-
2010-10-16
تاپسۇن ھاياتىم سەن بىلەن مەنا - [يازمىلىرىم]
تاپسۇن ھاياتىم سەن بىلەن مەنا
ئىزھار قىلاي كۆڭلۇمنى ساڭا،
تاپار يۇرەك يارىسى داۋا.
سۆيەلمىدىم باشقىنى سەندىن،
ئۆزگە يارنى كۆرمۇدۇم راۋا.
بىللە ئىدىڭ قەلبىمدە ھەر چاغ،
ھەتتاكىسەن چۇشۇمدە يەنە.
ئېيتالمىسام سەن كۇتكەن سۆزنى،
"يۇرەكسىز" دەپ قىلغانتىڭ تەنە.
مىنى ئەمدى قويمىغىن دەرتكە،
ۋۇلقان كەبى پارتىلار يۇرەك.
پەرھاد-شېرىن كۇلسۇن جەننەتتە،
گۇل غۇنچەڭگە مەن بولاي تىرەك.
قويماشېرىن غېرىپنى تەنھا،
سەنسىز ھايات زۇلىمەت گويا.
گۇل لىۋىڭگە لىۋىمنى باساي،
تاپسۇن ھاياتىم سەن بىلەن مەنا.
چوغلۇق
2010-4-12
历史上的今天:
شېئىر:دوستۇمغا سۇئال 2010-10-16ئىلى سۇلتانلىقى ۋە تازابېك ۋەقەسى 2010-10-16ئىلى دىھقانلار قوزغىلىڭى ھەققىدە 2010-10-16
收藏到:Del.icio.us
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.