-
2011-04-13
دوستۇمغا سۇئال - [يازمىلىرىم]
دوستۇمغا سۇئال!
ئۆتتى كۈنۈڭ دوستۇم مەي ئىچىپ،
ئويلا ئەمدى گۈزەل ئەتەڭنى.
قاراپ باققىن زامان ھۆسنىگە،
بۇزغىن سەنمۇ ئەسكى كەپەڭنى.
ھاراق ئىچتىم دەيسەن قانغىدەك،
ئىچسەڭ كۈندە دەردىڭ چىقامدۇ؟
نەدە بولسۇن سەندە چوغ يۈرەك،
بولساكۈنۈڭ شۇنداق ئۆتەمدۇ؟
مەسمەن دەيسەن قارا تۇرقۇڭغا،
دەرت ئىچىڭگە سىغماي قالدىمۇ؟
ھەممە دىلدا ھەسرەت ،ئېچىنىش،
ئارمانلىرى يەردە قالارمۇ؟
ھاراق بىلەن يۇساڭ ئەسلىڭنى،
ئاللا كىملەرخوشال بولمامدۇ؟
ئەجدادىڭدىن قالغان دۇنيانى،
بەرسەڭ شۇنداق كۆڭلۈڭ ئۇنامدۇ؟
بەلكىم ئويلاپ جاۋاپ تاپالماي،
تۈگىمەس شۇ سۇئال،ئۈندەشكە.
مەيدىن تەسكىن تاپماق بولدۇڭمۇ،
چىدالماستىن دەرت ۋە ھەسرەتكە؟
يۈرمە ئەمدى تاپماي ھوشۇڭنى،
سېسىق سۇدا بولغاپ روھىڭنى.
يىتەر!بىلگىن ھايات قەدىرنى،
تاتمىسۇن ھە؟، بالاڭ شورۇڭنى!
收藏到:Del.icio.us
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.