ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2011-06-09

    يىگىت بولساڭ ئەنە شۇنداق يىگىت بول - [يازمىلىرىم]

    يىگىت بولساڭ ئەنە شۇنداق يىگىت بول

     

    ئۇيغۇر قىزى ساڭا شەيدا بولغىدەك،

    مەرت يىگىت دەپ يۈرەكلىرى يانغىدەك.

    خۇي مىجەزى ئەلگە دائىم ياققۇدەك،

    ئەخلاقىدىن شىكەر-شەربەت تامغۇدەك.

    يىگىت بولساڭ ئەنە شۇنداق يىگىت بول!

     

    ئەسلى زاتى ئۇيغۇرلۇقتىن تانمىغان،

    خۇلق-مىجەزى يات جىنىسنى تاتمىغان.

    ھەقىقەتچۈن ئىتىقادىدىن يانمىغان،

    ئەلدىن چېنىپ ۋىژدانىنى ساتمىغان.

    يىگىت بولساڭ ئەنە شۇنداق يىگىت بول!

     

    ئەجدادىدەك بەلنى مەھكەم  باغلىغان،

    قەھرى بىلەن دۇشمەن باغرىن داغلىغان.

    بالا كەلسە ئەلنى تاشلاپ قاچمىغان،

    ئېزىتقۇلار ئازدۇرسىمۇ ئازمىغان.

    يىگىت بولساڭ ئەنە شۇنداق يىگىت بول!

     

    ۋوجۇدىدىن شەرمىي-ھايا پارلىغان،

    ئاتا-ئانا، سۆيگۈنىدىن چانمىغان.

    ئەۋلات ئۈچۈن جاپادىنمۇ قايتمىغان،

    ئۆز غېمىچۈن خىيال سۈرۈپ ياتمىغان.

    يىگىت بولساڭ ئەنە شۇنداق يىگىت بول!

     

    بۇزۇپ چېچىپ ئىسراپخورلۇق قىلمىغان،

    ماختانچاق ھەم سۆلەتۋازدىن بولمىغان.

    كەمتەر بولۇپ، ئىناق ئۆتۈپ دوس بىلەن،

    ئازارلىشىپ ئاداۋەتلەر تۇتمىغان.

    يىگىت بولساڭ ئەنە شۇنداق يىگىت بول!

     

    مەيدە كېرىپ يوغان سۆزلەپ يۈرمىگەن،

    شاقتىن -شاققا قونۇپ ئويناپ يۈرمىگەن.

    پاك قىزلارنى ئەتىراپىمدا بار دىگەن،

     چىن دىلىمدىن سۆيگۈنۈم شۇ يار دىگەن.

    يىگىت بولساڭ ئەنە شۇنداق يىگىت بول!

     

    گەرقويساڭ شەرت "پەزىلەتلىك، كۆڭلى ئاق"

    ئاۋال ئۇنى ۋۇجۇدۇڭدىن ئىزدەپ باق.

    كۆپقۇشۇنداق ئۇيغۇر قىزى قاراپ باق،

    ئاۋال بولسۇن سەندە ۋىژدان ساپمۇ ساق.

    يىگىت بولساڭ ئەنە شۇنداق يىگىت بول!

     

     

     


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.