ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2011-06-10

    قاش ۋادىسىدىكى قەدىمىي يۈرت-سۇپىتاي - [ئىلى دىيارىدا]

    قاش ۋادىسىدىكى قەدىمىي يۈرت-سۇپىتاي(داۋامى)

    دېمەك جۇڭغارلار دەۋردە بوربۇسۇن غولى بىلەن سۇپتاي غولىغا بىر قىسمى ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ تېرىقچىلىق قىلدۇرغان. بۇ مەزگىلدە سۇپتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىرق ‹‹بەش دۆڭ ئېرىقى ›› نى ئىلىشقا باشلىغان. بۇ ئېرىققا سۇپتاينىڭ پۈتۈن سۈيىنى باشلاپ، شەرق تەرىپىدىكى قارسۇ يېزىسىنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىنى، غەرب تەرىپىدە مازار يېزىسىنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىنى سۇغارغىلى بولىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 14-15كىلومېتىر كېلىدۇ. كەڭلىكى 2مېتىر، ئېگىزلىكى 1.5مېتىر كېلىدۇ. پۈتۈنلەي. ئېدىر ياقلاپ ئىلىنغان. بۇ ئېرىقنىڭ لايىھىلىنىشى 1985- يىلى سۇپتايدا، پۈركۈپ سۇغۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قۇيۇش ئۈچۈن كەلگەن سۇ مۇتەخەسسىسلەرنى ھەيران قالدۇرغان. چۈنكى ئىرق ئىنتايىن ئىلمىي پىلانلانغان بولۇپ، ئىككى چوڭ ئېدىرلىق تۇتاشقان بەلدىن ئۆتكەن، بەلنىڭ ئېگىزلىكى سۇ ئاقىدىغان سايدىن 300مېتىردەك ئېگىز، گەرچە سۇ يۇقىرىغا قاراپ ئاقسىمۇ بىرەر يېرىدە كۆپۈپ قالمايدۇ. بۇ ئىرق شۇ ۋاقىتتىكى سۇپتاي خەلقىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەمگەكلىرىنىڭ مەھسۇل. مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ ‹‹چىڭ ئوردىسىنىڭ خاتىرىلىرىدىن قاشقا نەزەر›› دېگەن ماقالىسىدە سۇپتاي رايوننى چىڭ ئوردىسى خاتىرىلىرىدە بىر قانچە ئورۇندا تىلغا ئالىدۇ. مەسىلەن:ئامۇرسىنا بىلەن چىڭ قوشۇنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىش ئىككى يىلغىچە داۋاملىشىپ، ئىلى خەلقىگە يەنە نۇرغۇن ۋەيرانچىلىقلارنى ئىلىپ كەلدى ‹‹چىڭ ئوردىسى خاتىرىلىرى ›› نىڭ 1757-يىلى 6-ئاينىڭ 7-ئايغىچە يېزىلغان بىر قانچە ئورۇنلىرىدا، ئامۇرسىنانىڭ قالدۇق كۈچلىرىنىڭ تېكەس، كۈنەس، ئۇلانقۇل (نىلقىنىڭ غەربى) قاش قاتارلىق ئورۇنلاردا ھەرىكەتلىنىپ يۈرگەنلىكى خاتىرىلەنگەن،‹‹... بۇنىڭدىن كىيىن باھار كۈز ئايلىرىدا، ئۇلانقۇتۇل تىغىدا،24-يىلى مۇز داۋان، گېدىڭشەن تېغى، ئىلى دەرياسى قاتارلىق ئورۇنلاردا،28-يىلى ئابرال تېغى، تەلكە تېغى، قاش دەرياسى ... قاتارلىق ئورۇنلاردا تاۋاپ مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش بېكىتىلسۇن ›› دەپ يېزىلغان. يۇقىرىقى تىلغا ئىلىنغان ئۇلانقۇل رايونى ھازىرقى سۇپتاي رايونى بولۇپ، ئۇلانقۇتۇل تىغى سۇپتاينىڭ شەرقى شىمالدىكى كۆك چوققا دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان سۇپتاي تىغىدۇر. دېمەك  سۇپتاي رايونى ۋە سۇپتاي تىغى چىڭ ئوردىسى خاتىرىلىرىدە ئالاھىدە مۇقەددەس ئورۇنلار قاتاردا تىلغا ئىلىنغان ھەم ئامۇرسىنا قالدۇق كۈچلىرىنىڭ بۇ رايوندا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.  

