ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-10-16

    ئىلى دىھقانلار قوزغىلىڭى ھەققىدە - [ئىلى دىيارىدا]

     

    ئىلى دىھقانلار قوزغىلىڭى ھەققىدە

                                تەيپىڭ تيەنگو ئىنقىلابى پارتلاپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى قايلىرىدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىيەتچى سىياسىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭلار ئارقا - ئارقىدىن پارتلايدۇ . چىڭ ھۆكۈمىتى ئېغىر سىياسىي ، ئىقتىسادىي كىرزىسكە دۇچ كېلىدۇ . ئۇ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خەلقنىڭ ئۈستىدىكى ئىقتىسادىي سېلىقنى ھەسسىلەپ ئۆستۈرىدۇ ئېلىدىكى جاڭجۇن مەھكىمىسى ئىلگىرىكى ھەر بىر تۈتۈننىڭ چىڭ ھۆكۈمىتىگە يىلىغا تاپشۇرىدىغان تۆت خو ( كىلوگىرام ) بۇغداي غەللە - پاراقنى 1863 - يىلىغا كەلگەندە 32 خوغا ئۆستۈرىدۇ . ھەددىدىن زىيادە ئىقتىسادىي زۇلۇمغا دۇچ كەلگەن ئىلى دېھقانلىرى ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىققا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ ، دەسلەپتە 1863 - يىلى 3 - ئايداياڭ سەنشىڭ، مائېرلەنلەر باشچىلىقىدا باياندايدىكى خۇيزۇلار قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ . بۇ قوزغىلاڭ قاتتىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن ، خۇيزۇلار غۇلجا شەھىرىگە ۋەكىل ئەۋەتىپ ، ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ ، چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇش توغرىسىدا ئابدۇرۇسۇل بەگ باش قوماندان بولۇش شەرتى بىلەن بۇ تەكلىپكە قوشۇلىدۇ ئابدۇرۇسۇل بەگ مەخپىي تەييارلىقلاردىن كېيىن ، 1864 - يىلى 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى غۇلجا شەھىرىدە قوزغىلاڭكۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلايدۇ . قوزغىلاڭچىلار شۇ كۈنى غۇلجا شەھىرىنى ئىشغال قىلىدۇ . ئەتىسى مۇھىم ھەربىي قورغان چىلپەنزىنى ئىشال قىلىپ ، زور تۈركۈمدىكى قورال - ياراغ ، ئوق - دورا ۋە ماددىيئەشيالارنى غەنىيمەت ئالىدۇ ھەمدە بايانداي قورغىنىغا يۈرۈش قىلىدۇ . بۇ چاغدا تەڭلا ئىلىدەرياسىنىڭجەنۇبىدىكى دېھقانلارمۇ قوزغىلىپ ، ئۇ يەردىكى چىڭ قوشۇنلىرىغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىدۇ . قوزغىلاڭچىلار غۇلجا شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدابارغانسېرى كېڭىيىپ ، ئادەم سانى 30 مىڭغا يېتىدۇ ئابدۇرۇسۇلبەگ ئەمىرباش قوماندانلىققا تەيىنلىنىدۇ . 1865 - يىلى 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنىقوزغىلاڭچىلاربايانداي قورغىنىنى ئىشغال قىلىدۇ . ئارقىدىنلاكۈرە بىلەن سۈيدۈڭنىئايرىم - ئايرىم ھالداقورشاۋغا ئالىدۇۋە تارباغاتايدىنياردەمگە كەلگەن چىن قوشۇنلىرىنى مەغلۇب قىلىدۇ . يۇلتۇزدىكى تورغاۋۇت ۋاڭلىرىنىڭ ياردەمگە ئەۋەتكەن قوشۇنىمۇ قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن مەغلۇب بولىدۇ . چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چاپچالدا تۇرۇشلۇق قوشۇنى دەرھال بىتەرەپلىك ئېلان قىلىدۇ1866 - يىلى 1 - ئاينىڭ بېشىدا قوزغىلاڭچىلار بايانداينىڭ شىمالىدىكى شەندۇڭ جاڭزىسىنى ، 1866 - يىلى 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كۈرە قەلئەسىنى ئىغال قىلىدۇ . ئىلى جاڭجۈنى مىڭ رۈي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ . سابىق جاڭجۈن چاڭ چىڭ ۋە بىر قىسىم ئەمەلدارلار ئەسىرگە ئېلىنىدۇ . 