ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2011-04-13

    شېئىرې:بىر سۇئالمەن - [يازمىلىرىم]

     

    بىر سۇئالمەن

    گۈل ئەمەسمەن سۈنئىي، پۇراقسىز،توپا-چاڭلار قونۇپ تۇرغان،

    تاڭلا بەش كۈندىن كېيىنلا، ئەخلەت بولۇپ چىرىپ تۇرغان.

     

     پايانى يوق دەشتە چۆلدە، تامام كارۋان ،چاڭقىغانغا،

    بۇلاقتۇرمەن يىگانە بىر ، ئابىي ھايات بېرىپ تۇرغان.

     

    كېچە-كۈندۈز ئەجىرقىلار،جەڭگاھلاردا مەرت ئوغلانلار،

    ساھىپخانمەن زەپەر قۇچقان مىھمانلارغاكۈلۈپ تۇرغان.

     

    ئادەم سىياق ھايۋانمۇ بار،بولغىن ئاگاھ شۇم پەيلىدىن،

    بەك بېزارمەن خوشامەتتىن، بەلنى دائىم ئېگىپ تۇرغان.

     

    قارنى تويماس بۆرە-قاۋان،تۈشمۇ- تۈشتىن كەلسە قىستاپ،

     بىر ئوۋچىمەن ، قەھرىم بىلەن لەنەت ئوقى ئېتىپ تۇرغان.

     

    تولغۇشۇپ بەل ،ناز كەرەشمەقىلسا ۋىژدان كۆتۈرۈپ،

    قىلىچى مەن چىنتۆمۈرنىڭ، نومۇسسىزغا تېتىپ تۇرغان.

     

    غۇۋالىشىپ كەتتى دۇنيا،ئىمان ،نومۇس...سۇس بولغاچقا،

    بىر چىراقمەن خارابلىقتا،لىپ-لىپ قىلىپ يىنىپ تۇرغان.

     

    زاۋال تېپىپ بۇ قىسمەتلەر ،روھىمىزدىن يۈتەرمۇ؟ دەپ،

    بىر سۇئالمەن پىقىر شەمشى،سانسىز چېكىت قويۇپ تۇرغان.

     

    2011-04-03


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.