        تىيىپجان ھادىنىڭ ‹‹ئىلىدىكى گۇڭ بەگلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ›› دېگەن ماقالىسىدە:‹‹ئىمىن ۋاڭنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ئورانزىپنى چىڭ سۇلالىسى 1766-يىلى 9-ئايدا ئىلىنىڭ ھاكىم بەگلىكىگە تەيىنلەنگەندىن كىيىن، ئورانزىپ گۇڭ جەنۇبتىن 2000 ئۆيلۈك ئۇيغۇرنى كۆچۈرۈپ چىقىپ، 600ئائىلىنى ئارابوزغا 1400ئائىلىنى نىلقا ھەم توققۇزتاراغا ئورۇنلاشتۇرغان، نىلقىغا بۆلۈنگەنلەر: سۇپتاي، چۇنچى، ئۇلاستاي قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلىشىپ ئىسمى ئاتالغان يۇرتلارنى قۇرۇپ چىقتى ›› دەپ يازىدۇ. دېمەك نىلقىغا بۆلۈنگەن  400ئائىلىدىن باقى ھېكىم باشچىلىقىدىكى 100 ئائىلىنى سۇپتايغا، 100 ئائىلىنى ئۇلاستايغا،  100ئائىلىنى چۇنچىغا، 100ئائىلىنى ناھىيە  بازىرى  ئىچىدىكى  دۆربىلجىن  مەھەللىسىگە ئورۇنلاشتۇرغان. سۇپتايغا ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلار دەسلەپتە، چوڭ سۇپتاي بىلەن كىچىك سۇپتاينىڭ  سۈيى ئېقىپ  كېلىپ  قوشۇلىدىغان ئىككى ساينىڭ  ئېغىزنى  ‹‹ئىككى ئاچا ›› دەپ ئاتىلىدىغان يەرگە گەمە كولاپ ئولتۇرغان.1791- يىلى تۇرپانلىق نۇرمەش دېگەن ئادەم مازار تاردىن ھازىرقى كىچىك سۇپتايغا يۆتكىلىپ كېلىپ جىلغا بېقىپ ئولتۇراقلاشقان شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەمنىڭ ئەۋلادلىرىنى ھازىرغىچە ‹‹يىلقىچى ›› دەپ ئاتايدۇ. سۇپتايغا ئىككىنچى قېتىم ئۇيغۇرلار كۆچۈپ كېلىشتىن بۇرۇن، سۇپتاينىڭ ھازىرقى ئورنىدا كونا جايلارنىڭ ئورۇنلىرى ۋە ئەسكى تاملار بولۇپ،  قالغان  يەرلىرى  جاڭگاللىق ئىدى. ئىسمائىل جېلىلنىڭ ‹‹ئىلىدىكى قەلئە شەھەرلەرنىڭ بىنا بولۇشى ۋە ئۇنىڭدىكى ساقلىنىۋاتقان قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلار›› دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق بايانلار بار: 1770-يىلى نىلقىدا ‹‹چىنۇق ›› قەلئەسى قۇرۇلغاندا بۇ يەردە 300 ئۆيلۈك ئۇيغۇر بولۇپ قاش ئۇيغۇر شەھىرى دەپ ئاتالغان. نىلقا يۈەن (1279-1368)، مىڭ (1368-1644)  سۇلالىسى دەۋردە ‹‹ئارا قاش ›› دەپ  ئاتىلىپ كەلگەن.  دېمەك نىلقا، چۇنچا، ئۇلاستاي، سۇپتايدىكى ئۇيغۇرلار قەلئە قۇرۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىش بىلەن بوز يەر ئىچىپ تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.  1804- يىلى چىڭ ئوردىسى ئويراتلارنىڭ  تاشلاندۇق يەرلىرىنى ئىچىپ   كېڭەيتىش ئىشلىرىنى ئىلىپ    بارغاندا    بىر تۈركۈم  ئۇيغۇرلارنى   ئۇلان كۆتەل، نىلقا، سۇپتاي، ئۇلاستاي،  چۇنچى  قاتارلىق يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ  بۇز  يەر  ئۆزلەشتۈرۈش  ئىشلىرىنى ئىلىپ بارىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ سانى زور  دەرىجىدە  كۆپىيىپ  نىلقا ناھىيىسىنىڭ ئاساسلىق نوپۇسىغا ئايلىنىدۇ.   

