ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2011-04-13

    ئىلىدا ئاپتۇموبىل قاتنىشى ۋە ئايرۇپىلان قاتنىشى - [ئىلى دىيارىدا]

    ئىلىدا ئاپتۇموبىل قاتنىشى ۋە ئايرۇپىلان قاتنىشى
    ئىلىدا ئاپتۇموبىل قاتنىشى 1911-يىلى باشلانغان.بۇ شىنجاڭ بويىنچە تۇنجى قېتىملىق ئاپتوموبىل قاتنىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.1911-يىلى ئىلى جاڭجۇن مەھكىمىسى تەسىس قىلغان قوي يۇڭى شىركىتى پولشىدىن ئىككى ئىككى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى سېتىۋىلىپ،كۇرە بىلەن غۇلجا شەھىرى ئارىلىقىدا قىسقا مۇساپىلىك يولۇچىلارنى توشۇش كەسپىنى يولغا قويغان.<1912-يىلى1-ئايدا پارتىلغان >شىنخەي ئىنقىلابىدىن كىيىن ئىلىقوي يۇڭى شىركىتى تاقالغان. 

     ئاپتوموبىللار ئوغىرىلىنىپ روسىيەلىك سودىگەرلەرگە سېتىۋىتىلگەن.1928-يىلى ئۈرۈمچىدىن چۆچەككە ئاپتوموبىل قاتناشقا باشلىغان.ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ دائىرلىرى تىيەنجىن ئارقىلىق چەت ئەلدىن 30 يولۇچىلار ئاپتوموبىلى،30يۈك ئاپتوموبىلى سېتىۋالغان،بۇ ئاپتوموبىللار تۇركىسىتان-سىبىرىيە تومۇر يولى ئارقىلىق شىنجاڭغا توشۇپ كېلىنگەن.ئۈرۈمچى بىلەن چۆچەك ئارىلىقىدا قاتنىغان ئاپتوموبىللار ئەنە شۇ ئاپتوموبىللار ئىدى.غۇلجا بىلەن ئۇرۇمچى ئارىلىقىدىكى ئاپتوموبىل قاتنىشى 1935-يىلىدىن تارتىپ رەسمى باشلانغان.1949-يىلغىچە ئىلىدا تىرانسپورت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپتوموبىللار ئونغىمۇ يەتمەيتى.ئۇنىڭ ئۇستىگە ھەممىسى ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن كونا يۇڭ ئاپتوموبىللىرى ئىدى.

    يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ ئاۋىئاتسىيە باش ئىدارىسى  بىرلىكتە قۇرغان1933-

     قۇمۇل-ئالمائاتا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى قۇمۇلدىن ئۇرۇمچى،غۇلجا،ئالمائاتىغا بارىدىغان ھاۋا لىنىيىسى ئاچقان.ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە سوۋىت ئىتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگۇغا ياردەم قىلغان ماددى ئەشيالىرى مۇشۇ ھاۋا لىنىيىسى ئارقىلىق توشۇپ كېلىنگەن.لېكىن بۇ ھاۋا لىنىيىسىنىڭ يولۇچى توشۇش تىرانسىپورتى يۇرۇشمىگەن.1949-يىلىغا كەلگەندە،يىللىق توشۇش مىقدارى ئاران 2000مىڭدىن كۆپرەك بولغان.1949-يىلدىن ئىلگىرى ئۇرۇمچىدىن غۇلجىغا ۋە چۆچەككە كىچىك تىپتىكى ئايروپىلان قاتنايدىغان بولسىمۇ،بىراق ئۈسكۈنلىرى ئاددى بولغاچقا،ئاساسى جەھەتتىن يېرىم توختاپ قىلىش ھالىتىدە تۇرغان.

     مەنبەسى:گۈلشەن ۋادىدىكى ئىزلار.


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.