ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-10-06

    خەلق كومپىزوتىرى-ئېلاخۇن كۆككۆز (1866-1970) - [ئاتاقلىق كىشىلەر]

    خەلق كومپىزوتىرى-ئېلاخۇن كۆككۆز (1866-1970)

       ئېلاخۇن تىلىۋالدى( لەقىمى كۆككۆز) 1866يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە كەمبەغەل ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئېلاخۇن بىر ياشقا كىرگەندە دادىسى تىلىۋالدى ۋاپات بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە قالغان. ئېغىر نامراتچىلىق دەستىدىن بىچارە ئېلاخۇن جەمئىيەتتە قېقىلىپ-سوقۇلۇپ چوڭ بولغان، ئوقۇپ بىلىم ئېلىش پۇرستىگەئىگە بولالمىغان.

         ئېلاخۇن كىچىكىدىنلا ناخشاقوشاققا، سازغا ئامراق بولغان، قوشاقچىلار، ناخشىچىلار، سازەندىلەرگە ئارىلىشىپ يۈرۈپ، خەلق قوشاقلىرى ۋەمۇزىكىلىرى بىلەن تونۇشقان ھەم بۇلارنى پۇختا ئىگىلىگەن. ئېلاخۇن ئۇ ئۆزى قاتناشقان نەغمە-ناۋا سورۇنلىرىدا خەلقنىڭ مۇڭزارىنى ئىپادىلەيدىغان قوشاقلارنى ئەھاڭغا سېلىپ ئورۇنداپ،خەلقىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.

    ناخشاقوشاقلىرىدا زامان رېتىمىنىڭ شۇنچە يارقىن ئىپادىلىنىشى ئۇئۆسكەن ۋە ياشىغان زاماندا ئىجتىمائىي زۇلۇم ھەددىدىن ئاشقان بولۇپ، ئەمگەكچى خەلقئوقۇبەت ئىچىدە زار قاقشىغان، باي ئەمەلدارلار ئەمگەكچى خەلقنىڭ تەرى بەدىلگە راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشتەك تەڭسىزلىكلەرنى بېۋاستە كۆرگەنلىگى ئۈچۈن.
         ئېلاخۇن تىلىۋالدى ئۆزى توقۇغان قوشاقلىرىدا خەلق ئاممىسىنىڭ دەردىگە ھەمدەرد بولۇپ ، ئۆزىنىڭ  ئادالەتسىزلىككە، تەڭسىزلىككە،زۇلۇمغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. شۇڭاتالاي «سۇلايمان»لارنى يىغلاتقان ئۆمۈر «داۋان»لىرى ئۇنى يىغلىتالمىغان. ئۇ ئۆمىرىنىڭ ئاخىرىغىچە سەنئەت بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنى خەلققە قالدۇرۇپ كەتكەن.ئۇ 1970-يىلى ۋاپات بولغان.


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.