    يىلى ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭى، 1871- يىلى چار رۇسىيە تەرىپىدىن مەغلۇپ بولىدۇ، 1882 - 1864 يىلى، ئىلى رەسمىي چىڭ ھۆكمىتىگە قايتۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، 11 يىل بېسىپ يىتىپ ساقلاپ يىتىش بەدىلىگە، ئىلىنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىنى ئىگىلىۋالىدۇ. چار رۇسىيىنىڭ تەھدىت سىلىشى، قۇترىتىشى ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىلىدىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار  رۇسىيىنىڭ يەتتە سۇ رايونغا  كۆچىدۇ. بۇ مەزگىلدە  سۇپتايدىكى ئۇيغۇرلاردىن سەككىز ئائىلە قىلىپ (ئۇلار: توختاخۇن مەزىن، ئىمام باقى، ھادىل، ئۇلغازى، ئاۋاكرى شاڭيو كىچىڭ زايىت، تالىپچال) قالغانلىرى رۇسىيىنىڭ يەتتە سۇ رايونغا كۆچۈپ كېتىدۇ. ئۇ يەردىمۇ سۇپتايدىن بارغانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ سۇپتاي يۇرتىنى بەرپا قىلىدۇ. كىيىن يەنە تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قېچىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ.. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇيغۇر قازاق خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ بىرگە ياشاپ كەلمەكتە. بەزى ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بورتالا  ئوبلاستى  جىڭ ناھىيىسىنىڭ داخىيەنزى بازىرىنى بەرپا قىلغۇچىلارنىڭ سۇپتايدىن كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ھەققىدە خەلق ئىچىدە بەزى  مەلۇماتلارمۇ  بار. 2003 - يىلى ئەتراپىدا، جىڭ ناھىيىسى داخىيەنزى بازارلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پېنسىيىگە چىققان  ئوقۇتقۇچىسى  ئىمىن  چۇڭ دېگەن ئادەم سۇپتايغا كېلىپ،  ئۆزنىڭ داخىيەنزى بازىرىنىڭ تارىخىنى يېزىۋاتقانلىقنى ئېيتىپ، سۇپتايدىكى بىر قىسىم يۇرت چوڭلىرى، زىيالىيلار ۋە تارىخچىلار بىلەن  سۈپەتلەشكەن. داخيەنزى بازىرىنى دەسلەپتە  قۇرغۇچىلىرىنىڭ سۇپتايدىن كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكنى ئېيتىپ، بىر قىسىم داخيەنزە بازىرىنى بەرپا قىلغۇچى ئادەملەرنىڭ يىلتىزنى ئېنىقلاپ كەلگەن  مەسىلەن: خۇدۇدىۋەي دېگەن ئادەمنىڭ  ھەدىسى مەلكەخان  ئىنىسى مەتجان  دېگەن ئادەملەرنىڭ سۇپتايدا  قىلىپ ۋاپات بولغانلىقى خۇدىدىۋەي  دېگەن ئادەمنىڭ داخيەنزى بازىرىنى قۇرغۇچى ئادەملەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكنى ئېيتىپ بېرىدۇ ھەم  ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى سۇپتايدىكى ئادەملەردىن ئېنىقلايدۇ. بۇ ھەقتە قۇلىمىزدا ئىشەنچلىك ماتېرىيال بولمىسىمۇ، مەلۇم ئاساسىي بار. چۈنكى جىڭ ناھىيىسىنىڭ تارىختىن  بۇيان ئاچال يولى ئارقىلىق ئىلىغا تۈز تۇتۇشىدىغان ئاساسلىق ئورۇن بولۇپ كەلگەن. سۇپتاي بولسا جىڭ ناھىيە داخيەنزى بازىرىغا ئەڭ يېقىن جاي، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ  تۈرلۈك  سەۋەب  تۈپەيلىدىن  داخيەنزىگە ئولتۇراقلىشىپ، بېكەت  قۇرۇپ، بۇ بازارنى قۇرغۇچى ئاساسلىق  ئادەملەردىن بولۇپ  قىلىش ئېھتىمالى بار.
        
