەنسۇر، خېلىل ۋە سەئىدلەر ئوتتۇرىسىدا ھاكىمىيەت تالىشىش ماجىرالىرى ئىچىدە قالدى. بۇ باش ئايىغى يوق قانلىق نىزالارنى ئىگىلىكنى قاتتىق ۋەيرانچىلىققا ئۇچۇرتۇپ، بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنى ئۆز يۇرتىدىن تەزدۈرۈۋەتتى. ئاخىرى سەئىدە ئىلىدىن قېچىپ يەركەنگە بېرىپ بۈيۈك خانلىق تىكلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ھاكىمىيىتىنىڭ مەركىزى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغا كۆچتى. نەتىجىدە ئىلى ۋادىسى چۆللىشىپ، كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭ مال باقىدىغان يايلاقلىرىغا ئايلىنىپ كەتتى. بۇ ھال جۇڭغارلارنىڭ ئىلى ۋادىسىغا قاراپ كېڭىيىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى›› بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولدىكى، بۇ مەزگىلدە سۇپتايدا ئانچە- مۇنچە كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەردىن باشقا ئادەم قالمىغان.

        يۇنۇسجان ئىلىنڭ ‹‹ جۇڭغار خانلىقىنىڭ تەڭرى تىغىنىڭ شىمالدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھۆكۈمرانلىقى قوشۇمچە تارانچى نامە ھەققىدە ( ئىلى دەرياسى ژۇرنىلى 2002- يىلى 1- سان) ‹‹1727- يىلى سۋان راپتان ئۆلۈپ ئورنىغا ئوغلى غالدان سىرىن تەختكە چىققاندا، ئۇمۇ ئاتىسىنىڭ سىياسىتىنى يولغا قۇيغانلىقتىن تېرىقچىلىق قىلىدىغان ئۇيغۇر يانچىلارغا قاراتقان ھۆكۈمرانلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم گەۋدىلىك ئىپادىسى شۇكى، بۇ مەزگىلدە يېزا كەنتلەر بارلىققا كېلىشكە باشلىدى .››
    ‹‹1731- يىلى جۇڭغار خانلىققا ئەلچىلىككە كەلگەن رۇسىيىلىك ئوگومۇۋ ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشلارنىڭ قۇرۇلغانلىقى، بۇربۇسۇن ئېقىنىدا بۇخارالىقلارنىڭ(بۇلار ئۇيغۇرلار بولۇپ ئوگوموۋ ئۇلارنىڭ بۇخارالىقلارغا. ئوخشاپ كېتىدىغان چىراي شەكلىگە قاراپ خاتا ھالدا‹‹بۇخارالىقلار›› دەپ ئاتىغان) تېرىقچىلىق قىلىدىغان يەرلەرنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇ يەردە تاختا لايدىن ياسالغان ئۆيلىرىنىڭ بارلىقنى، قارماققا بۇنىڭ كەنت بولۇپ قۇرۇلغانلىقنى تىلغا ئالىدۇ›› بۇربۇسۇن سۇپتاي يېزىسىنىڭ بىر كەنتى 1964- يىلدىن بۇرۇن سۇپتاي، مازار،، قاتارلىقلار بىر بولۇپ، نىلقا ناھىيىسىگە قارايتتى. جۇڭغارلار دەۋردە جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئۇچتۇرپان، ئاقسۇ، يەكەن قاتارلىق جايلاردىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى ئىلىپ چىقىپ تېرىقچىلىق قىلىشقا سالغان ئىدى. ئابلىمىت مۇھەممەدنىڭ‹‹ئىلى يېقىنقى زامان كۆچمەنلىرى ھەققىدە›› دېگەن ماقالىسىدە: 1755- يىلنىڭ بېشىدا چىڭ ھۆكۈمىتى ئىلغا ئەسكەر كىرگۈزگەندە، ئىلى تەۋەسىدە 4400 تۈتۈن، 16مىڭ جان ئەتراپىدا ئۇيغۇر قالغانلىقىنى، قالغانلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئۇرۇشتا ئۆلۈپ يەنە بىر قىسمىنىڭ جەنۇبى شىنجاڭغا كەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.