ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2011-04-13

    ئىلى دەرياسى - [ئىلى دىيارىدا]

    ئىلى دەرياسى 

                                             

                                              ئىلى دەرياسى ئاسيادىكى مەشھۇر دەريالارنىڭ بىرى. بۇ دەريا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى تەڭرىتاغلىرىنىڭ بۇلۇتقا تاقاشقان ئېگىز چوققىلىرىدىكى مۇزلۇقلاردىن باشلىنىپ، قاتمۇ قات تاغلار ئارىسىدىكى قېلىن قارىغايلىق جىلغىلار ۋە رەڭگارەڭ گۈل چىچەكلەرگە پۈركەنگەن گۈزەل يايلاقلاردىكى سانىسزلىغان كىچىك ئېقىنلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان مەشھۇر ئەزىم دەريادۇر. تېكەس دەرياسى، كۈنەس دەرياسى ۋە قاش دەرياسى ياماتۇدا قوشۇلۇپ ،ئىلى دەرياسىنى ھاسىل قىلىدۇ تېكەس دەرياسى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى زېمىنىدىن باشلىنىپ،. موڭغۇلكۈرەدىكى قۇم ئويناقنىڭ 6 كىلومېتىر غەربىدە جۇڭگو چېگرىسىغا كېلىپ ، ئۇ يەردىن قازاقىستان جۇڭگو چېگرىسىنى بويلاپ ئېقىپ، سۈمبە چازىغا كەلگەندە چېگرا لىنيىسىدىن ئايرىلىپ ، موڭغۇلكۈرە تەۋەسىگە كىرىپ قارا كۆل، قوتۇرقاي، ئاقدالا، چاتمابىل، ئاقتام ، مىڭبۇلاق، تېكەس، مەدىيەن، ئاقگۈمبەز، قارا دالا، قارىتوقاي، كىچىك جىرغىلاڭ، قىزىل تاللاردىن ئۆتۈپ كۈنەس دەرياسىغا قوشۇلۇپ، ئادىن گۆر جىلغىدىن ئۆتۈپ ياماتۇغا كېلىپ، قاش دەرياسىغا قوشۇلۇپ ئىلى دەرياسىنى ھاسىل قىلىدۇ. تېكەس دەرياسى جۇڭگو تەۋەسىگە كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا مۇزئارت دەرياسى، ئاقنىياز دەرياسى، قاساڭ دەرياسى، مويۇنتاي دەرياسى،كىچىك جىرغىلاڭ دەرياسى، چوڭ جىرغىلاڭ دەرياسى ، كۆكسۇ دەرياسى قاتارلىق دەريالار ۋە بىرمۇنچىلىغان ئېقىنلار قوشۇلىدۇ. تېكەس دەرياسىنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلىقى 300 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. يىللىق سۇ مىقدارى 8 مىليارد 300 مىليون كۇپ مېتىر . كۈنەس دەرياسى يۇلتۇز تاغلىرى بىلەن ئالتاي تاغلىرىدىن باشلىنىپ نارات، ئارالتۆپە، قىلى، قارا سۇلاردىن ئۆتۈپ تېكەس دەرياسىغا قوشۇلىدۇ. كۈنەس دەرياسىغا قونجالىق ، چاقپى دەريالىرى ۋە بىرمۇنچە ئۇششاق ئېقىنلار قوشۇلىدۇ. كۈنەس دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 195كىلومېتىر ، يللىق سۇ مىقدارى 2مىليارد 400 مىليون كۇپ مېتىر.

     قاش دەرياسى ئاۋرال ، ئارىشاڭ، ئىرەن قابىرغا ۋە بولخنۇر تاغلىرىدىكى ئالاستاي، كوركى، سايقىندولى، سارقىلتى، تورگونچاغان، زىكوي، تېمىرلىك، بارغايتى، ئۇلاستاي، سۇپتاي، بوربوس دەريالىرىنىڭ ۋە بىرمۇنچە ئۇششاق ئېقىنلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولىدۇ. بۇ ئارا سوندىن باشلىنىپ ئىسبوغى، شاتبۇلاق، يۇقىرى ئۇلاستاي، خوجى تاي، نىلقا، تۆۋەن ئۇلاستاي، توقايلاردىن ئۆتۈپ، ياماتوغا كېلىپ ئىلى دەرياسىغا قوشۇلىدۇ. قاش دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 290 كىلومېتىر ،يىللىق سۇ مىقدارى 4مىليارد كۇپ مېتىر..

    تارىخىي ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، ئىلى دەرياسىنىڭ ئورنى شىمالغا سۈرۈلۈپ تۇرغان. 1765 يىلىدىن 1820 يىلىغىچە بولغان 55يىل ئىچىدە ، ئىلى دەرياسى شىمالغا 500–– 1000 مېتر سۈرۈلگەن. 1820 يىلىدىن 1860 يىلىغىچە بولغان 40 يىلدا 800 مېتىر شىمالغا سۈرۈلگەن. يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيان يىلىغا ئوتتورا ھېساپ بىلەن 18مېتىر ئەتراپىدا شىمالغا سۈرۈلگەن. 1952 يىلىغا كەلگەندە ، كۈرە قەلئەسىنىڭ تۆتتىن بىر قسمىنى ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيى ئېقىتىپ بولغان. 1976 يىلىدىن 1979 يىلىغىچە بايانداي ئەتراپىدا ئىلى دەرياسى شىمالغا قاراپ مېتىر سۈرۈلگەن. 330. يىللارنىڭ باشلىرىدا ، - 1970. ئىلگىرى ئىلى دەرياسىدا كۆۋرۈك يوق ئىدى. ئايدۆڭ،قاراتام ( تالدى)، ياماتۇلاردا زەنجىر ئارغامچىغا ئىلىنغان ياغاچ كېمە بارئىدى. ئاپتوموبىل ، ھارۋا ، ئات ئۇلاغ ۋە پىيادىلەر مۇشۇ كېمە ئارقىلىق ئۇ قاشتىن بۇ قاشقا ئۆتەتتى. 1970 يىللىرى ئايدۆڭدىكى غۇلجا چاپچال كۆۋرۈكى ، 1980 يىللىرى ياماتۇ كۆۋرۈكى ياسلىپ قاتنىشى باشلاندى.

    ئىلى دەرياسىنىڭ سۇ قاتنىشى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. گەرچە ئىلى دەرياسىنىڭ سۇ قاتناش تارىخى توغرۇلۇق يازما ماتېرىياللار بولمىسىمۇ، ئەمما ئەۋلادتىن ئەۋلادقا سالچىلىق بىلەن جان بېقىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر سالچىلار ئارىسىدىكى چۆچەك تەرىقىسىدە ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان ۋەقەلىكلەردىن قارىغاندا، بۇ دەريانىڭ سالچىلىق تارىخى بەش ئەسىردىن كەم ئەمەس. سالچىلار 5060 كېمىنى چېتىپ سال قىلىپ، ئۈستىگە ئات ، كالا، قوي قاتارلىق ماللارنى ۋە تۈرلۈك چارۋا مەھسۇلاتلارنى سېلىپ ، دەريا ئارقىلىق ھەيدەپ غۇلجىغاكېلەتتى. 1950 يىللىرى ئىلى دەرياسىدا چەتئەل پاراخوتلىرى بىرقانچە يىل قاتنىغان..

    --ماتىريالدىن ئېلىندى


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.