ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2011-04-10

    مەنمۇ ئىنسان - [يازمىلىرىم]

     

    مەنمۇ ئىنسان

    مەنمۇ ئىنسان ئىمانىم بار مۆمىن بەندە،

    ئەمما تەغدىر قىلدى مىنى بەك دەپسەندە.

    دەرتلىرىمنى ئاڭلار كىملەر؟

    كىملەر كۈلەر؟

    ئاڭلىغانلار شۇندا دەركىن:" راس دەپسەندە!"

     

    يىلىنمايمەن خارلانساممۇ باشقىلارغا،

    دىۋانىدەك ئىششىك قېقىپ دوقۇرمايمەن.

    پۇت قولۇم ساق.

    كۆزۈم رۇشەن.

    كاللام ئوچۇق.

    يولۇم تېپىپ باشقىلاردىن ھىچ قالمايمەن.

     

    بىلىم ئالدىم مەنمۇغايە ئىستەك ئۈچۈن،

    سايراي دىسەم سەن قاغا دەپ يولدا قالدىم.

    تىلىم گاچا.

    رەڭگىم قارا.

    كۆڭلۈم ئالا.

     خەق ئالدىدا ئەنە شۇنداق بولۇپ قالدىم.

     

     

    شۇڭا يۈرەك ئەنسىز سوقۇپ، ۋىجدان قايناپ،

    ئىلھاملىرىم ھەركۈن ماڭا مەدەت بېرەر.

    شېئىر-ئوزۇق،

    شېئىر-ھەمرا.

    شېئىر-سۆيگۈم.

    شۇڭا قۇرلارئارىسىدا ئاھ-زار كىزەر.

     

    بۇ دۇنيادا باردۇر ئىگەم بەرگەن رىزقىم،

    قاغا-قوزغۇن چوقۇپ كەتكەچ قالدى چىمدىم.

    مەنمۇ ئىنسان.

    مەنمۇ ئادەم.

    سۆزۈم ھەقتۇر.

     كۆپ قىسمەتلەرئۆتكەچ باشتىن چوڭقۇر تىندىم.

     2011-04-09


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.