ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-10-16

    ئىلى سۇلتانلىقى ۋە تازابېك ۋەقەسى - [ئىلى دىيارىدا]

    ئىلى سۇلتانلىقى ۋە تازابېك ۋەقەسى

               تازابېك ۋەقەسى ئىلى سۇلتانلىقى تارىخىدىلا ئەمەس،بەلكى پۈتۈن شىنجاڭ تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچلۈك رول ئوينىغان زور ۋەقە ھېسابلىنىدۇ.

    مىلادىيە1860-يىلىنىڭ باشلىنىشى بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ مانجۇ ھاكىمىيىتىنىڭ تۈرلۈك زۇلۇملىرىغا قارشى قوزغىلىڭى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى.بۇ دولقۇننىڭ ئالاھىدىلىكى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوخشاشمىغان دەرىجىدىكى قوزغىلاڭلارنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بىلەنلا خاراكتىرلىنىپ قالماستىن بەلكى ھەرمىللەتتىن تەركىب تاپقانلىقى،شۇنىڭدەك ھەربىي قىسىم بىلەن پۇقرالارنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقى بىلەن ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ.ھەرمىللەت دېھقانلىرىنىڭ بىرلىشىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىگە مانجۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەددىدىن زىيادە زۇلۇمى ۋە زورلۇق-زومبۇرلۇقى سەۋەب بولغان بولسا،ھەربىي قىسىم بىلەن پۇقرالارنىڭ ياكى دېھقانلارنىڭ بىرلىشىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىگە مانجۇ ھۆكۈمىتىنىڭ خۇيزۇ ئەسكەر ئوفىتسېرلارنى يوشۇرۇنچە كۆزدىن نېرى قىلىش تەدبىرىنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشى سەۋەب بولغانىدى.شۇنداق قىلىپ،1860-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ،شىنجاڭدا كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى.ئەنە شۇلارنىڭ بىرى1864-يىلى10-ئايدا كۆتۈرۈلگەن ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىدىن ئىبارەت.

    شۇ يىلى 10-ئايدا ئىلى دېھقانلار قوزغىلاڭچى قوشۇنى شۇ چاغلاردا نىڭيۈەن دەپ ئاتالغان غۇلجا شەھىرىنى ئىشغال قىلدى.موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپنىڭ<غازات دەر مۈلكى چىن داستانىدىكى مەزمۇنلاردىن قارىغاندا،ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ بالىنىش سەۋەبى ئىلىدىكى تۇڭگانلارنىڭ مانجۇ خانلىقى تەرىپىدىن قىرىۋېتىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت خەۋەرنىڭ تارقىلىپ كېتىشى ۋە تۇڭگانلارنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمبەگ ئابدۇرۇسۇلدىن ياردەم سورىشى ئارقىسىدا يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەن.ئىلىدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ مانجۇ خانلىقىغا قارشى قوزغالغان كۈرىشى ناھايىتى تېز ئۇلغىيىپ،قوزغىلاڭچى قوشۇن30مىڭدىن كىشىدىن ئېشىپ كەتكەن.دەل شۇنداق بولغاچقا،ئىككى قوزغىلاڭچى ئامما بىرلىشىپ،تارانچى-تۇڭگان سۇلتانلىقىنى تەشكىل قىلغان.بىراق،كېيىنكى تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئىلى ئۇيغۇرلىرى بىلەن تۇڭگانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا سۇلتانلىقنىڭ ھوقوق تىزگىنىنى تۇتۇشنى تالىشىشتىن ئىبارەت قان؛ىق جەڭلەر روياپقا چىقتى.بۇ جەڭلەردە تۇڭگانلار يېڭىلگىنىگە تەن بەردى.شۇنىڭ بىلەن سۇلتانلىقنىڭ نامى تارانچى سۇلتانلىقى،يەنى ئىلى سۇلتانلىقى دەپ ئاتالدى.

    قوزغىلاڭچى قوشۇن غۇلجا شەھىرىنى بازا قىلىپ،كۈرە شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغانىدى.ئىلى جياڭجۈنى ئىلاجىسىز نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا.ئەسكىرىي ئوزۇق-تۈلۈكنى راسلاشقا كۈچ چىقارمىدى،دېگەن باھانە بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان ئىلىنىڭ ھاكىمبېگى مەزامزاتنى قويۇپ بېرىپ سۈلھى قىلماقچى بولدى.بىراق،ئۇنىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە،مەزەمزات ئىلى دېھقانلار قوشۇنىغا قوشۇلۇپ كەتتى،ئىلى پۈتۈنلەي قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن،مەزەمزات ئۆزىنى ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ سۇلتانى دەپ ئاتىدى ھەمدە مۇئاۋىن ھاكىمبەگ ئابدۇرۇسۇلبەگنى ئەمىر،نەسىردىننى قازى كالان،موللا شەۋكەتنى مۇپتى قىلىپ تەيىنلىدى.كېيىن،ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا سۇلتانلىق ھوقوقىنى تالىشىش نىزالىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەردى.1866-يىلى3-ئايدا ئەلاخان ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ سۇلتانلىق تەختىگە ئولتۇردى.ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى داۋاملىق تۈردە كېڭىيىۋاتقان چارروسىيىنىڭ مەنپەئەتىگە ناھايىتىمۇ زىت ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كۈنلەردە چارروسىيە ئارمىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىستېلا قىلىش ئۇرۇشلىرىنى باشلىۋەتكەن ۋە شەھەر-قەلئەلەرنى بىر-بىرلەپ قولغا كىرگۈزۈۋاتاتتى.شۇڭا،چارروسىيە مەيلى دىنىي نۇقتىدىن بولسۇن،مەيلى ئىقتىسادىي نۇقتىدىن بولسۇن،مەيلى سىياسىي نۇقتىدىن بولسۇن،ئىلى سۇلتانلىقىدىن ئىبارەت مۇسۇلمان خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىدا تىكلىنشىنى،تەسىر كۈچىنى ئۇلغايتىشىنى خالىمايتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلى سۇلتانلىقى رسمىي يوسۇندا چارروسىيە ئارمىيىسىنىڭ تارانچىلار تەسىر دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى.شۇنداق قىلىپ،ئىلى سۇلتانلىقى بىلەن چارروسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز جىددىيلەشتى.ئەينى چاغدا چارروسىيە ھۆكۈمىتى چىڭ سۇلالىسىنى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىرنەچچە ئۆلكىدىكى ھاكىمىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مادارى يەتمەيدۇ،ئىلىنى تېخىمۇ قايتۇرۋالالمايدۇ دەپ قاراپ،ئىلى زېمىنىغا بولغانقىزغىنلىقى;تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان ھەم رەسمىي رەۋىشتە جىددىيلەشتۈرگەنىدى.


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.