ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2011-04-10

    تاتارىستان جۇمھىريىتى - [باش بەت]

                                             تاتارىستان جۇمھوريىتى(1)
    جايلاشقان ئورنى:
     شەرقى ياۋرۇپا تۇزلەڭلىكىگىنىڭ شەرىقى قىسىمىغا ،ئېدىل (ۋولگا)دەرياسىنىڭ ئوتىرا ئېقىنىغا،جايلاشقان بولۇپ روسىيەنىڭ ئوتۇراقىسىم رايونلىرى بىلەن ئېدىل دەريا رايونىنى تۇتاشتۇرپ تۇرۇدۇ.شىمالدىن جەنۇپقا كەڭلىگى 290 كىلومىتىر،شەرىقتىن غەربكە ئۇزۇنلىغى 460 كىلومېتىر كېلىدۇ .
    زىمىنى:
    :68000كۇۋادىرا كىلومېتىر
    كىلماتى :
    موتىىدل بەلۋاغ قۇرۇقلۇق تىپىغا تەئەلۇق،قىشلىق ئوتۇرچە تىپىراتورىسى:15-......25-.يازلىق ئوتۇرچە تىمپىراتورى 17....25 كىچە . يىلىق ھۆل-يېغىم مىقتارى 430-500 مل گىچە .ئۆسۈملىكلەرنىڭ ئۆسۈش ۋاختى 170 كۈن.
    يەر تۈزلىشى :تاتارىستان زىمىنىنىڭ %90 تۈزلەڭلىك  دېڭىز بولۇپ  يۈزىدىن ئوتۇرچە ئىگىزلىكى 200 مېتىر ،زىمىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىشى %16
    تەبى بايلىقى:
    تاتارىستانىڭ نېفىت ۋە تەبىئى گاز ،كۆمۈر  بايلىقى ئىتايىن بولۇپ ،بۇ بايلىقلار تاتارىستانى روس فىدراتسىيەسىدىكى ئەڭ باي دۆلەتكە ئايلاندۇرغان،
    تارىخى:
    100 مىڭ يىلار ئىلگىرىلا ئىنسانلار ياشاشقا باشلىغان.
    مىلادى9-ئەسىردە تۈرۈكلەر تۇنجى بولۇپ تاتارىستاندا بولغار دۆلىتىنى قۇرغان.
    922- بۇلغار دۆلىتى ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى قىلغان.
    1236-يىلى مۇڭغۇلار بېسىپ كىرىپ ئالتۇن خانلىقىنى قۇرغان.
    13-15 ئەسىرگىچە مۇڭغۇلار تۈرۈكلەرگە ئاسماتسىيە بولۇپ زوۋانلىققا يۈزلەنگەن.
    15-16 ئەسىرگىچە ئالتۇن انلىغى؛قازان خانلىقى، ئاستىرخانىانلىقى قاتارلىق تۆت خانلىققا پارچىلىنىپ كەتكەن.
    1552-يىلى روسلار قازان خانلىقىنى مۇنقەرز قىلىپ تاتارلار ئۈستىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك تاجاۋۇزىنى باشلىغان
    1920-يىلىدىن 1990-يىلىچە 70يىل تاتارىستان سوۋىتلەر ئىتپاقىدىكى روسىيە جۇمھىريىتىگە تەئەلۇق ئاپتونوم جۇمھىريەت بولۇپ تۇرغان.
    1991 يىلى مۇستەقىل بولغان
    1992-يىلى 3-ئاينىڭ 21 -كۈنى پۈتۈن خەلق ئاۋازغا قۇيۇپ %61.4 ئاۋاز بىلەن تۇلۇق مۇستەقىلىق جاكالىغان.
      لېكىن جۇغراپىيەلىك ئورۇنلىشىشىنىڭ ئەپسىزلىكى تۇپەيلى 1994-2-5 روسىيە فىدراتسىيەسى بىلەن تاتارىستان جۇمھۇريىتى شەرتنامە ئىمزالاپ ،تاتارىستان دىپلوماتىيە،تاشقى سودا،باج،مالىيە،دۆلەت مۇداپىيەسى ،مائارىپ،قاتارىق جەھەتلەردىن پۈتۈنلەي ئۆزىگە -ئۆزى ىوجا بولدىغان ئاساستا روسىيە فىدراتسىيەسىنى تەشكىل ئەتتى،ئۇ روسىيە اىدراتسىيەسىدىكى ئەڭ ھوقوقلۇق، ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە دۆلەت ،سىرتقى دۆلەتلەرگە چىقىشتا ئۆز دۆلىتىنىڭ پاسپورتىنى ئىشلىتىدۇ قارىڭىزلا......
    تاتارىستان 43 رايون،10 جۇمھۇريەتكە قاراشلىق شەھەر،8 رايون قفرفشلخج شەھەر،9 ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر،24 كىچىك شەھەر،833 مەھەلىدىن تەشكىل تاپقان.
    ئاھالىسى:
    تاتارىستان جۇمھىريىتىنىڭ ئاھالىسى 3،777،265   بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر ئاھالىسى %75تاتارلار پۇتكۇل جۇمھىريەت نوپوسىنىڭ %51 تەشكىل ئېتىدۇ،وسلار %35%،قالغان تۈركى مىلەتلىرى %16 تەشكىل ئېتىدۇ. ئقتىساد ۋە سانائەت ئەھۋالى : تاتارىستان سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىكتە ئىشلىتىدىغان چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار،نېفىت ئىشلەپچىقىرىش،قېدىرىش ماشىنا ئۈسكىنلىرىنى،كىنوچىلىك ئەسلەھەلىرى،داۋالاش ماشىنا ئەسۋاپلىرى،كاماز ماركىلىق ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش جەھەتلەردە روس فىدراتسىيەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇدۇ. نېفىت،گاز ئىچىش كەسپى،خىمىيە سانائەت كەسپى، نېفىت سانائەت كەسپى ماشىنا ياساش كەسپى،يېنىك سانائەت كەسپى،يىمەكلىك كەسپى قاتارلىق كەسپلىرى ئالاھىدە تەرەققى قىلغان. تاشقى سودا: نېفىت ،تەبىئى گاز ئىكىسپورت قىلىش ،ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسى،كامازماشىناۋە ئۇنىڭ زاپچاسلىرى،بىرىكمى ماتىريال،ئايروپىلان،ماشىنا،دورا ماتىريالى ،كىنوچىلىك ئۈسكىنلىرنى ئىكىسپورت قىلىدۇ. رەڭلىك مېتاللار،ياغاچ،سىمونىت قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ. پەن-تېخنىكا،مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرى: تاتارىستان پەنلەر ئاكادىمىيەسىنى مەركەز قىلىپ ،پۈتكۈل روسىيە فىدراتسىيەسىنىڭ دۆلەت خاراكتىرلىق تەتقىقات ئورۇنلىرى جايلاشقان.تاتارىستاندا70 ئارتۇق تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئورنى بار،پۇتكۇل جۇمھوريەتتە 89 ئالى مەكتەپ 7 ئىجادىيەت جەميىتى،2100كولۇپ،1600 كۇتۇپخانا،110 ئۆسمۇرلەر سارىيى،5 باغچا ،1 ھايۋانلار باغچىسى،قازان سىتودىيىسىنىڭ 5 تارقىتىش ئاپراتى ۋە 43 كىنوچىلىك ئاپراتى بار.جۈملىدىن  پۇتكۈل روس فىدراتسىيەنىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى.

    (ئاپپاق غوجا (كەڭساي تورى


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.