    تارىخ ئۆز قەھرىمانلىرى بىلەن نامايەندە بولۇپ جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.1933-يىلى ‹‹ئاپىرىل ئۆزگىرىشى ›› دىن كىيىن ئىلىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلىشىدۇ. ماجۇڭيىنىڭ قوشۇنلىرى غۇلجىغا كېلىپ تالان تاراج قىلىدۇ. جاڭ پېييۇەن قوشۇن باشلاپ شىڭشىسەيگە قارشى ئاتلانماقچى بولىدۇ، شىڭشىىسەينىڭ ئىلتىماسى بىلەن سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى چىگىردىن كىرىدۇ. جاڭ پېييۇەن قورقۇپ نىلقا تەرەپكە قېچىپ مازارنىڭ پالتىۋاي  مەھەللىسىگە كېلىدۇ. ئەتىسى سۇپتاينىڭ غەربىدىكى سىرت يول دېگەن يېرىگە كەلگەندە، دېھقانلارنىڭ ئېتىزدىن چانا بىلەن سامان توشىغان ئىزلىرىنى كۆرۈپ، ئالدىمىزدىن سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى توسۇپ زەربە بېرىش ئۈچۈن تانكا بىلەن ئۆتۈپ كېتىپتۇ دەپ پالتىۋاي مەھەللىسىگە قايتىپ، ئاخشىمى ئالدى بىلەن قارا ۋە كۆك ئارغىماقلىرىنى ئېتىۋېتىپ، ئاندىن ئۆزىنى ئېتىۋالىدۇ. قوماندانسىز قالغان  چېرىكلەر سۇپتايغا  كىرىپ قونىدۇ. ئەكسىيەتچى ھۆكمەتنىڭ قاتتىق زۇلۇمغا ئۇچرىغان سۇپتاي خەلقى، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ  قوراللارنى تارتىۋالماقچى بولىدۇ، بۇنى سىزىپ قالغان چېرىكلەر قوراللارنى بەتلەپ كېچىچە ئۇخلىمايدۇ. ئەتىسى نىلقا  تەرەپكە قاچىدۇ، مەنسۇر باي  باشچىلىقىدىكى سۇپتاي  خەلقى ئۇلارنى قوغلاپ،(مەنسۇر باي دېگەن ئادەمدە بىر تال قورال بار) سۇپتاينىڭ شەرقىدىكى چۇرلىمە دېگەن يەردە چېرىكلەردىن بىرنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. قايتىدىن قوماندانلىققا ئېرىشكەن چېرىكلەر نۇرغۇن ئەسكەرنى  باشلاپ  كېلىپ  ئۆچ ئالماقچى بولىدۇ، خەلق مەنسۇر باينى قاچۇرۇۋېتىدۇ. بىراق ئۇنىڭ ئىنىسى ئابدۇل  بىلەن  يۇنۇس دېگەن ئادەمنى تۇتۇپ توققۇزتاراغا ئىلىپ كېتىدۇ. كىيىن سۇپتاي خەلقى پۇل بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزۇۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ قۇتۇلۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەب شىڭ شىسەي بىلەن   سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ ياخشىلانغانلىقتىن بولغان.             1944   -يىلى نىلقىدىن قوزغالغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى سۇپتاي خەلقى قىزغىن قوللاپ، راۋاجلىنىشى ۋە غەلىبە قىلىشىغا كۈچ چىقىرىپ، ئاجايىپ باتۇرلۇق جاسارىتىنى نامايان قىلىپ، پارتىزانلارنىڭ قارسۇ ۋە مازارلارنى ئىلىشىغا بازا بولۇپ ياردەم بەرگەن. بۇ مەزگىلدە مەھمۇد ئەپەندى، ئاقمۇللا قاتارلىق كىشىلەر خەلقنى ئىنقىلابقا ئاتلاندۇرۇش ئۈچۈن تەشۋىقاتلارنى ئىشلەپ، مەھمۇد ئەپەندى غۇلجىدىكى تەشكىلات بىلەن ئالاقە ئورناتقان. گومىنداڭ قوشۇنى سۇپتايغا بېسىپ كەلگەندە مەھمۇد ئەپەندى ئاشكارىلىنىپ قىلىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئۇنىڭ ئانىسىنى تۇتۇۋېلىپ، ئوغلىنى، بالىسىنى تېپىپ بېرىشكە قىستايدۇ ھەم كوچىلاردا سازايى قىلىدۇ. ئانىسىنىڭ ئازابلىنىشقا ۋە خارلىنىشقا چىدىمىغان بۇ قەيسەر ئوت يۈرەك ئابرال بۈركۈتى يوشۇرۇنغان يېرىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دۈشمەن قۇلىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. ھەرەم باغ ئازاد بولغاندا، سۇپتاي خەلقى ئۇنىڭ جەسىتىنى تاپىدۇ. ئەكسىيەتچىلەر ئۇنى ياغ چىچىش، تامغا مىخلاش ئۇسۇللىرى بىلەن ۋەھشىيانە ئۆلتۈرۈپ قۇدۇققا تاشلىۋەتكەنىدى، بۇ ئەرك سۆيەر مەرىپەتپەرۋەر ئوغلاننىڭ

