ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)
  •  

                                              كۈنەس ناھىيىسى

    كۈنەس ناھىيىسى ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ شەرقىي بۆلىكىگە جايلاشقان. شارقىي جەنۇب تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن، غەربىي جەنۇب تەرىپى نىلقا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.. شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 52 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 65 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 7.6446 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بەش بازار، بەش يېزا، 102 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ.

  •               تېكەس ناھىيىسى

    تېكەس ناھىيىسى جۇڭگو قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ ئەڭ غەربىدىكى ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى ئۇيسۇن يايلىقىغا جايلاشقان.تېكەس

     ناھىيە بازىرى سەككىز ئاساسى كوچا،تۆت ئايلانما يولدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ،ھەر بىر كوچا،ھەر بىر ئايلانما ئارىسىدا يەنە سەككىز كوچا قوشۇلۇپ ماڭىدۇ،يەنى........

  • ياپراق

    (غەزەل)

    قىپ يالاڭغاچ دەل دەرەخلەر، ياپراق ياتار ئاياغىمدا،

    قۇرۇپ قاخشال بولۇپ قالغاچ، چۇقان سالار ئاياغىمدا.

    ياپ-يېشىل تون كەيدۈرگەن ئۇ، نازلاندۇرۇپ تەبىئەتنى ،

    خوشاللىقى بەكمۇ قىسقا ھەسرەت چىكەر ئاياغىمدا.

  • قاش ۋادىسىدىكى قەدىمىي يۈرت-سۇپىتاي

    مىركايىل نۇرئالىم

     

     ئىلى ۋادىسى ئۆز بېشىدىن سانسىزلىغان بوران- چاپقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ ئۇزۇن تارىخى زامانلاردىن گۈللىنىش، خارابلىشىش يەنە گۈللىنىش يەنە خارابلىشىشىدەك جەريانلارنى ئۆتكۈزدى. بۇ گۈزەل زېمىنغا تارىختىن بۇيان ھونلار، ساكلار، ياۋچىلار، تۈركلەر، ئۇيسۇنلار، موڭغۇللار ۋە ئىسمى تارىخى خاتىرىلەرگە ئىلىنمىغان قانچە سىياسىي    كۈچ  ۋە قەبىلە، قوۋم بۇ ۋادىغا ئۆزلىرىنىڭ مۇبارەك ئۆچمەس ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى، ئىلى رايونىنى ئۈز ئىچىگە ئالغان تەڭرى تىغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى كەڭ رايونلاردا ئۇزاق زامانلاردىن تارتىپ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ياشاپ كەلگەن.

  • قاش ۋادىسىدىكى قەدىمىي يۈرت-سۇپىتاي(داۋامى)

    دېمەك جۇڭغارلار دەۋردە بوربۇسۇن غولى بىلەن سۇپتاي غولىغا بىر قىسمى ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ تېرىقچىلىق قىلدۇرغان. بۇ مەزگىلدە سۇپتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىرق ‹‹بەش دۆڭ ئېرىقى ›› نى ئىلىشقا باشلىغان. بۇ ئېرىققا سۇپتاينىڭ پۈتۈن سۈيىنى باشلاپ، شەرق تەرىپىدىكى قارسۇ يېزىسىنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىنى، غەرب تەرىپىدە مازار يېزىسىنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىنى سۇغارغىلى بولىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 14-15كىلومېتىر كېلىدۇ. كەڭلىكى 2مېتىر، ئېگىزلىكى 1.5مېتىر كېلىدۇ. پۈتۈنلەي. ئېدىر ياقلاپ ئىلىنغان. بۇ ئېرىقنىڭ لايىھىلىنىشى 1985- يىلى سۇپتايدا، پۈركۈپ سۇغۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قۇيۇش ئۈچۈن كەلگەن سۇ مۇتەخەسسىسلەرنى ھەيران قالدۇرغان.

  •  

     

     

         

    يىگىت بولساڭ ئەنە شۇنداق يىگىت بول

     

    ئۇيغۇر قىزى ساڭا شەيدا بولغىدەك،

    مەرت يىگىت دەپ يۈرەكلىرى يانغىدەك.

    خۇي مىجەزى ئەلگە دائىم ياققۇدەك،

    ئەخلاقىدىن شىكەر-شەربەت تامغۇدەك.

    يىگىت بولساڭ ئەنە شۇنداق يىگىت بول!