ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)
  •  

    ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى پارچە رەسىم

     

    تۆۋەندىكىلىرى جەڭچىلەر ھەربىي يۈرۈش قىلغاندا،گازارما ئىچىدە،ھەربىي مەشىق قىلغاندا،چوڭ يىغىنلاردغا كېتىۋاتقاندا ۋە يىغىندىن تارقاپ گازارمىغا قايتىۋاتقاندا ئېيتىدىغان ناخشىلار.

  • ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى پارچە رەسىم

     1945-يىلى 6-ئايدا مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى شۇ چاغدىكى ئىنقىلاب ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن،دۈشمەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلى تەھلىل قىلىپ،گومىنداڭنىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىنى بۇزۇپ تاشلاش،قۇراللىق كۈرەشنى راۋاجلاندۇرۇش،ئازاد رايونلارنى كېڭەيتىش ئۈچۈن،جەنۇب،شىمال،ئوتتۇرا-ئۈچ يۆنىلىش بويىچە ئۇرۇش قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى.

  •  

    غۇنچىسەن

    ھاياتىڭنىڭ رەڭگا-رەڭ پەسلىدۇر ياشلىق ،

    پاك سۆيگۈڭنى قەدىرلە ئۇلۇغلاپ ئۆتكىن.

    ئىتىقادىڭ، ئەخلاقىڭدىن گۈلدەستە تىزىپ ،

    ئىشەنچىڭنى باغاشلاپ ئۈمىدۋار يۈرگىن.

  • يۇرتىمىزدىكى مەشھۇر ئاياللاردىن- ئايخان ئانا

       ئايخان تۇردى

     (1882-1942-يىلى ) ئۇيغۇر، غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكەن تۇردى باي دىگەن كېشىنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ كىچىكىدە ئىلغار زاتلار ئاچقان پەننى مەكتەپتە ئوقۇغان بولغاچقا ،شۇ دەۋرنىڭ ئىدىيىسى ئىلغار كېشىلىرىدىن بىرى ئىدى. غۇلجا قازانچى مەھەللىسىدە 70 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بار (ھازىرقى 21-باشلانغۇچ مەكتەپ)،ھازىرغا قەدەر بەزى كىشىلەر بۇ مەكتەپنى «ئايخان مەكتىپى »دەپ ئاتايدۇ. بۇ مەكتەپنى قۇرغۇچى _ دەل ئايخان تۇردى ئانىدۇر..

  • نۇرتاي ھاجى ھەققىدە

    نۇرتاي ھاجى ھەققىدەئۆزىنىڭ ئاجايىپ تەسىرلىك خەير- ساخاۋىتى بىلەن ئەلنىڭ يۈكسەك ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولغان نۇرتاي ھاجى ئىسكەندەر يېقىندا بېيجىڭدا كاتتا شەرەپ سەھنىسىگە چىقتى.

    شىنجاڭلىق بۇ خەير-ساخاۋەتچىنىڭ نامى پايتەخت ئارقىلىق پۈتۈن جۇڭخۇا ئېلىگە تارالدى. 2006-يىللىق جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى بويىچە نام بېرىش- مۇكاپاتلاش يىغىنى 24-ئىيۇن بېيجىڭ خەلق سارىيدا داغدۇغلۇق ئېچىلدى ،يىغىندا شىنجاڭ غەربىي نۇر گۇرۇھىنىڭ باش لېدىرى نۇرتاي ھاجى ئىسكەندەرگە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭخۇا خەير- ساخاۋەت چولپىنى دېگەن

  • دوستۇمغا سۇئال

     

    ئۆتتى كۈنۈڭ دوستۇم مەي ئىچىپ،

    ئويلا ئەمدى گۈزەل ئەتەڭنى.

    قاراپ باققىن زامان ھۆسنىگە،

    بۇزغىن سەنمۇ ئەسكى كەپەڭنى.

  • ئىلىدا ئاپتۇموبىل قاتنىشى ۋە ئايرۇپىلان قاتنىشى
    ئىلىدا ئاپتۇموبىل قاتنىشى 1911-يىلى باشلانغان.بۇ شىنجاڭ بويىنچە تۇنجى قېتىملىق ئاپتوموبىل قاتنىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.1911-يىلى ئىلى جاڭجۇن مەھكىمىسى تەسىس قىلغان قوي يۇڭى شىركىتى پولشىدىن ئىككى ئىككى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى سېتىۋىلىپ،كۇرە بىلەن غۇلجا شەھىرى ئارىلىقىدا قىسقا مۇساپىلىك يولۇچىلارنى توشۇش كەسپىنى يولغا قويغان.<1912-يىلى1-ئايدا پارتىلغان >شىنخەي ئىنقىلابىدىن كىيىن ئىلى قوي يۇڭى شىركىتى تاقالغان. 

  • بىر سۇئالمەن

    گۈل ئەمەسمەن سۈنئىي، پۇراقسىز،توپا-چاڭلار قونۇپ تۇرغان،

    تاڭلا بەش كۈندىن كېيىنلا، ئەخلەت بولۇپ چىرىپ تۇرغان.

     

     پايانى يوق دەشتە چۆلدە، تامام كارۋان ،چاڭقىغانغا،

    بۇلاقتۇرمەن يىگانە بىر ، ئابىي ھايات بېرىپ تۇرغان.

  • ئىلى دەرياسى 

                                             

                                              ئىلى دەرياسى ئاسيادىكى مەشھۇر دەريالارنىڭ بىرى. بۇ دەريا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى تەڭرىتاغلىرىنىڭ بۇلۇتقا تاقاشقان ئېگىز چوققىلىرىدىكى مۇزلۇقلاردىن باشلىنىپ، قاتمۇ قات تاغلار ئارىسىدىكى قېلىن قارىغايلىق جىلغىلار ۋە رەڭگارەڭ گۈل چىچەكلەرگە پۈركەنگەن گۈزەل يايلاقلاردىكى سانىسزلىغان كىچىك ئېقىنلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان مەشھۇر ئەزىم دەريادۇر.

  • مەنمۇ ئىنسان

    مەنمۇ ئىنسان ئىمانىم بار مۆمىن بەندە،

    ئەمما تەغدىر قىلدى مىنى بەك دەپسەندە.

    دەرتلىرىمنى ئاڭلار كىملەر؟

    كىملەر كۈلەر؟

    ئاڭلىغانلار شۇندا دەركىن:" راس دەپسەندە!"