4 - ، 5 - ئايلاردا چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سۈيدۈڭدە تۇرۇشلۇق قوشۇنى تەسلىم بولىدۇ . قورغاس جەڭ ئارقىلىق ئىشغال قىلىنىدۇ . ئىلى خەلقى بىر يېرىم يىلدىنئارتۇق قان كېچىپ جەڭ قىلىش ئارقىلىق چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلىدىكى ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقنى ئۈزۈل - كېسىل ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ ئاقسۆڭەك پومېشچىكلارنىڭ يەر - زېمىن ، مال - مۈلكى قوزغىلاڭچى دېھقانلارغا بۆلۈپ بېرىلىدۇ ، قەرز ھۆججەتلىرى يىرتىپ تاشلىنىدۇ ، يانچىلار ئازاد قىلىنىدۇ ، ئېغىر باج - سېلىق ، ئالۋان - ياساقلار بىكار قىلىنىدۇ قوزغىلاڭچىلار بايانداي قورغىنىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقاندا ، ئىلى جاڭجۈنى مىڭ رۈي مەزەمزات ھېكىمىنى زىنداندىن چىقىرىپ ( مەزەمزات ئەسلىدە ئىلىنىڭ ھېكىمباگى بولۇپ ، 1864 - يىلى ئۆستۈرمە سېلىقلارنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىدى ، دېگەن باھانە بىلەن زىندانغا تاشلانغانىدى ) تارتۇقلاپ بېرىپ ، ئۇنى قوزغىلاڭچىلار ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئەۋەتىدۇ . مەزەمزات قوزغىلاڭنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرگەندىن كېيىن ، خەلق تەرەپتە تۇرىدۇ ۋە قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈشكە كىرىشىدۇ بايانداي ئۇرۇشى بولىۋاتقان پەيتتە ، ئۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن خەلق رەھبەرلىك قۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە قازى نەسىردىن ئەلەمنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن كېڭەش مەجلىسى ئېچىلىدۇ . مەجلىسكە نەسىردىن ئەلەم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ . قۇرۇلتاي مەزەمزاتنى سۇلتان مەزەمزاتخان ئۇنۋانى بىلەن خان قىلىپ تىكلەيدۇ . ئابدۇرۇسۇل بەگنى ئەمىر ، نەسىردىن ئەلەمنى قازى كالان ، شەۋكەت ئاخۇننى قازى ئەسكەر ، موللا روزىنى مۇپتى قىلىپ ، ئالاھەزەل ، سۇلتاندىن يۈز بېشىغىچىلىك ھەممە مەنسەپدارلارنى تەيىنلەيدۇ . شۇنداق قىلىپ ئىلىدا دىنىي ھاكىمىيەت --- ئىلى سۇلتانلىقى قۇرۇلىدۇ . لېكىن ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا سۇلتانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا مەزھەپچىلىك ، ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى ئەۋج ئالىدۇ . نەتىجىدە سۇلتان ھەزەمزات ئەمىر ئابدۇرۇسۇلنى سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرىدۇ . 1865 - يىلى مۇھەممەت پوچى خوجا (ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن) مەزەمزاتنى ئۆلتۈرۈپ سۇلتانلىقنى تارتىۋالىدۇ . ئۇ ئۆزى ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خەلقكە بارلىق بەگلەرنى ئۆلتۈرۈش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن خەلق ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ ، ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ ۋە مۇھەممەت پوچىنىڭ قىلمىشى خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغايدۇ . ئارا ئۆستەڭلىك شەمسىدىن خەلپەم پۇرسەت تېپىپ مۇھەممەت پوچىنى ئۆلتۈرىدۇ . ئۇنىڭ سۇلتان بولغان ۋاقتى ئاران 36 كۈن بولىدۇ . مۇھەممەت پوچى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلتاي ئېچىلىپ ، موللا شەۋكەت ئاخۇن سۇلتانلىققا تەيىنلىنىدۇ . موللا شەۋكەت سۇلتانلىققائولتۇرۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ، ئەمىر لەشكەر ئۇبۇل ئەلاغا سۇمۇلدىكى شىبەلەرنى جازالاش بۇيرۇقىنى چۈشۈرىدۇ . ئۇبۇل ئەلا 500 ئاتلىق ئەسكەرنى ئېلىپ قاراتام كېمىسى ئارقىلىق شىبە يېزىلىرىغا ئۆتىدۇ . قوشۇن سەككىز تۇغ باش بۇغىسى جايلاشقان ئالتە سۇمۇلغا بارغىچە ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمايدۇ . ئەمىر لەشكەرلەرنىڭ چاپچال تەۋەسىگە ئۆتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان توقىلەك يۈز300 دىن ئارتۇق ئەسكەرنى ئېلىپ ئالتە سۇمۇلغا يېتىپ كېلىدۇ . توقىلەك يۈز بېگى ئۇبۇل ئەلانىڭ شىبەلەرنى جازالاش مۇددىئاسىغا ئاشكارە قارشى تۇرىدۇ . ئاشۇ جىددىي پەيتتە سەككىز تۇغ باش بۇغى قار ماڭا ئۇبۇل ئەلا بىلەن توقىلەك يۈز بېگىنى ئۆز مەھكىمىسىگە تەكلىپ قىلىدۇ . ئۇبۇل ئەلا تەسلىم بولۇش شەرتىنى قويىدۇ . شىبە باش بۇغىسى قار ماڭا بىرىنچى ، ئىلى سۇلتانلىقىدىكىلەر شىبەلەردىن قىز ئالماسلىق ، ئىككىنچى ،شىبەلەرنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە مەجبۇرلىماسلىق ، ئۈچىنچى ، ئۆز قەبىلىسىنى ئۇرۇشقا سالماسلىق شەرتىنى قويىدۇ . ئەمىر ئۇبۇل ئەلا بۇ شەرتلەرنى قوبۇل قىلىدۇ . نەتىجىدە شىبەلەر يۇقۇرىقى شەرتلەر ئاساسىدا تەسلىم بولىدۇ . بۇ سورۇنغا شىبە ئايالسۇخا مېھمان كۈتۈشكە چاقىرىلىدۇ . سۇخا تولىمۇ يېقىملىق ، چىرايلىق ئايال بولۇپ ، ئۇبۇل ئەلا سۇخاغا كۆز ئۈزمەي قارايدۇ . بۇنى سەزگەن باش بۇغا قار ماڭاكۆڭلىگە بىر ئىشنى پۈكىدۇ . يۇقۇرقى شەرت بويىچە قان تۆكۈلمەي مەسىلە ھەل قىلىدۇ . شىبە قوشۇنى ئەمىر ئۇبۇل ئەلا قوشۇنىغا قوشۇلىدۇ . بۇ قوشۇن ئىچىدە ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە ، ۋە ئاز - تولا رۇس تىلىنى بىلىدىغان فۇشەن ئىسىملىك بىر شىبە ياشبولۇپ ، ئۇ ئەمىر ئەلا يېنىدا تەرجىمان بولىدۇ  سۇلتان موللا شەۋكەت ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغاندا ، مۇستەبىتلىكنى يولغا قويىدۇ . ئۇ تولىمۇ قابىلىيەتسىزلىكى ۋە ئەمىر ئۇبۇل ئەلا بىلەن بولغان زىددىيىتى سەۋەبلىك 1870 - يىللىرى قاش دەريا بويىدا ، ھاكىمىيەت بېشىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ ، ئورنىغا ، ئەلا پالۋان جاھان پالۋان ، سۇلتان باھادىر غازى ، ئۇبۇل ئەلاخان ئۇنۋانى بىلەن خانلىققا كۆتۈرىلىدۇ . شىبە يىگىتى فۇشەن ئوردىدا ئۇبۇل ئەلا يېنىدا بولىدۇ . بۇ كۈنلەردە ئوردىدا زىددىيەتلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، سۈركىلىش ئېغىر بولىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە فۇشەن ئوردىدىكى قورال - ياراغ ، ئەسكىرىي كۈچ ۋە باشقا ئىشلارنى ئىگىلەيدۇ - دە ، شىبە باش بۇغىسى قارماڭا يېنىغا بېرىپ ، ئوردا ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى دوكلات قىلىدۇ . بۇ چاغدا قارماڭا تەسلىم بولۇش سورۇنىدا ئەمىر ئۇبۇل ئەلانىڭ سۇخاغا تىكىلىشىنى ئويلاپ ، تېخىمۇ كۆپرەك ماتېرىيالغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ، ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلىدىغان سۇخانى ئېرىدىن ئاجرىتىپ ، ئەلا سۇلتانغا سوۋغا قىلىدۇ . سۇخا شۇ كۈندىن باشلاپ ئەلا سۇلتان يېنىدا بولۇپ ، ئوردا ۋە سۇلتاننىڭ ئىچكى مەخپىيەتلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ ۋە تەرجىمان فۇشەن ئارقىلىقباش بۇغ قارماڭاغا يەتكۈزىدۇ . (سۇخا سۇلتان ئۇبۇل ئەلاغا تەككەندىن كېيىن ، خەلق ئۇنى شىۋە سارىخان دەپ ئاتايدۇ ) . ئۇلار مەسلەھەت قىلىشقاندىن كېيىن ، فۇشەن ئوردىدىن چىقىپ چار روسىيىدىكى چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كونسۇلىغا سۇلتان ئۇبۇل ئەلانىڭ ئوردىسىدىكى ئىچكى سىرلارنى يەتكۈزىدۇ . كونسۇل چار روسىيىنىڭ ئىلىغا ئەسكەر كىرگۈزۈپ ، ئىلى سۇلتانلىقىنى ئاغدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن چار روسىيە ئىلىغا تاجاۋۇز قىلىشنى باشلايدۇ ئەلا پالۋان سۇلتانلىق تەختىگە چىققاندىن كېيىن ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى تەيىنلەيدۇ . جۈملىدىن موللا توختى ئاخۇننى ئەمىرلىككە كۆتۈرىدۇ ، كېيىن ئەلاخان سۇلتان بىلەن موللا توختى ئاخۇن ئوتتۇرسىدا ئۇقۇشماسلىق يۈز بېرىدۇ . ئەخمەتجان غوجا(ئىلىدىكى چوڭ غوجا) بىلەن موللا شەۋكەت ئاخۇن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سۇلتانغاقارشى توپىلاڭ كۆتۈرىدۇ ، لېكىن توپىلاڭ تېزلىكتە بېسىقتۇرىلىدۇ . ئەخمەتجان غوجا بىلەن موللا شەۋكەت ئاخۇن خۇيزۇ ئاتامانى ياكۇرنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىۋالىدۇ . بۇنىڭدىن ئىلھام ئالغان ياكۇرئىلىنىڭ ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى داۋۇت خەلپە بىلەن ئالاقە باغلاپ ئۇنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ ھەمدەئەلاخان سۇلتاننىڭ مۇرەسسە قىلىشىنى رەت قىلىپ ، ئۇرۇش قوزغايدۇ . نەتىجىدە ياكۇر بىلەن ئەلاخان سۇلتان ئوتتۇرسىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى خۇيزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرسىدىكى مىللىي قىرغىنچىلىققا ئايلىنىدۇ . ئۇرۇشتا ياكۇر مەغلۇب بولىدۇ ، موللا شەۋكەت ئاخۇن بىلەن ئەخمەتجان غوجا ئۆلتۈرۈلىدۇ  ئەلاخان سۇلتان ياكور ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ، چارروسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىدۇ . چار روسىيە ھۆكۈمىتى دەسلەپ تېكەسكە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ . ئىلى سۇلتانلىقىبۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ . چارروسىيە 1869 - يىلى چوڭ مازارغا ئەسكەر كىرگۈزىدۇ . 1870 - يىلى 6 - ئايدا تېكەستە ئىككىنچى قېتىم ئەسكەر كىرەۈزۈپ پاراكەندىچىلىك سالىدۇشۇ يىلى 9 - ئايدا مۇز داۋاننى بېسىۋېلىپ ، ئىلى سۇلتانلىقىغا يولسىز تەلەپلەرنى قويىدۇ . ئىلى سۇلتانلىقى چار روسىيىنىڭ بۇ خىل يولسىز تەلەپلىرىنى رەت قىلىدۇ ھەمدە مۇزداۋانغا ئەسكەر ئەۋەتىدۇ . ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ بۇ خىل قاتتىق پوزىتسىيىسى چارروسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارا نىيىتىنى تېخىمۇ ئاشكارىلايدۇ . جۈملىدىن 1871 - يىلى 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ۋە 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئىككى قېتىم يىغىن ئېچىپ ، ئىلىغا تاجاۋۇز قىلىشنى رەسمىي قارار قىلىدۇ ھەمدە كالپاكوۋىسكىينىباش قوماندانلىققا تەيىنلەيدۇبۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاشلا قازاق دالاسىدا چارروسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ ، چارروسىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىنقاتتىق باستۇرىلىدۇ . قازاق ئاتامانى تازبېك ئالبان قەبىلىسىنى باشلاپ ئىلىغا كېلىپ پاناھلىنىدۇ . ئەلاخان سۇلتان ئۇلارنى توققۇزتارا تەۋەسىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ . چارروسىيە دائىرىلىرى ئىلى