ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2011-03-04

    ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال - [يازمىلىرىم]

     

     

     

     

     

     

    ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال

     

     ۇيقۇدا ياتىدۇ بىر ساھىبجامال،

    قايغۇدىن بىھۇشتەك يانغا قىيسىيىپ .

     

    ئاي نۇرى يۈزىنى غۇۋا يورۇتقان،

     

     تۆكۈلگەن كىرپىكى مەھكەم كىرىشىپ.

     

     ئۇيقۇدا ياتىدۇ بىر ساھىبجامال،

    چىھرىدىن قىزغىنار قۇندۇز چاچلىرى.

     

    شۇنچىلا ئازاپقا قالغانمىدۇ ئۇ؟

     

    يۇمۇلغان كۆزىدىن سىرغار ياشلىرى.

     

     ئۇيقۇدا ياتىدۇ بىر ساھىبجامال،

    جىمغىنا،بۇلۇتتەك ئاپپاق تەنلىرى.

     

    چۈچۈيدۇ كىمنىڭدۇر ئاتاپ ئىسمىنى ،

     

    چۈشىدە قىينىغاچ ئازاپ- غەملىرى.

     

    ئۇيقۇدا ياتىدۇ بىر ساھىبجامال،

     

    ئېلىشىپ تەغدىرى بىلەن ھارغاندەك.

     

    چۈشلىرى شۇ كېچە ئاڭا ھەمرادۇر،

     

    بەخىتگە،ۋىسالغا باشلاپ ماڭغاندەك. 

     

    ئۇيقۇدا ياتىدۇ بىر ساھىبجامال، 

     

    ھۆرلەرمۇ ھۆسنىگە ھەسەت قىلاتتى.

     

    پىستە لەۋ،قاشلىرى بەرگى قىياقتەك....

     

    بىر كۆرۈپ ئاشىقلار نىدا قىلاتتى.

     

     

     

    ئۇيقۇدا ياتىدۇ بىر ساھىبجامال،

     ئەسلىمە يامغۇرى ئۇنى باسقاندەك.

     يۇرگەندۇچۈشىدە بەلكىم ئۇتەنھا،!

    ۋەياكى يارىنى ئىزدەپ تاپقاندەك.

     

     ئۇيقۇدا ياتىدۇ بىر ساھىبجامال، !

    كۆكسىدە گۈل غۇنچە،قولى تاشلىنىپ.

     چۈشەكەپ مىيغىداكۈلۈپ قويارئۇ،

    كەتكەندەك چۈشىدە تويلارباشلىنىپ.

       ...............................

     

    ئۇيقۇدا ياتىدۇ بىر ساھىبجامال،

     

    ﻧﻪﻣﺪﻩﻟﮕﻪﻥ ﭘﻪﻱ ﻳﺎﺳﺘﯘﻕ،چىچى چېچىلىپ.

     ﺑﺎﻏﺮﯨمغا ﺳﺎﻧﺠﯩﻠﺴﺎ قولىدىكى گۈل،

    كېتەرمۇ شاتلىقتىن يۈرەك يېرىلىپ؟!

    2011-02-15!


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.