    ئۆلمەس باتۇرانە روھى خەلق قەلبىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالغۇسى.

             سۇپتايدا پەننى مائارىپنىڭ يولغا قۇيۇلۇشى 1910- يىلدىن باشلانغان. غۇلجا تەرەپتىن چىققان نوغاي دامۇللا دېگەن كىشى (ئەسلى ئىسمى كەشپۇل ئەسرار) سۇپتايغا چىقىپ، شەخسنىڭ ئۆيدە بىر سىنىپ ئىچىپ بالىلارغا ھېساب، ئانا تىل، جۇغراپىيە، تارىخ، تەنتەربىيە قاتارلىق پەننى ۋە دىنىي دەرسلەرنى بىرلىكتە ئۆتكەن.1911- يىلغا بارغاندا جامائەتنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئىككى ئېغىزلىق سىنىپ ئىچىپ، پارتا، ئورۇندۇقلارنى تولۇقلاپ، ھەر يىلى يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ،1920- يىلىغىچە 200ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلىگەن.1920-يىلى يۇرت ئىچىدىكى بىر قىسىم مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ پىتنە ئىغۋا تارقىتىشى  بىلەن تەنتەربىيە دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنى دالاغا ئاچىقىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ‹‹بالىلىرىمىزنى ھەربىيلىككە ئىلىپ كېتىدىغان بۆلىدى›› دېگەن گەپ تارقىلىپ، نۇغاي دامۇلىنى دەرس بېرىشتىن توختاتقان. بۇنىڭ بىلەن نۇغاي  داموللام 1920- يىلى  سۇپتاي  يېزا بوربۇسۇن كەنتىدىكى مەجەن ھاجىنىڭ تەكلىپى بىلەن بوربۇسۇنغا بېرىپ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتكەن. بۇ  يەرگە قارسۇ، تاغ سۇپتاي، قاتارلىق جايلاردىن ئوقۇغۇچىلار كېلىپ ئوقۇغان كىيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بوربۇسۇن كەنتىدىن چاپچال جاغىستايغا كېتىپ قالغان نۇغاي داموللام كېتىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قۇلىدا تۇنجى قېتىم ئوقۇغان قىياس خەلپەت دېگەن كىشى مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ، بىشىر مۇللا، ئوسمان خەلپەت قاتارلىق كىشىلەر ئوقۇغۇچىلارغا پەننىي ۋە دىنىي دەرسلەرنى بېرىپ،1932-يىلىغىچە ئوقۇتۇشنى داۋاملاشتۇرغان.    1933- يىلى سۇپتايدا ساۋۇت شاڭيو، موستاپا. ئۇستا، مەسۇت ئەلىكبىشى، ئوبول، مەنسۇر، ھاجى بالا قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن ئاتا-ئانا كومىتېتى قۇرۇلۇپ، بۇ كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بۇ مەكتەپتە 1-يىللىقتىن 4-يىللىققىچە سىنىپ ئىچىلىپ رەسمىي باشلانغۇچ مەكتەپ  قۇرۇلغان.1934- يىلى ئارقا ئارقىدىن  سۇپتاي  يېزىسىنىڭ تاغسۇپتاي، بوربۇسۇن قاتارلىق جايلىرىدا مەكتەپلەر قۇرۇلدى.1932-يىلدىن 1938-يىلغىچە مەخمۇت ئەپەندى بۇ مەكتەپكە مۇدىر بولۇپ مەخمۇت ئەپەندى، ھاجى بالا، يۈسۈپئاخۇن، ھاجى ئەپەندى، سىدىق ئەپەندى قاتارلىقلار بەش نەپەر ئوقۇتقۇچى دەرس بېرىپ 270گە يېقىن ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلەپ چىققان. بۇ  مەزگىلدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھېقىقنى، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك چىقىملىرىنى ئاتا ئانىلار كومىتېتى خەلقتىن ئۆشرە

    زاكات يىغىش ئارقىلىق ھەل قىلغان. 