سۇلتانلىقىدىن تازبېكنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئىلى سۇلتانى ئەلاخانغا ئەگەر سىلەر تازبېكنى تۇتۇپ بېرىشنى خالىمايدىكەنسىلەر ، ئۇ ھالدا ساڭا ۋە سېنىڭ خەلقىڭگەپايدىسىز بولىدۇ . بىز سىلەرگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىپلا قالماي ، چوقۇم سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلارنىمۇ ئىشغال قىلىۋالىمىز دەپ تەھدىت سالىدۇ . لېكىن ئەلاخان سۇلتان بۇنىڭغا پىسەنت قىلمايدۇ . شۇنىڭ بىلەن چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئىلىغا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغايدۇ . ئۇرۇش ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ بىرىنچى باسقۇچ : 1871 - يىلى 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈنچىنى بېسىۋالغان چارروسىيە قوشۇنلىرى داۋاملىق شەرققە ئىلگىرىلەپ ، تېكەسكە ھۇجۇم قىلىدۇ . مۇزداۋاننى بېسىپ ياتقان چارروسىيە قوشۇنلىرى قىرىق ئاسۇۋ سۈيىنى بويلاپ كەتمەنگە ھۇجۇم قىلىدۇ . ئىلى دەرياسىنىڭشىمالىدا 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چارروسىيە ئەسكەرلىرى ئۆزلىرى بېسىۋالغان بۇرۇغچىر دېگەن يەردىن يولغا چىقىپ ، قورغاس دارياسىغا قىستاپ كېلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن چارروسىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى جەنۇب ۋە شىمالدىن ئىبارەت ئىككى سەپ شەكىللىنىدۇ . شىمالىي تەرەپتە چارروسىيە ئەسكەرلىرى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى مازارنى بېسىۋالىدۇ . 20 - كۈنى ئىلى قوشۇنى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئكتۈپ دۈشمەننى قورغاسقا چېكىندۈرىدۇ . 21 - ، 22 - كۈنلىرى دۈشمەننى ئاقكەنت (ھازىرقى قازاقىستان چېگرىسىدا ) گىچە قوغلاپ بارىدۇ . جەنۇبىي سەپتە 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ھۇجۇمغا ئۆتكەن دۈشمەن قوشۇنىغا قاتتىق زەربە بېرىلىپ ، 21 - كۈنى قىرىق ئاسۇۋ سۈيىگە چېكىندۈرۈلىدۇ . 26 - كۈنىمۇ ئىلى ئارمىيىسى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ، دۈشمەنگە قاتتىق زەربە بېرىپ ، ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇئىككىنچى باسقۇچ : چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئۆز قوشۇنلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىلى سۇلتانلىقىدىكى تەسلىمچىلەرنىڭ كاتتا بېشى بېشىر بەگنى سېتىۋالىدۇ . بېشىربەگ ئىلى ئارمىيىسىنىڭ مەخپىيىتى ۋە باشقا ئىچكى سىياسىي ئەھۋاللارنى چارروسىيىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ھەمدە ئىچكى جەھەتتە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . 1871 - يىلى 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چارروسىيە قوشۇنلىرى چۈنجى بىلەن بۇرۇغجىردىن بىرلا ۋاقىتتا كەتمەنگە ھۇجۇم قىلىدۇ . ئۇرۇش ئىنتايىن كەسكىن بولىدۇ . بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا ئىلى سۇلتانى ئەلاخان ھەم تازبېگلەرمۇ بىۋاستە قاتنىشىدۇ ، لېكىن ئىلى ئەسكەرلىرى مەغلۇب بولۇپ ، 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەتمەن قولدىن كېتىدۇ ئۈچىنچى باسقۇچ : 1871 - يىلى چااروسىيە قوشۇنلىرى غۇلجا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ . بۇ چاغدا ئىلىدىكى ئۇيغۇر ، قازاق ، خۇيزۇ ، موڭغۇل ، خەنزۇ ، شىبە قاتارلىق مىللەتلەردىن 4 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمتەشكىللىنىپ ، چارروسىيىگە قارشى سەپ تۈزىدۇ . لېكىن ، قوماندان تەن شىڭ ئۆلۈمدىن قورقۇپ ئۇرۇشتا چېكىنگەنلىكتىن ، قورغاسقىچە بولغان يەرلەر قولدىن كېتىدۇ . 