ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-10-06

    نەسىر:كۆز ياشر - [يازمىلىرىم]

     

    كۆز ياش

     

    مەن بۇگۇن ئۇزۇندىن بىرى قولۇمغا ئىلىپ باقمىغان(خىزمەت، تۇرمۇش ئالدىراشچىلىقىدا) خاتىرەمنى ئاۋايلاپ ئىلىپ ئۇنى ئاچتىم خاتىرە دەل بىر تال ئەتتىرگۇل قىستۇرۇلغان ئورۇندىن ئېچىلدى، بۇ گۇلنىڭ بۇ يەرگە قىستۇرۇلغىنىغا ئۇزۇن يىللار بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ رەڭڭگىنى يوقاتماي قىپ قىزىل تۇرۇپتۇ....ئەتتىرگۇلنى كۆرۇپ كۆز ئالدىمغا ئۇنىڭ بۇ گۇلنى ئاياللار بايرىمىمنى تەبرىكلەپ بەرگىنى كەلدى.....

    كۆزلىرىمىدىن تۆكۇلگەن كىرىستالدەك سۇزۇك ياشلارخۇددى ئۇششاق-ئۇششاق مەرۋايىت دانچىلىرىدەك سۇسقىنە يالتىراپ ،گۇل بەرگىدە،خاترە بېتىدە ئاستا-ئاستا يېيىلىپ باراتتى.......قانداقتۇر بىر خىل تەشنالىق،سېغىنىش ئىچىدە گۇلنى ئاۋايلاپ ئېلىپ ئالقىنىمغا قويدۇمدە ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ قاراشقا باشلىدىم. ئىنىقكى،مەن ئۇنىڭدىن ئەينى چاغلارنىڭ ئىزنالىرىنى ئىزدەۋاتاتىم. ئەنە شۇ قىپ قىزىل ئەتتىرگۇل ماڭا قىسقىغىنە ھاياتىمنى،رومانتىك ئەمما تولىمۇ ئېچىنىشلىق مۇھەببەت كەچۇرمىشلىرىمنى ئەسلىتىۋاتاتتى.......قوللۇرۇمىنىڭ، ياش ۋۇجۇدۇمنىڭ تتىرىشىگە ئەگىشىپ قىپ قىزىل ئەتترگۇلمۇ بىلىنەر-بىلىنمەس تتىرەۋاتاتتى............. 

      كۆز ياشلىرىم بۇ سېرىق تاشلق خاتىرە دەپتەر بېتىدە ئاستا-ئاستا يېيىلىپ كەتتى.....چۇنكى ئۇنى رەھىمسىز ئۆلۇم ئاللا قاچان مىنىڭ يىنىمدىن تارتىپ كەتكەن ئىدى...................................... 

                                              

     


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.