           يىلدىن 1941- يىلغىچە تۇرسۇن ھاشىم مەكتەپ مۇدىرى بولغان.1910-يىلى 1938- نۇغاي داموللام سالغان ئىككى ئېغىزلىق سىنىپ، ئالتە ئېغىزلىق سىنىپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. بۇ مەكتەپكە 1941-يىلدىن 1974-يىلغىچە غۇلام ئەپەندى مەكتەپ مۇدىرى  بولغان. ئىبراھىم ئەپەندى، تۇرغان ئەپەندى، باھار خانىم قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار دەرس بېرىپ 170ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلەپ چىققان.1944-يىلدىن 1947-يىلغىچە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلدە قىياس  خەلپەت مەكتەپ  مۇدىرى بولۇپ پەننىي دەرسلەر ئۆتۈلمەي پەقەت دىنىي دەرسلەر ئۆتۈلگەن.1947-يىلغا كەلگەندە 1-يىللىقىدىن 3-يىللىققىچە سىنىپ ئىچىپ،90نەپەر ئوقۇغۇچىنى يىغىپ دەرس باشلىغان. بۇ مەزگىلدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ۋە مەكتەپ خىراجەتلىرىنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالغان.1955-يىلدىن باشلاپ بۇ مەكتەپ بەش يىللىق تۈزۈمدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىنغان سىنىپ سانى بەشكە يەتكەن.1959-يىلدىن 1961-يىلغىچە سۇپتايدا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلۇپ ئۇلاستاي، قارسۇ، سۇپتاي، مازار قاتارلىق جايلاردىن بولۇپ جەمئىي 270نەپەر ئوقۇغۇچى تولۇقسىزدا ئوقۇغان.1961- يىلدىن 1974-يىلغىچە ئوسمانجان روزى مەكتەپ مۇدىرى بولغان. سىنىپ سانى 20گە يەتكەن.1975-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلغان.1975-1982-يىلغىچە  تولۇق  ئوتتۇرا  مەكتەپنىڭ  مەكتەپ  مۇدىرلىقنى    ئوسمانجان روزى ئۈستىگە ئالغان باشلانغۇچ مەكتەپ قىسمىغا مەھەممەت ھىتاخۇن مۇدىر بولغان.1982-يىلى  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قىسقارتىلغان.1982-1985-يىلىغىچە يولۇقىسىز مەكتەپكە ئوسمانجان مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئوقۇغۇچىسى 187نەپەرگە، ئىشچى خىزمەتچىسى 23گە يەتكەن 1985-1988-يىلغىچە تولۇقسىز  مەكتەپ قىسمىغا شەمشىبان زىكرۇللام مەكتەپ مۇدىرى بولغان. باشلانغۇچ مەكتەپ قىسمىغا 1982-1988-يىلغىچە ئابدۇشۈكۈر مەكتەپ مۇدىرى بولغان 14سىنىپ،420 نەپەر ئوقۇغۇچىسى،25نەپەر ئىشچى خىزمەتچى ئىشلىگەن.1988-يىلى تۇلۇقسىز بىلەن باشلانغۇچ بىرلەشتۈرۈپ 9يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپكە ئۆزگەرتىلگەن.1988-1992-يىلغىچە شەمشىبان زىكرۇللام مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ،47نەپەر ئىشچىخىزمەتچى،24سىنىپ ئوقۇغۇچىسى 650گە يەتكەن.1993-يىلدىن باشلاپ بارى مەخپىر مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ كەلمەكتە. دېمەك 1910-يىلى نۇغاي داموللام قۇرغان بىر ئېغىزلىق سىنىپتىن كېڭىيىپ 34سىنىپ 825نەپەر ئوقۇغۇچىسى،89نەپەر ئىشچى خىزمەتچىسى بولغان ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بالىلىرى ئوقۇيدىغان قارمىقىدا  باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى بولغان ياتاقلاشقان مەركىزى مەكتەپكە ئايلاندى،2005- يىلى دۆلەتنىڭ ياردىمى بىلەن بىر مىليون ئىككى يۈز ئەللىك مىڭ مەبلەغ سېلىپ 1641كۋادرات مېتىرلىق ئۈچ قەۋەتلىك بىنا سىلىنىپ، يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى سەپلىنىپ زامانغا لايىق زامانىۋى مەكتەپكە ئايلاندى.  

     دېمەك سۇپتاينىڭ بۈگۈنكى تۇپرىقىدا سانسىزلىغان باتۇرلار سادالىرى ياڭرىدى، ئۇلار مىنگەن        تۇلپارلارنىڭ تۇياق ئىزلىرى قالدى. سۇپتاي ئىلىنىڭ  تارىخى  تەرەققىياتىغا   ئۆچمەس  تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلدى. شۇڭا سۇپتايمۇ ئىلىنڭ قەدىمىي يېزىلىرىنىڭ بىرى قاتاردا ئىلى تارىخىدا ئورۇن ئالغۇسى. ئاخىردا شۇنى ئېيتىپ قۇيۇشقا بولدىكى، سۇپتاي تارىخى تېخى ئېچىلمىغان بوز يەرگە ئوخشايدۇ. سۇپتاي ھەققىدىكى بۇ قاراشلار دېڭىزدىن تامچە ئۈزلۈكسىز ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.

    نىلقاناھىيەلىك سۇپىتاي يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىسى


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.