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چىڭسىخوزا قولدىن كېتىدۇ . 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چارروسىيە قوشۇنلىرى سۈيدۈڭگە ھۇجۇم قىلىدۇ ھەمدە تەسلىمچىلەرنى قۇترىتىپ ، خەلق ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ ، ئۇيغۇرلار بىلەن خۇيزۇلار ئوتتۇرىسىدا مىللىي قىرغىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ ئىچكى جەھەتتىكى تەسلىمچىلىك ، ئىتتىپاقسقزلىق ، قىرغىنچىلىق ، تاشقى جەھەتتە كۈچلۈك ئىمپېرىيىنىڭ تاجاۋۇزى ئاستىدا ئەلاخان سۇلتان تەسلىم بولىدۇ . چارروسىيە ئىلىنى قوراللىق بېسىۋالىدۇ 1871 - يىلى چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئەلاخان سۇلتاننى ئائىلىسى بىلەن چارروسىيىگە ئېلىپ كېتىدۇ . سۇلتانئەبۇل ئەلاخان ئۈچ يىلچارروسىيە تەۋەسىدە تۇرغاندىن كېيىن روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ غۇلجا شەھىرىگە قايتىپ كېلىدۇ ۋە 1874 - يىلى ۋاپات بولىدۇ . ئۇنىڭ جەسىتى غۇلجا شەھەر ئىچىدىكى تېرەك بۇزۇكۋار غا قويىلىدۇ  چارروسىيە ئىلىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئىلى دەرياسىنى پاسىل قىلىپ ئىككى رايون تەسىس قىلىدۇ ھەمدە غۇلجا شەھىرىنى شىمال رايوننىڭ مەركىزى ، قاينۇقنى جەنۇبىي رايوننىڭ مەركىزى قىلىپ بەلگىلەپ ، ئىككى رايوندا 14 بولۇش تەشكىل قىلىدۇ . بېشىر بەگنى ھاكىم قىلىپ تەيىنلەيدۇ . ھەرەمباغ ۋە سايبويى مەھەللىسىدە ھەربىي گازارما قۇرۇپ ، رەسمىي مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقنى تىكلەيدۇ 1877 - يىلى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى يوقىتىلغاندىن كېيىن ،چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ بېسىمى ۋە زوزۇڭتاڭ باشچىلىقىدىكى ھەربىي گۇرۇھنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن ، ئىلىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن چارروسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىدۇ . 1878 - يىلى 12 - ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى چىڭ خۇنى سۆھبەت ۋەكىلى قىلىپ روسىيىگە ئەۋەتكەن بولسىمۇ نەتىجە چىقىرالمايدۇ . 1880 - يىلى چىڭ ھۆكۈمىتى يەنە زىڭ جىنى روسىيىگە سۆھبەت ۋەكىلى قىلىپ ئەۋەتىدۇ . ئىككى يىل سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق 1881 - يىلى 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى جوڭگو - روسىيە ئىلى شەرتنامىسى ئىمزالىنىدۇ . بۇ تەڭسىز شەرتنامىگە ئاساسەن قورغاس دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار چارروسىيىگە بۆلۈنۈپ بېرىلىدۇ . ئىلىنى قايتۇرۇپ كېلىش بەدىلىگە 9 مىليون رۇبلى تۆلەم تۆلىنىدۇ . لېكىن ، چارروسىيە ھۆكۈمىتى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە مەجبۇرىي تاڭغان تەڭسىز شەرتنامىدە تەڭرىتاغنىڭ ئاساي غول ئومۇرتقىسى چېگرا سىزىقى قىلىنىدۇدەپ ئوچۇق كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا چېگرا سىزىقىنىڭ جەنۇبىدىكى گۇڭگۇرتلىق تاغنى ئىشغال قىلىۋالىدۇ.

    شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەنشەخسلەر دېگەن كىتاپتىن ئېلىندى(  شېرىپ نىياز خۇشتار )

     


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.