ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-10-06

    ئابدۇۋەلى جارۇللايوف - [ئاتاقلىق كىشىلەر]

     ئابدۇۋەلى جارۇللايوف

        ئابدۇۋەلى جارۇللا 1910–يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ توغرىكۆۋرۈك مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىدە موزدۇزلۇققا شاگىرت كىرىپ، موزدۇزلار ئارىسىدىكى ناخشىچى مەشرىۋاخۇن، ھاسان بۆرى، داۋۇت توكۇر، مەھەممەت تۇرخۇن، مەسۇم توقۇم، سونىمكام دۇتار، تېيىپئاخۇن تەمبۇر، قادىر لاڭقا، ئىمىنجان ئۇستا قاتارلىق خەلق ناخشىچىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئاز ئۆتمەي ئابدۇۋەلى جارۇللا ئۆزىمۇ موزدۇزلار ئارىسىدا ئاۋازىنىڭ سازلىقى بىلەن تونۇلغان. 1934–يىلى غۇلجا سانائىنەپىسە قۇرۇلغاندا روزى تەمبۇر قاتارلىق مۇزىكا ئۇستىلىرىنىڭ ئىمتىھان ئېلىشى بىلەن ئەڭ دەسلەپكى ئارتىستلار قاتارىدا ئۆمەككە قوبۇل قىلىنغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ يېرىم ئەسىرگە يېقىن ئۆمرى سەھنىدە ئۆتتى.
    ئابدۇۋەلى جارۇللا 1936–يىلىدىن 1962–يىلىغىچە ئىلى تىياتىر سەھنىسىدە سەھنىلەشتۈرۈلگەن ئەللىككە يېقىن سەھنە ئەسىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئاساسلىق روللارغا چىققان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «باي ۋە مالاي»دا غوپۇر، «ئارشىن–مال ئالان»دا ئەسقەر، «غېرىب–سەنەم»دە غېرىب، «پەرھاد–شېرىن»دا پەرھاد، «لەيلى–مەجنۇن»دا مەجنۇن، «نۇزۇگۇم»دا باقى، «غۇنچەم»دە نۇرۇم بولۇپ ئوينىغان روللىرى ئەينى يىللاردىكى تاماشىبىنلاردا چوڭقۇر تەسىراتلارنى قالدۇرغان. ئۆز ۋاقتىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا تىياتىر ساھەسىدە قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن «خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىس» دەپ شەرەپلىك نام بەرگەن. ئابدۇۋەلى جارۇللايوف ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى.
        ئابدۇۋەلى جارۇللايوف ئاتاقلىق دراما ئارتىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە مەشھۇر خەلق ناخشىچىسى. ئابدۇۋەلى جارۇللايوفنىڭ ناخشىلىرىغا ھاسان تەمبۇر ئۆز ۋاقتىدا، ئابدۇۋەلىنىڭ ناخشىلىرىدىن جېلىليۈزى، تۇرپانيۈزىلىرىدىن ھارۋا ھەيدەپ كېلىۋاتقان دېھقانلار ناخشىسىنىڭ پۇرىقى كېلىدۇ، دەپ باھا بەرگەنىكەن. جارۇللايوف خەلقنىڭ ساددا، ئەمما ھېسسىياتقا باي ناخشا ئېيتىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنلاشتا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك ياراتقان ناخشىچى. مۇساجان روزىنىڭ بەرگەن باھاسىغا قارىغاندا، ئابدۇۋەلى جارۇللانىڭ ناخشىلىرىدا ئاتا–بوۋىلىرىمىزنىڭ ناخشا توۋلاش پۇرىقى ساقلانغان بولۇپ، مۇھىم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە ئىكەن. 1959–يىلى مەركەزدىن شىنجاڭغا كەلگەن مۇزىكا تەتقىقاتچىسى جيەن جىخۇا جەنۇبىي شىنجاڭنى ئايلىنىپ غۇلجىغا كەلگەندە ئابدۇۋەلى جارۇللانىڭ ناخشىلىرى ئۇنىڭ دىققتىنى تارتقان. شۇ قېتىم ئۇ ئابدۇۋەلى جارۇللا ئېيتقان يۈزدىن ئارتۇق ناخشىنى لېنتىغا ئېلىپ كەتكەن. جيەن جىخۇا بۇ لېنتىلارنى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ بوران–چاپقۇنلىرىدىن سالامەت ئۆتكۈزۈپ، كېيىن بۇ ناخشىلارنىڭ بىر قىسمىنى ئايرىم كىتابچە قىلىپ ئېلان قىلدى.1971–يىلى ۋە 1981–يىللىرى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى بىلەن ئىلى خەلق رادىئو ئىستانسىلىرى ئابدۇۋەلى جارۇللانىڭ ناخشىلىرىنى ئوموميۈزلۈك لېنتىغا ئېلىپ ئارخىپلاشتۇردى.
        ئابدۇۋەلى جارۇللا 1951–يىلى روزى تەمبۇر بىلەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئون ئىككى مۇقامىنى لېنتىغا بېرىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، روزى تەمبۇر ئىلى ئون ئىككى مۇقامىنى ئورۇنلىغاندا داستان، مەشرەپ قىسىملىرىنى بىرلىكتە ياندىشىپ ئېيتىپ، ئون ئىككى مۇقامنى قۇتقۇزۇپ قېلىش خىزمىتىگە تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشقان. 1992–يىلى جۇڭگو ئۇيغۇر مۇقام پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ھەيئىتى تەرىپىدىن ئابدۇۋەلى جارۇللاغا مۇقام ئىشلىرىدا كۆرسەتكەن ئەجرى ئۈچۈن «ئون ئىككى مۇقام سەنئەتكارى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى. ئۇ 1998–يىلى ئۆكتەبىردە غۇلجىدا 89يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

    مەنبە:قەلىبداش (ئاتامان)


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.